كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 1

‹‹مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە›› بەرپاقىلىش خىزمەت لايىھەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سايرام بازارلىق يېڭباغ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ



‹‹مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە›› بەرپاقىلىش خىزمەت لايىھەسى





سايرام بازارلىق يېڭباغ باشلانغۇچ مەكتەپ
2015-يىلى9-ئاينىڭ 8-كۈنى



سايرام بازارلىق يېڭباغ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ‹‹مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە›› بەرپاقىلىش خىزمەت لايىھەسى
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، يىراق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلانى پىروگراممىسى (2020- 2010)»نى ئومومىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرى» (ش پ ئى 【2012】21- نۇمۇرلۇق)نى تارقاتتى.
مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتى بولسا مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە (شەھەر، رايون) بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىنى قوبۇل قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن رەھبەرلىكنى ھەقىقى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىپ، ھەر قايسى باسقۇچتىكى كۆرسەتكۈچلەرنىڭ مەزمۇنىنى توغرا ئىگەللەپ، ئاپتونۇم رايوننىڭ مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە  بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدىكى پىلان، نىشانلارنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەكىپىمىز بۇ خىزمەتلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ باسقۇچقا بۇلۇپ ئېلىپ بارىمىز
1. 2015-يىلغىچەمەكتىپىمىزنىڭ ئۆلچەملەشتۇرۇش قۇرلىشىنى ئىشقائاشۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرنى ئىشلەپ ئاخىرلاشتۇرمىز  مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى بولسا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققى قىلدۇرۇش، مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش، مائارىپتا كۈچلۈك مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئاساس خاراكتىرلىك قۇرۇلۇش، شۇڭا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە (شەھەر، رايون) نى مۇپەتتىش قىلىپ باھالاش يولغا قويۇش لايىھەسى (سىناق نۇسخا)»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بۇ لاھىيىنى تۈزۈپ چىقتۇق.
1.تەشكىلى رەھپەرلىك كۇچايتىلدۇ،ھەمدە رەھپەرلىك بەنزىدىكى ھەر بىر خادىمنىڭ ئىش تەخسىماتى ئېنىق ئايرىلدۇ.
گۇرۇپپا باشلىقى:تۇرغۇن مامۇت(مەكتەپ مۇدىرى)ئومۇمى خىزمەتلەرگە مەسئۇل.
مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى:تۇراپ ئەرشى(ئىلمى مۇدىر)
تەشكىللەش،يىتەكلەش،ئارخىپ ماتىرياللارنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل.
مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى:ئابلىز ھەمەر(ئەخلاقى تەربىيە مۇدىر)
ماتىريال بىلەن تەمىنلەش،تاپشۇرۇپ ئىلىش،ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل.
ئەزالىرى::زۇلپەر ئەمەت(A1ئارخىپلاشتۇرۇشقا مەسئۇل)                                    ئابلىز ھەمەر(2 A ئارخىپلاشتۇرۇشقا مەسئۇل)
                ئىدىرىس مەممەت (A3ئارخىپلاشتۇرۇشقا مەسئۇل)                      تۇراپ ئەرشى (A4ئارخىپلاشتۇرۇشقا مەسئۇل)
«مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش خىزمەت پىلانى» ۋە «مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى پىلانى» تۈزلۈپ، ھەم پىلانغا ئاساسەن يىللارغا بۆلۈپ يولغا قويۇش پىلانى تۈزلۈپ، پىلاندىكى نىشان ۋە يىللىق پىلان بويىچە ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدۇ.
2.مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدۇ.
مەكتەپ مۇدىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاربىلەن ماسلىشىپ، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈملۈك مىخانىزىمنى شەكىللەندۈردۈرمىز. ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق باشقۇرۇش ۋە خىزمەت سۈپىتىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنۇتۇلۇپ،ھەر بىر خادىمنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرلۇپ، پىلان، مەزمۇن، تاماملاش ۋاقتى تارماقلارغا، كىشى بىشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدۇ.
3.يۇقۇرى دەرجىلك ئورۇنلارنىڭ قوللىشنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى مەبلەغ سىلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن بويىچە مائارىپ خىراجىتىدىكى “ئۈچ ئۆسۈش”نى ئىشقا ئاشۇرۇش. يەنى: مالىيەدىن مائارىپقا ئاجراتقان خىراجەتنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى مالىيەنىڭ دائىملىق كىرىمىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىدىن يۇقۇرى، ئوقۇغۇچى بىشىغا توغرا كەلگەن مائارىپ كەسپى خىراجىتى ۋە ئوقۇغۇچى بىشىغا توغرا كەلگەن ئوموم ئىشلار خىراجىتى يىلمۇ- يىل ئاشقان بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ. ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى مەبلەغ سىلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن بويىچە مائارىپ خىراجەت چىقىمىدىكى “ئىككى نىسبەت”نى ئىشقا ئاشۇرۇش. يەنى: مالىيەدىن مائارىپقا ئاجراتقان خىراجەتنىڭ مالىيە چىقىمىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى يىلمۇ يىل يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن، مالىيە مائارىپ چىقىمى نىسبىتى ئاپتونۇم رايوننىڭ تەلىپىگە يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ.
4. «ئاپتونۇم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ مەكتەپلىرى مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى (سىناق نۇسخا)» (ش م ئا 【2011】23- نۇمۇرلۇق) (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى» دەپ ئاتىلىدۇ) دىكى تەلەپكە يەتكەن، قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنغان بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ. مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشى «مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى»نىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرلۇپ، مەكتەپ تەسىس قىلىش پىلانى ئومومى جەھەتتىن ئىلمىي مۇۋاپىقلاشتۇرلۇپ. يىقىن ئارلىقتا مەكتەپكە كىرىشتە قاتناپ ئوقۇش (كىلىپ- كىتىپ ئوقۇش) بىخەتەر بېرىپ كىلىشكەكاپالەتلىك قىلىندۇ.
5. مەكتىپىزنىڭ ئوقۇغۇچى بىشىغا توغرا كىلىدىغان يەر كۆلىمىنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى بىشىغا توغرا كىلىدىغان يەر كۆلىمى، مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدىغان يەر (كۆلىمى) قۇرۇلۇش كۆلىمى، تەنتەربىيە مەيدانى كۆلىمى، كۆكەرتىش كۆلىمىنى ئاپتونۇم رايوننىڭ «مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى»دىكى تەلەپكە تىرشىپ يەتكۈزۈلدۇ.
6.مەكتەپ قوروسى پىلانى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل، رايونلارغا بۆلۈنىشى ئىنىق، ئاپتونۇم رايوننىڭ «مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى» دىكى تەلەپكە يەتكەن («مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى» 4- باپ 10- ماددا)، تەستىق ھۆججىتى بولغان، پىلان بويىچە ئىجرا قىلغان بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ.
باشلانغۇچ مەكتەپتە 40- 45 گىچە ئوقۇغۇچى («مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى» 3- باپ 8- ماددا)بۇلۇش تەلىپى ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ.
7.ئاپتونۇم رايوننىڭ «مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى» دىكى تەلەپكە يەتكەن، ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۆيلەر ئىھتىياجىنى قاندۇرغان بولۇش. مەكتەپ قۇرۇلۇشى مەكتەپ كۆلىمىگە ئاساسەن دۆلەت ئىلان قىلغان «يېزىلاردىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر مەكتەپ ئۆي ئىمارەتلىرى قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى» (ق ئۆ 【2008】159 – نۇمۇرلۇق) ۋە «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر تەبىئى پەن تەجىرىبىخانا سايمانلىرى ئۆلچىمى» دىكى بەلگىلەنگەن مۇناسىپ مەكتەپ ئۆي ئىمارەتلىرى قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇش («مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى» 4- باپ 9- ماددا) ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ..
8.مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانى (سارىيى)، تەنتەربىيە پائالىيەت مەيدانى ئاپتونۇم رايوننىڭ «مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى» دىكى تەلەپكە يەتكەن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ،تەنھەركەت مەيدانى تەنتەربىيە دەرىسى، دەرس ئارلىقىدىكى گىمناستىكا ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتكە ئىھتىياجلىق مەيداننى تەلەپ بۇيچە ھازىرلىندۇ. m100 لىق تۈز يۈگۈرەش يولى، m200 لىق ئايلانما يۈگۈرەش يولى بار يىنىك ئاتلىتكا مەيدانى بولۇش («مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى» 4- باپ 11- ماددا) ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ.
9.مەكتەپ قوروسىنى “تۆتلەشتۈرۈش“ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، مەكتەپ قوروسىنى كۆكەرتىش ئاپتونۇم رايوننىڭ «مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى» دىكى تەلەپكە يەتكەن بولۇش («مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى» 4- باپ 11- ماددا) تىنچ- ئامان مەكتەپ، يىشىللاشقان مەكتەپ (باغچىلاشقان مەكتەپ) بولۇش  ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ.
10. مەكتەپ ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرىنىڭ سەپلىنىشى ئەمەلىي ئىھتىياجنى ئاساسى جەھەتتىن قاندۇرغان، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى سەپلەش ئۆلچىمى (سىناق نۇسخا)» (ش م ئا 【2010】35- نۇمۇرلۇق) گە يەتكەن ياكى ئاشقان بولۇش،تەبىئى پەن تەجىرىبىخانا سايمانلىرىنى سەپلەش «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر تەبىئى پەن تەجىرىبىخانا سايمانلىرى ئۆلچىمى» دىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولغان بولۇش. تەجىرىبىخانا قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتا مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر تەجىرىبىخانا بەلگىلىمىسى» (ج ئا ئى 【2009】11- نۇمۇرلۇق) نى قاتتىق ئىجرا قىلىش  («مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى» 5- باپ 16- ماددا) ئىشقائاشۇرۇلدۇ.
11. تەنتەربىيە، ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھە سايمانلىرىنىڭ سەپلىنىشى «دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە، ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھە ئۈسكىنىلىرى شارائىتى ئاساسى ئۆلچىمى»گە يەتكەن ياكى ئاشقان بولۇش  («مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى» 5- باپ 18- ماددا). سەنئەت (مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت) سايمانلىرىنىڭ سەپلىنىشى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى سەپلەش ئۆلچىمى (سىناق نۇسخا)» (ش م ئا 【2010】35- نۇمۇرلۇق)ھۆججەتنىڭ تەلىپىگە يەتكەن، باشقۇرۇش قىلىپلاشقان، تولۇق ئىشلىتىلگەن بولۇش ئىشقائاشۇرۇلدۇ.
12. زامانىۋى تېخنىكا ئەسلىھەلىرىنىڭ سەپلىنىشى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى سەپلەش ئۆلچىمى (سىناق نۇسخا)» (ش م ئا 【2010】35- نۇمۇرلۇق)ھۆججىتىنىڭ تەلىپىگە يەتكەن بولۇش. «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر يىراق مۇساپىلىق مائارىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (ش ە ئى 【2009】115- نۇمۇرلۇق)، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئوتتۇرا يىراق مۇساپىلىق مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلان پىروگراممىسى» (2010- 2020 ) ۋە “12- بەش” يىللىق پىلاننىڭ تەلىپى ۋە تەرەققىيات نىشانى بويىچە مەكتەپلەردە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى سەپلىگەن بولۇش. مەكتەپدە بىر كومپيۇتېر سىنىپى، 70 كۇۋادىرات مىتىردىن يۇقۇرى سىفىرلىق پرويېكتور (كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئاپپاراتى) ۋە باشقا كۆرسىتىش ئەسلىھەسى سەپلەنگەن بىر كۆپ ئىقتىدارلىق سىنىپ، تور سىنىپى، ھەر بىر سىنىپقا بىردىن چوڭ ئىكرانلىق تېلېۋىزور، DVD كۆرسىتىش ئاپپاراتى (قويغۇچ) ۋە يىراق مۇساپىلىق بىۋاستە كۆرسىتىش دەرسخانىىسى قوبۇللىغۇچ ئەسلىھەسى ۋە قوبۇللىغۇچ يۇمشاق دېتالى سەپلەنگەن بولۇش. ئوقۇغۇچى بىلەن كومپيۇتېرنىڭ نىسبىتى 25:1 دىن تۆۋەن بولماسلىق ئىشقائاشۇرۇلدۇ.
13. ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئۆگىنىش دائىرىسى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ سەپلىنىشى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى سەپلەش ئۆلچىمى (سىناق نۇسخا)» (ش م ئا 【2010】35- نۇمۇرلۇق) ھۆججەتنىڭ تەلىپىگە يەتكەن، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمگەك تېخنىكا تەربىيىسى، تەتقىقات خاراكتىرلىك ئۆگىنىش، ئىجتىمائى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشنى جانلىق تەشكىللىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشىگە قولايلىق بولغان بولۇش ئىشقائاشۇرۇلدۇ.
14. ئوقۇغۇچى بىشىغا توغرا كىلىدىغان كىتاپ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 20 پارچىدىن كەم بولماسلىق، تەكرار نۇسخىسى (بىر خىل كىتاپ) 12 پارچىدىن ئىشىپ كەتمىگەن بولۇش. بەلگىلىك نىسبەتتە ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش ماتىرىيالى، قورال كىتاپ، گېزىت ژورنال، ئۈن- سىن ماتېرىياللىرى، ئېلىكتىرونلۇق ئوقۇشلۇق قاتارلىقلار بولغان بولۇش. ھەر يىلى يىڭىدىن كۆپەيگەن كىتاپ نىسبىتى كىتاپ سەپلەش ئۆلچىمىنىڭ %5 دىن كەم بولماسلىق («مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسى ئۆلچىمى» 5- باپ 17- ماددا) ئىشقائاشۇرۇلدۇ.
15. ئاپتونۇم رايوننىڭ «قوش تىل ئوقۇتۇش پىلانى» ۋە نىشانىنى پائال، پۇختا، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەن، قوش تىل ئوقۇتۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئىمتاھانىدا لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %80 دىن يۇقۇرى بولغان بولۇش ئىشقائاشۇرۇلدۇ.
16.مەكتىۋىمىزدە قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيتى،كۇرجۇك پائالىيتى،2-دەرىسخانا پائالىيتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ مەنىۋى مەدىنيىتىنى بېيتىشقا ئاساس سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پەن مەدىنيەت بىلىملىرنى ئۈگۈنىش قىزغىنلىقى يۇقۇرى كۈتۈرۈلدۇ.
17.ئۇقۇغۇچىلارغا ھەر ھەپتىدە ئېلىپ بېرىلدىغان بايراق چىقىرىش ۋە چۈشۈرۈش مۇراسىم ۋاقتىدىن پايدىلنىپ ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللىكتىۋىزىملىق،5قاراش،4نى تۇنۇش تەربىيەسىنى سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇقۇغۇچىلار قايدىسى ،ئۇقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى ۋە مەكتەپ قائىدە تۈزۈملىرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش تەربىيسى كۈچەيتىلدۇ ھەمدە مەكتەپ مۇھىت تازلىقى قوغداش،كىتاپ ماتىرياللارنى ئاسىراش،سۆز-ھەركىتى مەدىنى بۇلۇش،ئارم ۋاقىتلىردا سىنىپ كوللىكتىپى بۇيچە مەدىنى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش تەربىيسىنى كۈچەيتىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ.
18.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى باھالاشتا لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %99 دىن تۆۋەن بولمىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلار تەن ساپاسى ساغلاملىق ئۆلچىمى» دە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %95 گە يەتكەن، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندە بىر سائەتلىك تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتى بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن، تەنتەربىيە، سەنئەت 2 + 1 تۈرىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى پىلاندىكى نىشانغا يەتكەن بولۇش ئىشقائاشۇرۇلدۇ.



سايرام بازارلىق يېڭباغ باشلانغۇچ مەكتەپ
2015-يىلى9-ئاينىڭ 8-كۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-10 17:46:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاشتىكى كەسىپداشلار ئورتاق ھەمكارلاشساق ھەممىمىز  بالىلار تەربىيلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغانلار شۇڭا ئۇقۇتۇش خىزمىتىدە دەرىس دىتالى ،دەرىس لاھىسى يوللاش ئارقىلىق ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ يىتەرسىزلىكلەرنى تۈزتىش جەھەتتە ياردىمى بۇلار دەپ ئويلايمەن بارلىق تور داشلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈممۈت قىلىمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش