| سانلارنىڭ پۈتۈن بۈلۈنىشىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى 2گە پۈتۈن بۈلۈنىدىغان سانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىرلەرخانىسى 0،2،4،6،8،بولغان سانلار 2گە پۈتۈن بۈلۈنىدۇ. 3كە پۈتۈن بۈلۈنىدىغان سانلار نىڭ ئالاھىدىلىكى بىرساننىڭ ھەر قايسى خانىللىرىدىكى رەقەملىرىنىڭ يىغىندىسى 3كە پۈتۈن بۈلۈنسە بۇسان 3كە پۈتۈن بۈلۈنىدۇ. 4كە پۈتۈن بۈلۈنىدىغان سانلار نىڭ ئالاھىدىلىكى بىرساننىڭ ئاخىرقى ئىككى خانىسى 4كە پۈتۈن بۈلۈنسە بۇسان 4كە پۈتۈن بۈلۈنىدۇ. 5كە پۈتۈن بۈلۈنىدىغان سانلار نىڭ ئالاھىدىلىكى بىر سننىڭ بىرلەر خانىسى 0ياكى 5بولسا بۇسان 5كە پۈتۈن بۈلۈنىدۇ. 6گە پۈتۈن بۈلۈنىدىغان سانلار نىڭ ئالاھىدىلىكى بىر سان بىرلا ۋاقىتتا 2ۋە 3كە پۈتۈن بۈلۈنسە بۇسان 6گە پۈتۈن بۈلۈنىدۇ. 7گە پۈتۈن بۈلۈنىدىغان سانلار نىڭ ئالاھىدىلىكى بىرساننىڭ ئاخىرقى بىرخانىسىنىڭ 2ھەسسىنى قالغان قىسمىدىن ئالساق شۇ سان 7نىڭ ھەسسلىكى بولسا بۇسان 7گە پۈتۈن بۈلۈنىدۇ مەسلەن 133نىڭ 7گە پۈتۈن بۈلۈنىدىغان بۈلۈمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلايلى 13-3*2=7دىمەك 1337گە پۈتۈن بۈلۈنىدۇ. 6139نىڭ بۈلۈنىدىغان بۈلۈنمەيدىغانلىقىغا ھۆۈم قىلايلى 613-9*2=595چىققان نەتىگە قارىتا داۋاملىق مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىمىز 59-5*2=49 49بولسا 7نىڭ ھەسسىلىكى شۇڭا 6139بولسا 7گە پۈتۈن بۈلۈنىدۇ. 8گە پۈتۈن بۈلۈنىدىغان سانلار نىڭ ئالاھىدىلىكى . بىر ساننىڭ ئاخىرقى ئۈچ خانىسى 8گە پۈتۈن بۈلۈنسە بۇسان 8گە پۈتۈن بۈلۈنىدۇ. 9غا پۈتۈن بۈلۈنىدىغان سانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىر ساننىڭ ھەرقايسى خانىللىرىدىكى رەقەملىرىنىڭ يىغىندىسى 9غا پۈتۈن بۈلۈنسە بۇسان 9غا پۈتۈن بۈلۈنىدۇ. 10غا پۈتۈن بۈلۈنۈش بۇنى يازمىساممۇ كۆپچىلىك بىلىدۇ.(بىرلەر خانىسى 0بولسا بۇسان 10غا پۈتۈن بۈلۈنىدۇ. 11گە پۈتۈن بۈلۈنىدىغان سانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىر ساننىڭ جوپ خانىللىرىدىكى رەقەملىرىنى ۋە تاق خانىللىرىدىكى رەقەملىرىنى ئايرىم قۇشۇپ ئىككى يىغىندا ئارىسىدىكى پەرق 11گە پۈتۈن بۈلۈنسە بۇسان 11گە پۈتۈن بۈلۈنىدۇ.(ئايرىما نول بلسىمۇ بۇلىدۇ) 12گە پۈتۈن بۈلۈنىدىغان سانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىرسان 3ۋە 4كە بىرلا ۋاقىتتا پۈتۈن بۈلۈنسە بۇسان 12گە پۈتۈن بۈلۈنىدۇ. 13گە پۈتۈن بۈلۈنىدىغان سانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى كوپ خانىلىق سانلارغا نىسبەتەن 7،11،13كە پۈتۈن بلۈنىدىغان سانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىرساننىڭ ئاخىرقى ئۈچ خانىسىنى قالغان قىسمىدىن ئالساق ئايرىما 7،11،ياكى 13 كە پۈتۈن بۈلۈنسە بۇسان 7،11،13كە پۈتۈن بۈلۈنىدۇ.(7،11،13كە بىرلا ۋاقىتتا تەڭ بۈلۈش ئەمەس) 25گە پۈتۈن بۈلۈنىدىغان سانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىرساننىڭ ئاخىرقى ئىككى خانىسىدا 00،25،50،75بولسا بۇسان 25كە پۈتۈن بۈلۈنىدۇ. 点击进入下载-2012-4-6.doc
|
|