پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 124|ئىنكاس: 5

ئۇقۇتقۇچىلار دەرس ئەندىزىسىنى قانداق تەييارلاش كېرەك[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 2

يوقلىما
44
قىزغىنلىق
48 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
50 سەر
شۆھرەت
29 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 23:51:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇتقۇچىلار دەرس ئەندىزىسىنى قانداق تەييارلاش كېرەك
دەرس تەييارلاش – دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم تەييارلىق خىزمىتى. ئۇ يالغۇز دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى بولۇپلا  قالماستىن، بەلكى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىمەكچى بولغان بىر سائەتلىك دەرسىدە ئوقۇتۇشتىكى مەقسەت ۋە تەلەپ، مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش جەريانى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشى بەلگىلەش – بەلگىلىيەلمەسلىكى، دەرس تەييارلىقىنىڭ پۇختا بولغان – بولمىغانلىقىنى سىنايدىغان مۇھىم ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ.
دەرسنى ياخشى ئۆتۈشتە ئوقۇتقۇچىلار ھەر بىر ئوقۇتۇش ھالقىسىنى ئەستايىدىل لايىھىلەپ، زور مىقداردىكى يۈرەك قېنى ۋە زېھنىي كۈچىنى سەرىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئوقۇتۇشتىكى يۇقۇرى سۈپەت ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ھەر بىر ھالقىنىڭ يۇقۇرى سۈپىتىدىن شەكىللىنىدۇ. بۇ جەھەتتە ساقتىلىق قىلىشقا بولمايدۇ.
دەرس تەييارلىقى _ دەرسنى ياخشى ئۆتۈشنىڭ ئاساسى. تەييارلىقنىڭ ياخشى بولۇش – بولماسلىقى ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش – بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەر بىر دەرسنى تەييارلىغاندا، شۇ دەرس مەزمۇنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي سەۋىيىسى، دەرس ئۆتۈش قەدەم – باسقۇچلىرى ۋە ئۇسۇلىنى تولۇق ئېتىبارغا ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئاساسى ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى، مىجەزى، قىزىقىشى، تەپەككۈر تەرەققىياتى، روھى قىياپىتىنىڭ شەكىللىنىش شارائىتى، ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە ئەمىلى ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئوبدان چۈشۈنۈپ، شۇنىڭغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى لايىھىلەپ چىقىش كېرەك.
بەزى ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلىقىغا ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلمىگەچكە، سىزغۇچ، پىلاستىنكا، پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى قاتارلىق ئوقۇتۇش قوراللىرىنى سىنىپقا ئېلىپ چىقىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، سىنىپ ھەيئەتلىرىنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇيدىغان ئەھۋاللارمۇ دەرس تەييارلىقىنىڭ پۇختا بولمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈش ئۈچۈن، دەرس تەييارلاش جەھەتتە بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈشكە كەتكەن ئەجىردىنمۇ كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئوقۇتۇش لايىھىسى جاپالىق قان – تەر بەدىلىگە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوقۇتقۇچىنىڭ ھىسسىياتى ۋە مۇھاببىتى مۇجەسسەملەنگەن. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، قارىسىغىلا ئۆزى بىلگەن بويىچە پىلان تۈزىدۇ-دە، نەتىجىدە تۈزۈلگەن پىلان ئەتراپلىق بولمىغانلىق سەۋەبىدىن كۆپ ساندىكى بالىلاردا دەرس مەزمۇنىغا نىسبەتەن بەزى چۈشۈنۈكسىز ئۇقۇملار پەيدا بولۇپ قېلىپ، شۇ بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆتۈلۈشىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسسىتىدۇ.
ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرىش ئالدىدا، چوقۇم تەييارلىقنى پۇختا ئىشلىشى كېرەك. دەرس پىلانى كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈلگەن، دەرسكە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار تولۇق تەييارلانغان بولغاندىلا، شۇ سائەتلىك دەرستە ھامان كۆزلىگەن ئۈنۈمنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، بىر سائەتلىك دەرسنى ئۈنۈملۈك ئۆتۈپ چىققىلى بولمايدۇ.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 3 + 2 + 3 + 2بارىكاللار تېرىشىڭ!
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 6 تىللا + 5 تۆھپە + 6 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 03:05:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت، ياخشى تېمىكەن. ھەممىمىز ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق تېمىلار ئۈستىدە مۇھاكىمە-تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك ئېلىپ بارساق، دەېسخانى ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك ياخشى بۇلىدۇ.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 19:12:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە نۇر ئەپەندىم ئۇقۇ- ئۇقۇتۇشقا ئائىت بولغان ياخشى ئەسەر يوللاپسىز .  بولسا بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى بولغان ماقالىلارنى يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن . رەخمەت سىزگە . بەك ياخشىكەن پايدىلىنىش قىممىتى باركەن . تىللا دىگەن مۇشۇنداق پايدىلىنىش قىممىتى بار تىمىلاردا ئۆزلىكىدىن كىلىدۇ. يەنە يوللاپ تۇرارسىز  ئەتىكى ئۇرۇن يەنىلا سىزنى ساقلاۋاتىدۇ..
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 19:16:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تەييارلىق چۈشۈرگۈدەك تىللايىڭىز بولدىغۇ . شىئېر . ماقالا  يۇمۇر . لاتىپە ، ئىبىزوت . ناخشا بولسىمۇ بۇلىدۇ. بۇلارغىمۇ تىللا قۇشۇلىدۇ. سەىىپىسىنى توغىرا تاللاڭ . ئىجادىي يازمىللىرىڭىز بولسا تېخى ياخشى تىللا كوپ قۇشۇلىدۇ. رەخمەت سىزگە
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 13:34:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ماتىرىياللارنى يوللاپ تورنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ بەس مۇنازىرە قوزغاپ ھەل قىلىش قىيىن بولماسىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلساق ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى
XAMسالاھىيىتىنى دەلىللەش 

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3291 سەر
تىللا
1424 دانە
تۆھپە
1074 سەر
شۆھرەت
1332 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 13:43:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز، ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلساق
ئادەمنىڭ ھاياتى قىسقىغىنە نەچچە ئون يىل بۇلىدۇ. بىر كۈندە نۇرغۇن ئادەم تۇغۇلۇپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ تۇرىدۇ. قى ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:30, Processed in 0.150149 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش