| يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپا توغرىسىدا يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى دەرسخانا ئوقۇتۇشى، دەرسلىكنىڭ يېڭىدىن ئۆزگەرتىلىشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتنى چۈشىنىش ئارقىلىق، كىچىكىدىن باشلاپ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا ئاساس سالغۇچى ئىسلاھاتتىن ئىبارەت. دەرس ئىلاھاتى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، بىر قانچە قېتىملىق تەربىيلەش ۋە يېتەكلەش ھەمدە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورۇنلىرى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، ھەرقايسى پەنلەردىن ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاپ چىقىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلاردىكى بىلىم قابىلىيەت ۋە ئوقۇتۇش جەريانىنى باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەشنى ئاساس قىلىپ دەرسخانا ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇردى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئوقۇتۇش ئوسۇللىرى يېڭىلىنىشقا ۋە ئۆزگەرتىلىشكە باشلانغان بۈگۈنكى دەۋردە، دەرس ئىسلاھاتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى، ئوقۇتقۇچىلاردىن بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھازىرقى زامان ئوقۇتۇشىغا يۈزلىنىشنى ھەمدە ئۆزىدە يېڭى دەۋرگە ماس بولغان ئۇنىۋېرسال ساپا ھازىزلاشنى تەلەپ قىلدى. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپا قايسىلار ؟ 1. تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئالدى بىلەن پۇختا بولغان تىل- ئەدەبىيات نەزىرىيە ئاساسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. يەنى، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى مول بولغان ئەدەبىياتقا ئائىت نەزەرىيىۋى بىلمىلەر بولۇشى، ئۆگەنگەن نەزىرىيىۋى بىلىملەرنى ئەدەبىياتقا تەدبىقلىيالايدىغان، ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىيەت ئارقىلىق نەزىرىيىۋى بىلىملەرنى ھېس قىلدۇرالايدىغان قابىلىيەت بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى تۈر- ژانىرلىرى توغرىسىدا سېستىمىلىق بىلىمگە ئىگە بولۇشى، تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى تەلەپكە لايىق ھالدا بىمالال ئېلىپ بارالايدىغان بولۇشى كېرەك. 2. تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىلشۇناسلىق نەزىرىيە ئاساسى ياخشى بولۇشى كېرەك. تىل – ئەدەبىيات دەرسىلىكىدىكى تېكىستلەرنىڭ ھەربىر جۈملىسىنى تەھلىل قىلغاندا، تىلشۇناسلىق نەزىريىسىنى تىلغا ئالماي، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا ئائىت بىلىملەرنى سۆزلىمەي مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى بىلىملەر بىر ئادەمنىڭ تىل- ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال بىلىمنى سىناشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ. تىل- ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا راۋان، توغرا ،ھېسياتلىق ئوقۇش ۋە توغرا يېزىش ئىقتىدارىنى ئۆگەتكەندىن سىرت، ئۇلارغا فونتېكا، لېكسىكا، گرامماتىكا ھەققىدىكى بىلملەرنى بىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئانا تىلنى ۋە ئانا تىلنىڭ قائىدە- قانۇنىيەتلىرىنى پىششىق ئىگىلىشى، سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى ۋە گرامماتېكىلىق ئالاھىدىلىكىنى پىششىق بىلىشى لازىم ھەمدە تىنىش بەلگىلىرىنى مۇۋاپىق ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. 3. تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ھەرقايسى پەنلەردىمۇ مەلۇم دەرىجىدىكى بىلىم ئاساسىنى تۇرغۇزىشى كېرەك. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى جەريانىدا تارىخىي بىلىملەرنى بىلمىسە، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتىراپلىق بىلىملەر بىلەن تەمىنلىگىلى بولمايدۇ. جۇغراپىيە بىلىملىرىنى بىلمىسە، بەزى ئاتالغۇلارنى چۇشەندۇرۇشتە يەنىلا قىينىلىدۇ. شۇڭا تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى باشقا پەنلەردىنمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە خەۋەردار بولۇشى كېرەك. 4. تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى مائارىپ ئىدىيىسىنى يېڭىلىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى مائارىپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئېچىش، ساغلام ئىندېۋىدۇئاللىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، كەلگۈسى جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە ماشلىشالايدىغان خادىملارنى تەربىيلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئىلگىرىكى نوقۇل بىلىم بەرگۈچىدىن تەدىرجىي ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىگە ئايلىنىشى كېرەك. 5. تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بەلگىلىك يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۇشى كېرەك. بەزى كىشىلەر تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنى يازغۇچى دەپ قارايدۇ. بۇ گەرچە بىرتەرەپلىمە قاراش بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا تىل – ئەدەبىيات دەرسىدە يېزىقچىلىققا ئالاھىدە ۋاقىت ئاجىرتىلغان. يېزىپ بېقىڭ، تەسۋىرلەپ بېقىڭ دېگەندەك مەشىقلەر بېرىلگەن. شۇنداق بولغاچقا، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئالدى بىلەن ئۆزى يېزىپ ئۆلگە كۆرسىتىپ بەرگەندە، ئوقۇغۇچىلاردا نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىش مەسلىسىگە بولغان چۇشەنچىسى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. ئۆزىدە يېزىقچىلىق ئىقتىدارى بولماي تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىققا تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەمدە تەكشۈرۈپ ئۇزگەرتىش تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ. شۇڭا، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يېزىقچىلىق سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. ئومۇمەن، يېڭى دەرس ئىلاھاتىدا، ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ نەزىرىيىۋى بىلىم ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇشنىڭ ئۆنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. 6.تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىلى ئۆتكۈر ۋە راۋان بولىشى كېرەك. تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىلى ئۆتكۈر بولغاندا ئىپادىلەش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ،تىلى راۋان بولسا جەلىپ قىلىش كۈچى كۈچلۈكبولىدۇ. 7.تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىملاسى توغرا ۋەچىرايلىق بولىشىكېرەك.تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىكى ئىملا خاتالىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چالا ساۋات ۋە ساۋاتسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېزىقىنىڭ سەتلىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوبرازىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
|
|