كۆرۈش: 402|ئىنكاس: 7

بايقاش مائارىپ تورىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا :

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بايقاش مائارىپ تورىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا :

كۆز ئالدىمىزدىكى 2016-2017-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ .
بۇ مەزگىلدە جىددىي ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەردىن ھەرقايسى پەنلەرنىڭ يىللىقلار بويىچە ئوقۇتۇش سۈرئەت كالېندار پىلانلىرى ، تۈرلۈك قوشۇمچە خىزمەتلەرنىڭ خىزمەت پىلانلىرى ، ھەرقايسى يىللىقلار ، ھەرقايسى پەنلەرنىڭ دەرس تەييارلىقلىرى ، دەرسلىك دېتاللار ...قاتارلىقلار بار .
1)        تەلەپ : مۇنبەر ئەزالىرىدىن يۇقارقى ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈرئەت كالېندار پىلانلىرىنى ھەر بىر يىللىقنى ياكى پۈتۈن يىللىقلارنى بىر يەرگە يىغىپ مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزۈپ يوللىغانلارنىڭ تېمىسى ھەقلىق تېما قىلىپ تەڭشەپ قويۇلىدۇ . ۋە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغانلارنىڭ تېمىسى باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن باھالىنىدۇ ۋە ئەزالىق دەرىجىسىنى تەڭشەش ئالدىن ئويلىشىلىدۇ .
ئەسكەرتىش : پىلانلارنى يوللىغاندا قوشتىلمۇ ياكى ئانا تىل سىنىپلارنىڭمۇ ، قايسى مەۋسۇم...دېگەندەك تەپسىلاتلارنى ئۇنتۇپ قالماي تولۇق يېزىپ يوللاش لازىم .
2)        تەلەپ : ھەرقايسى يىللىقلار ۋە ھەرقايسى پەنلەرنىڭ دەرسلىك لايىھىلىرىنى ئەستايىدىل تەييارلاپ يوللىغۇچىلارنىڭ تېمىسى ھەقلىق قىلىپ تەڭشىلىدۇ . ۋە باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن باھالىنىدۇ . ( دەرس لايىھىلىرىنى يوللىغاندىمۇ قايسى يىللىق ، قايسى پەن ، قوشتىلمۇ ئانا تىلمۇ ...قاتارلىق ئىنچىكە تەپسىلاتلار ئېنىق يېزىلىشى لازىم ) دەرس لايىھىلىرىنى يوللىغاندا مۇمكىنقەدەر ئەڭ ئاز بولغاندا بىر ھەپتىلىكنى بىر يوللاش ، بىرە سائەتلىك مەزمۇنلارنى ئىمكان بار يوللىماسلىق ، ئاخىرىدا جۇغلاپ بىر قېتىمدا يوللاش –بۇنىڭدىن مەقسەت مائارىپ بايلىقلىرىنىڭ توپلىنىشى ۋە كەڭ مائارىپچى قېرىنداشلارنىڭ بىۋاستە پايدىلىنىش سالمىقىنى زورايتىشتىن ئىبارەت .
دەرس لايىھىلىرى مەزمۇن سالمىقى جەھەتتىن كۆپ بولغان تېمىلار جەۋھەر تېمىلار قاتارىغا قوشۇلىدۇ .
3)        تەلەپ : تۈرلۈك پەنلەرنىڭ 1-ماۋسۇملۇق دەرسلىك دېتاللىرىنى ئىشلەپ يوللىغۇچىلار تىللالار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ .
يۇقارقى مائارىپ بايلىقلىرى ئۈچۈن ھەرقايسى مائارىپچى مۇنبەرداشلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ . تاما-تاما كۆل بۇلار ...دېگەن ھېكمەت روھى بويىچە ھەممەيلەن ئىزدەنسەك .

بايقاش مائارىپ تورى رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى


بايقاش مۇنبىرى ئالىي باشقۇرغۇچىسى زەپەر ئەپەندىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يوللاندى .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-8-20 21:58:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئويلاپسىز ...
ۋاقتى: 2016-8-21 00:21:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى يىللدىكىنىڭ پىلانى بولسا يوللاپ قۇيسام ،مۇۋاپىق كىلىدىغانلىرىنى پايدىلانسىمۇ بولارمۇ ياكى .....؟

باھا سۆز

يوللاپ قويسىڭىز مەيلى ، پايدىلىنالىساق بۇمۇ ياخشى ئىش بولىدۇ . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2016-8-21 15:54
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-8-21 15:54:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامەت39 يوللىغان ۋاقتى  2016-8-21 00:21
ئالدىنقى يىللدىكىنىڭ پىلانى بولسا يوللاپ قۇيسام ،مۇۋا ...

يوللاپ قويسىڭىز مەيلى ، پايدىلىنالىساق بۇمۇ ياخشى ئىش بولىدۇ .
ۋاقتى: 2016-8-21 18:21:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم كەۋسەر ئەپەندى يىقندىن بۇيان بايقاش مائارىپ توردىكى ماتىرىياللارنى نورمال چۈشۈر گىلى بولمايۋاتىدۇ باشقۇرغۇچىلار مۇشۇ مەسلىنى بىرتەرەپ قىلىپ بەرسە
ۋاقتى: 2016-8-23 20:34:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەشەببۇسكەن رەھمەت
ۋاقتى: 2016-8-23 23:54:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قانداق يوللاشنى بىلەلمەي قالدىم.....
ۋاقتى: 2016-8-27 16:26:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تەكلىپ بوپتۇ ئىمكان بار ھەممەيلەن تەڭ كۈچ چىقارساق ماتىرياللار تولۇق بولسا ھەرقانداق دەرسنىڭ ھەرقايسى ماۋسۇملارنىڭ تولۇقلىنىپ كەتسە ئوقتقۇچىلار بايقاشتىن باشقا يەنە نېمىنى ئىزلەيدۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش