پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 127|ئىنكاس: 0

باشلانغۇچ مەكتەپئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى قايسى تەرەپلەردىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

10

دوست

98

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
20 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
39 سەر
شۆھرەت
10 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 21:34:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى قايسى تەرەپلەردىن چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك؟




باشلانغۇچ مەكتەپ 1- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپكە كۆندۈرۈش ياكى كۆندۈرەلمەسلىك، ئۇلىنىڭ پۇختا بولۇش بولماسلىقى، ھەممە تەرەپتىن ياراملىق يىتىلىش يىتىلمەسلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ تىرىشچانىلىقىغا باغلىق. شۇنداق بولغاچقا ئوقۇتقۇچى تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە  ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگەللەشكە ۋە ئۇلارنى چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوخشىمىغان ئائىلىدە ئوخشىمىغان تۇرمۇش شارائىتىدا چوڭ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ خۇي – پەيلى، مىجەزى ۋە خارەكىتىرى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى بۇ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە كۆندۈرۋىلىش، خۇي مىجەزىنى ئىگەللەش ئۈچۈن ئۇلارغا ئۆز ئانسىدەك ئىللىق مۇئاملە قىلىپ ئۇلارنى ئوبدان كۆزىتىپ بولمىغۇر قىلىقلىرى، كىچىككىنە سەۋەنلىكىگىمۇ سەل قارىماي، زىرىكمەي، تىرىكمەي سىلىق گەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق تۈزىتىش پۇرسىتى بىرىش، ھەرگىزمۇ كۆرمەسكە سىلىپ ئۆتكۈزىۋىتىدىغان ئادەتنى قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى كىچىك ئىشلار چوڭ ئىشلارنىڭ باشلىنىشىغا ئۇل ھازىرلاپ بىرىدۇ. سۇنىڭ بىشى لاي بولسا، ئاخىرىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى  ئەينەك بولغاچقا چوقۇم كىچىك ئىشلارنى نەزىرىدىن ساقىت قىلماي دەرھال تۈزىتىشى، زىيانلىق تەرىپىنى سۆزلەپ تەربىيە قىلىش، كىچكلىكتىن، بىلمەسلىكىدىن شۇنداق قىلدۇ دىگەن ئويلاردا بولماسلىقى، چوقۇم كىينكى ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئۇل ھازىرلىشى كېرەك.
2. ھەممە ئىشتا باشلامچى بولۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى بىر مۇھىتقا كەلگەندىن كىيىن گاڭگىراپ نېمە قىلىشىنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ دورىمىچىلىق خۇسۇسيىتى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىل خۇسۇسيىتىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ ئىشلارنى ئۆگىتەلەيدۇ، ئۇلارنى تۈزىتەلەيدۇ. ئوقۇتقۇچى ئاغزاكى ئۈگەتمەي ئۈگىتىدىغان ئىشلارغا نىسبەتەن باشلامچى بولۇپ بىۋاستە قول تىقىپ ئۆگىتىىشى، ئاددى ئىشلارنى ئۆزى قىلالايدۇ دەپ تاشلاپ قويماسلىقى، چوقۇم كىيىنكى ھەممە ئىشنى ئىدىتلىق، رەتلىك، پۇختا قىلشىغا ئاساس سىلىشى كېرەك.
3. چاققان، تىتىك بولۇش، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلشقا ماھىر بولۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىتىلىشى، قىزىقىشى تۇراقلىق بولمىغاچقا، ئۇلار ئاساسەن بىر نەرسىگە قارىتا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلەش بولسۇن ۋە باشقا پائالىيەتلەر بولسۇن ئۇسۇل ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى، پىرسۇناژلار تىلغا ۋە ھەرىكىتىگە باي بولۇشى، بالىلارغا خاس خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزىدە يىتىلدۈرۈشى، بالىلارنىڭ ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقىرىپ دىققەتنى يۆتكەشكە ئەھمىيەت بىرىشى، ھەرىكىتى چاققان، تىتىك بولۇشى كېرەك. مۇشۇ تەرەپلەرمۇ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېرەك، چاققان خۇسۇسىيتىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىسى كۆپ.
4. ھەر تەرەپتىن ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
ئوقۇتقۇچى بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئىككىنىچى ئاتا – ئانا. ئانىنىڭ يۈكى تولىمۇ ئىغىر. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ زېرەك، چىۋەر، پاكىزە، ياراملىق ئادەم بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياراملىق، ئەخلاقلىق، غايىلىك ئادەملەردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىدە نۇرغۇن قابىلىيەتنى يىتىلدۈرۈشى ھەر تەرەپتىن ئىزدىنىشى، ئۆزىنى كۈچەيتىىشى، ئوقۇغۇچىنى چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بىرىشى، كەسپى قۇرۇلمىنى مۇستەھكەملىشى، كەم تەرەپلەرگە قارىتا ئىزدىنىشى كېرەك.
5. چارە – تەدىبىر ئويىلاشقا، يىڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك.
بىرىنچى يىلىلىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ « غەلۋىسى» ئىنتايىن كۆپ. ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا نۇرغۇن ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار يۈز بىرىپ تۇرىدۇ. ئۇلار يۈز بەرگەن كىچىك ئىشلارنى ئۆزى ھەل قىلالماي ئوقۇتقۇچىسىغا ئىيتىدۇ. قارىماققا بۇلار ناھايتى  ئاددى، كىچىك ئىش بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى، ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىشى، كەمچىلىك ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا ئاچچىقلانماسلىقى، قالايمىقان سۆز قىلماسلىقى، ئاغرىنماسلىقى، ئېغىر – بىسىق بولۇشى كېرەك ھەم دەرھال چارە – تەدىبىر ئويلاپ ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىن يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى، ئىزدىنىشى كېرەك.
بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇش بىرىنچى سىنىپ      ئوقوتقۇچىسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن جاپالىق ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە.
چوقۇم ئوقۇتقۇچى كۆز ئالدىدىكى ئوماق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا نىسبەتەن سەزگۈر بولۇشى، كىچىك ئىشلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق يىڭلىقى ۋە ئاۋارىچىلىقى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى ۋە مۇشۇ كىچىك يىڭىلىق ۋە ئاۋارىچىلىقلانىڭ ھامىنى بىر كۈنى چوڭ يىڭلىقققا ۋە ئاۋارىچىلىققا ئۆزگىرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىشى، تېخىمۇ ئىزدىنىشى ئوقۇغۇچىلارنى دەۋىر ئىقىمىغا ماس قابىلىيەتلىك يېڭى ئەسىر كىشىلىرىدىن قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن چوقۇم مەلۇم مۇددا مەخسەت، نىشاننى ئىنىق بەلگىلىشى، ھارماي – تالماي ئىلىم تۇلپارىغا چوقۇنۇشى كېرەك. شۇنداق قىلالىسلا چوقۇم ئەجىر – مېھنىتىدىن پۈرەكلەپ گۈل – غۇنچىلار ئىچلغۇسى


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 02:28, Processed in 0.217185 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش