كۆرۈش: 166|ئىنكاس: 0

يەسلى مائارىپىغا 5يىلدا 400مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) مائارىپ مىنىستىرلىكى ئاساسىي مائارىپ ئىككىنچى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جېڭ فۇجى 24-نويابىر، تىرىشىش ئارقىلىق، بەش يىلدىن بۇيان يەسلى مائارىپىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يەسلى مائارىپىغا بولغان مالىيە سېلىنمىسى 400مىليارد يۈەنگە يەتتى، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 80مىليارد يۈەن بولدى. «مائارىپ پىلان تېزىسى (2010-2020-يىل)» ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ھەر يىلى ئاران 16مىليارد يۈەن ئىدى.

  24-نويابىر، مائارىپ مىنىستىرلىكى «مائارىپ پىلان تېزىسى (2010-2020-يىل)» ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. باھالاش دوكلاتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىن جياڭسۇ، شەندوڭ، ئەنخۇي، جياڭشى، شەنشى، سىچۇەن قاتارلىق 6ئۆلكىدىكى 54جاينى تاللاپ، يەسلى ئائىلە باشلىقلىرى، يەسلى مۇدىرلىرى ۋە يەسلى مائارىپىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەنپەئەت توپىدىن راي سىناش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ «پىلان تېزىسى» يولغان قويۇلغاندىن بۇيان «يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش» مەسىلىسىنى يەڭگىللىتىپ، «يەسلىگە كىرىش قىممەت بولۇش» ئەھۋالىنى ھەل قىلىشقا بولغان رازىلىق نىسبىتىنى ئىگىلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش