| ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم،ئەزىز تېنىڭلار سالامەت،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن.كەمىنە ھەرقايسىڭلار بىلەن ئىچكىرى تۇللۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان شۇ جاپاكەش ئىنى-سىڭىلىرىمنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە توختالماقچىمەن. 1. مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ بۇ خىل ئالاھىدە غەمخورلۇق سىياسىتىنى توغرا چۇشىنىش ۋە قۇبۇل قىلش.ئىچكىرى توللۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش 2000-يىلى باشلانغان بۇلۇپ،بوۋاقلىققتىن ئۆسمۈرلۇككە قەدەم قويدى،مۇشۇ جەرياندا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،دۆلىتىمىزىگە،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۈم رايۇنمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت-شەھەر،ناھىيە،يېزا-قىشلاقلارغا ئاز بولىمىغان ئىخساس ئىگلىرنى يىتۇشتۇرۇپ چىقىپ،شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زۈرۈر ئەۋلاتلارنى تەربىيلەپ بەردى،توختاۋسىز تەربىيلىگۇسى...بۇنداق دىسەم شىنجاڭدا ئىخساس ئىگسى يوقتەك،ياكى ئىچىكىرى توللۇق ئوتتۇردا ئوقىمىسا چىققمامدىكەن دەپ سۇئال قۇيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە...ھازىرلا جاۋاپ بىرەي:چىققان،چىقۋاتىدۇ،بۇندىن كىيىنمۇ چىقىدۇ......چۇقۇم چىقىدۇ.لىكىن شىنجاڭدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا،توللۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سانى بىلىم ئېلىش ئىستىكىدە تۇرغان شۇ سەبىيلەرنىڭ،غۇنچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالامدۇ؟ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىچۇ؟ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىچۇ؟ھازىر شىجاڭنىڭ تەرەققياتىمۇ ئۈچقاندەك كىتىۋاتىدۇ،يۇقاردا سىزگە قۇيۇلغان سۇئال بەلگىلىرى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۇلۇقسىز،توللۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى پەرقى خېلىلا زور.ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ س دەرىجىلىك مەكتەپلىرىمۇ بىزنىڭ شىنجاڭ رايۇندىكى نوقتىلىق مەكتەپلەردىن ياخشىراق دىسەم ھاپ كەتمەس.بالىلىرڭىزنى رايۇنمىزدىكى شۇنداق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى خالىمايسىز ئەمەس خالايسىز لىكىن تۈرلۇك قىينىچىلىق سەۋەبىدىن (بالىنڭىزنىڭ نەتىجىسى،سىزنىڭ ئىقتسىادى قوللىشىڭىز،مۇناسىۋىتىڭىز،رايۇن ئاتلاپ ئوقۇتۇش) دىگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇتالماسلىقىڭىز مومكىن،شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇ ئۈمىتلەرنى پۈككەن شۇ قارا كۆزلەرنى ئادەتتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتىمىز،بىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرالمايمىز.ئادەتتىكى مەكتەپ دىسەم چۇقۇم باللىرىمىزنى نوقتىلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتمىساق ئىخساس ئىگىسى قىلالمامدۇق دەپ سورىشىڭىز مومكىن،قىلالايىسز.لىكىن نىسبەت دىگەننىمۇ ئويلىشىپ قۇيۇڭ.مەسلەن ياقا يېزا قشىلاقلاردىكى يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلار قانچىلىك،شەھەرلەردىكى يۇقۇرلاپ ئوقۇيدىغانلار قانچىلىك؟ئىخساس ئىگسى قانچە كۆپ چىقسا سىز ۋە ماڭا زىيىنى بولماس،رايۇنمىزنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا،دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇشكە زىيىنى بولماس...يەنىلا ئىدىيڭىزدىن ئوتمىسە كىينكى مەزمۇنلارنى زىرىكمەي ئۇقۇپ قۇيارسىز. 2. ئىچىكىرى توللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ۋە شارائىتى: ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ئىچىكىرى توللۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئاساسەن شۇ ئۆلكە ياكى شەھەردىكى ئا دەرىجىلىك مەكتەپ بۇلۇپ،ئەڭ ياخشى بولغان ياتاق شارائىتى،ئاشخانا شارائىتى،داۋالىنىش شارائىتى،ئوقۇتۇش شارائىتى،ئكسكۇرسىيە شارائىتى ۋە ئىقتىسادىي قوللاش شارائىتى،ھېيت-بايرام شارائىتنى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەمىن ئىتىدۇ.مەسلەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى بۇنۇل قىلغان ئىچكىرى تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئاساسەن شنجاڭ بىناسى دەپ ئايرىم بىنا بار بۇلۇپ،1-قەۋەت ئاساسەن دىگۈدەك ئاشخانا،2-3-4-5-6-قەۋەتلەر ياتاق،كىتابخانا،پائالىيەت ئۈيى دىگەندەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان.ئاشخانىغا ئۇيغۇر ئۇستاملار ياكى خۇيزۇ ئۇستاملار سەپلەنگەن بۇلۇپ سىزنىڭ پەرزەنتلىڭىز ياتاق تاماقتىن كاپالەتكە ئىگە بولدى.داۋالىنىش مەسلىسىدە مەيلى پەرزەنتىڭىز تەبئي يۇقۇملانغان كىسەل بولسۇن،ياكى باشقا كىسەل بولسۇن مەكتەپلەر ئىقتىسادى ئەھۋالنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن%60-%100گىچە مەكتەپ كۇتۇردۇ.داۋالىنىش كاپالەتلەندى.ئوقۇتۇش شارائىتىدا مەكتەپلەر ئاساسەن ئىككى خىل ئۇسۇل قوللىنۋاتىدۇ. (1) بىر يىل تەييارلىقتا ئوقۇپ ئىككىنچى يىلدىن باشلاپ يەرلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارلاشتۇرۇلۇپ ئوقۇش(2)توللۇق3-يىللىقنى تەكرار ئوقۇش ئەندىزىسى.بۇئىككى خىل ئەندىزنى دىسەم بىر قىسملار كىچىكدىن خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇپ بارغان بالىلارغا بۇنداق قىلشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلاپ قالىسىز...بالىلىرىڭىز بۇ يەرگە كىلىپ شارائىت،مۇھىتقا ماسلىشىپ بولغىچە ئۇل-ئاساسىنى كاۋاك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن.شۇڭا ئۇلارغا يەرلىك ئوقۇغۇچىلارغا دەرسكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوخشاشلا دەرسكە كىردۇ،مەكتەپتە قانداق ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بولسا باللىرڭىزمۇ ئوخشاشلا بەھرىمان بۇلالايدۇ.ئوقۇتۇش شارائىتى كاپالەتلەندى.ئكسكۇرسىيە شارائىتى مەكتەپلەر ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن بىر يىلدا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 4قېتىم كۆللىكتىپ ساياھەتكە تەشكىلىندۇ. بۇنىڭ ئىقتسادىي چىقىمنى سورىغىڭىز كىلۋاتىدىغۇ دەيمەن؟بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر قېتىملىق كۆڭۇل ئېچىش خاراكتىردىكى باغچىلىرغا ئاز بولغاندىمۇ250يۇەن كىتىدۇ.(كىرگەندىن كىينكى ئوينايدىغان نەرسىلەر ھەممىسى ھەقسىز)ۋەكىل خاراكتىرلىك ساياھەت مۇنارلىرغا چىقسىمۇ150يۇەندىن كام ئەمەس.150ئەتىراپىدا ئوقۇغۇچىنى بىر قېتىملىق ئكسكۇرسىيە تەشكىلسىە قانچىلىك چىقىم بۇلدىغىنى ئۆزىڭىز ھىساپلاڭ.ئىقتسادى قوللاش كاپالىتى ئوقۇش پۇلى يىلدا900يۇەن،لىكىن مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئقتىسادىي ئەھۋالى تۇنۇشتۇرۇلغان ئىسپاتلارنى ئېتراپقا ئېىلپ تۇرۇپ،يېرىم ياكى تۇللۇق كەچۈرۇم قىلىدۇ.ئۇندىن باشقا بالىلارنىڭ ھەر قانداق پائالىيەتتە مەكتەپ فورمىسى كىيىش تەلەپ قىلىندۇ.بالىلىرىڭىز مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىنلا ئاز بولغاندىمۇ5-6يۇرۇش مەكتەپ كىيمى بىلەن تەمىنلىندۇ.ھەر قايسىڭلار بىلەن نورمال تېلغۇن ئالاقسى قىلىش ئۈچۈن تېلغۇن كارتىسى تەمىنلەپ بىرىش...ئشقىلىپ پەرزەنتىڭىز ئىقتسادىي جەھەتتە سىزنى خىجىل قىلمۇغۇدەك دەرىجىدە دىسەكمۇ بۇلىدۇ.ھېيت-بايرام كاپالىتى جەھەتتە سىز خاتىرجەم بولسىڭىز بۇلىدۇ.قۇربان ھېيتتا شارائىتى يار بەرگەن مەكتەپلەر(ئوقۇتۇش كۈنىگە توغىرلىنىپ قالمىسا) قۇربانلىق قىلىپ،شورپا سېلىپ ھەققىي ھىېيت تۈسى مەكتەپنى بىر ئالىدۇ.ياتاق-ياتاقلارغا كىرىپ ھېيىتلىشىش،كەچلىك ھېيىت تەنتەنىسى قىلىش،ھېيتلىق نازۇ-نىمەتلەر(كۆپ قسىمىنى ئوقۇغۇچى بېشىغىچە مەكتەپ ھەقسىز قىلىپ بىرىدۇ)ھاي...ھاي...سىزنىڭمۇ بۇ بەختىيار بالىلار بىلەن ھېيىت ئۆتكۈزگىڭىز كىلۋاتىدىغۇ دەيمەن...چاغاندا مەكتەپ رەھبەرلىرى ئائىلسىدىكىلەر بىلەن جەم بولماي تۇرۇپ،بالىلىرىمىز بىلەن چاغانلىق پائالىيەت ئۆتكۇزۇپ قىزىل بولاق تارقىتىش،مەۋسۇمدە بىر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىش...دىسەم-دىسەم تۇگۇمەيدۇ.كۆپتۇرمىدىم،ئويدۇرمىدىم،ئشقىلىپ مەن تۇرۋاتقان مەكتەپ شۇنداق قىلىدۇ شۇنداقلا بىر ئۆلكىدىكى ئىچىكرى توللۇق ئوتتۇردىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئالاقلىشىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭمۇ مەكتەپلىرىدە مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقنى ئاڭلىدىم،كۆردۇم...خوش ئۇنداقتا سىز يۇقۇرقىلارنى ئۇقۇپ بۇ ئۆز-ئۆزنى كۆرسىتىۋالغۇسى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىماڭ.گىپىمنىڭ نوقتلىق يېرىگە كەلدۇق. 1. سىز بالىلرىڭىزنىڭ ئىچىكىرى توللۇق ئوتتۇردا ئوقۇشىغا قۇشۇلمىغۇدەك يەنە قانداق سەۋەپ كۆرسىتىسز؟سەۋەپ كۆپ لىكىن سىزدىن ئۇتۇندىغىنىم،تەۋىسىيە قىلدىغىنىم مەيلى قەيەردىلا ئوقۇتۇڭ پەرزەنتىڭىزنى ئوقۇتۇڭ بىلىمىلىك،شەرمىي-ھايالىق،ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ياراملىق قىلىڭ. 2. بالىلىرىڭىز ناۋادا ئىچىكىرى توللۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان بولسا ئايدا نەچچە پۇل ئىۋەتىۋاتىسىز؟ئىچكىرى توللۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدۇ،بالىلار ئايدا كۆپ بولسا ئىككى قېتىمدىن-تۆت قېتىمغىچە سىىرتقا چىقىدۇ.سىرىتقا چىققاندا كىيم-كېچەك ئېلىشنىڭ ھاجىتى ئاساسەن يوق دەپ قارايمەن.چۈنكى مەكتەپ ئىچىدە مەكتەپ فورمىسى كىيدۇ،سىرىتقا چىققاندىمۇ كىيىش تەلەپ قىلىندۇ.تېلغۇن پۇلىنى سىز تۆلەپ بىرسىزغۇ دەيمەن.مەن تۇرغان مەكتەپتە ھەر بىر ياتاققا بىردىن تېلغۇن قىلىپ بىرىپ،ھەر بىربالىغا ھەرئايدا80مىنۇت سۆزلىشىدىغان كارتا تارقىتىپ بەردى.ئۈچۇر بىخەرلىكى سەۋەبىدىن خاتالىق سادىر قىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يانغۇننى يىغىۋىلىپ ئىككى ھەپتىدە(قىز-ئوغۇل ھەپتىدە بىر نۆۋەتلىشىپ چىققىدىغان بولغاچقا) بىر بىرىۋاتىمىز ھەم يەكشەنبە كۈنى كەچتە يىغىۋالىمىز،مەكتەپ تارقىتىپ بەرگەن كارتىدا ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ،يانغۇندا تورغا چىقىش،كىنو كۇرۇش ۋە باشقا ئۇيۇن ئويناش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،قاراتمىلقنى ئۈگۈنۇشكە قارتىشقا تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز.لىكىن شۇنداق شارائىتلارنى قىلىپ بەرسەكمۇ بالىلار ئاتا-ئانلارغا سېلىق سېلىپ،ئىككنىچى تېلغۇن ئېلۋاتىدۇ،يۇشۇرۋاتىدۇ...دىمەك ياتاق-تاماق،كىيم-كېچەك،تېلغۇن،داۋالىنىش كاپالەتكە ئىگە بۇلۇپ تۇرغان مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ پەرزەنتىڭىزگە ئىناۋەت بانكا كارتىلىرنى تۇتقۇزۇپ قۇيشىڭىز،نۇرمىدىن ئارتۇق پۇل ئىۋەتىشڭىز،توختىماي رايۇنىمىز مەھسۇلاتلىرنى ئىۋەتىشڭىز....ھەي چۇشۇنەلمەيلا قالدىم(1)سىزنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىڭىزنىڭ ياخشى بۇلشى سىزنىڭ ئارتۇقچىلقىڭىز،لىكىن بۇيەردىكى بالىلار پۇتۇن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايۇنلىردىن،بۇلۇڭ پۇچقاقلىردىن كەلگەن بالىلار،بايمۇ بار كەمبىغەلمۇ بار،ئاتا-ئانىسى بارلارمۇ بار،يوقلارمۇ بار...ئشقىلىپ ھەممىسى بار،بالىڭىزنىڭ خوشاللىقنى دەپ باشقا بالىلارنىڭ يۈركىنى پۇچلىماڭ.(2)ھاۋا كىلماتى جەھەتتە جەنۇبدىكى ئۆلىكلەردە، ئېۋەتكەن نانلارنى ئاپتاپقا قاقلاپ ئىۋەتسىڭىزمۇ5كۈندە كۇكىردۇ،ھاۋا كېلىماتى نەم بولغاچقا ھاۋادىكى سۇنى ئۇزىگە سۇمۇرۇپ ئاسانلا بۇزۇلىدۇ،پەرزەنتىڭىزنىڭ تاشلىۋىتىشكە كۈزى قىيماي يەيدۇ.كىسەل يۇقتۇردۇ.باشقا قۇرۇق يىمىشلەرمۇ ئاساسەن شۇنداق.(3)پەرزەنتىڭىزنىڭ قالايمىقان پۇل خەجلىنىشنى تەربىيە ئارقىلىق تىزگىنلەڭ.قالايمىقان پۇل خەجلەش دىگەندە ھەر-خىل يوغان قورچاقلارنى سېتۋىلىش(بىر قىسىم بالىلارنىڭ بىر ئەمەس ئۇچ-توتتىن بار)،تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۇزۇش سەۋەبى بىلەن ئۆزنى ۋە ساۋاقداشلىرنى چىقمدار قىلىش(مىنڭچە بەك چىقىم قىلغۇسى كىلىپ كەتسە،سىز ئىۋەتكەن پۇلنى تىجەپ،يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان ئاتا-ئانىسىغا مىھىرىبانلىقنى بىلدۇرسۇن)،يۇشۇرۇنچە تېلغۇن ئېلىش،تېلغۇن كارتىسى بىجىرىش،ئېقىم مىقدارى سېتىۋېلىش،ئۇيۇن كارتىسى سېتىۋىلىش دىگەندەك... پىكىرلىرىم تاققا-تۇققا بولسىمۇ دۆلەت،خەلقىم، سىز ۋە مەن ھەققىي ئۈمىت بىلەن كۇتىۋاتقان شۇ پەرزەنتلىرمىزنى ئورتاق تەربىيلەش يۇلىدا ئورتاق كۈچ چىقىرايلى. ئاخرىدا ھەر بىر ئاتا-ئانىلارنىڭ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ،ئەۋلاتلارنى تەربىيلەش يۇلىدا ماسلىشىپ، دۆلىتمىزنىڭ،رايۇنمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇشكە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
|
|