بىر غېرىبنىڭ نالىسى
زىكرۇللا مەمەت (كەۋسەر )
يىتىملىك دەردىدە يۈرىكىم ئانا ، غېرىپلىق باستىغۇ تۈۋرۈكۈم دادا، سىلەرسىز شاتلىقىم يوق بولدى ئەمدى. مارجاندەك ياشلىرىم تۆكۈلەر يەنا .
چىدارغا تاقىتىم يوق ئەمدى مېنىڭ ، كەچۈرگىن ئاجىزە قىزىڭنى دادا . چۈشۈمدە كۆرىمەن ھەر كېچە بىر رەت ، كۆز ئاچسام ھېچيەردە يوقسەن جان ئانا .
ئاناسىز بۇ ئۆيلەر تار كەلدى ماڭا ، دادىسىز بۇ ھايات زۇلمەتكەن ماڭا جېنىم بالام دەيتتىڭ دائىم جان ئانا، بېرەلمىدىم مېھرىمنى ھەم بىر ساڭا .
ئەركىنلىكىڭ بوغۇلغاندا جان دادا ، تولغىنىمەن ئاچچىق يۇتۇپ ھەردائىم . چاپتىم شۇنچە ھەر تەرەپكە تېپىرلاپ ، زار يىغلايمەن تاپالمىغاچ ئامالىم .
كۈندە مىڭ بىر تىرىلىمەن مىڭ ئۆلۈپ ، ئانىسىدىن ئايرىلغان بوتىلاقتەك . يۆنىلىشكە تېغىم يوقكەن ھەم بېغىم . ئارمانلىرىم توزۇپ كەتتى توزغاقتەك .
ئانامسىز بۇ جاھان تار كەلدى ماڭا ، دادامسىز بۇ ھايات خار كەلدى ماڭا. بىر قۇياش ئازابنى ئىچىمگە يۇتتۇم ، مېنىڭدەك غېرىبقا كىم بۇلار پانا...
|