قاراقاشنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئوقۇيمەن
ھېبىيبۇللا قۇربان
( قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ) ئەگەر مەندىن سەن نېمە ئۈچۈن ئوقۇيسەن ؟ دەپ سورالسا چوقۇم مەن « قاراقاشنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئوقۇيمەن » دەپ جاۋاب بېرەتتىم . قاراقاشتىن نامى ئۆچمەس يازغۇچى –شائىرلار ، ئالىملار ئاز چىقتى . بىز – بىزنىڭ يۇرتتىن بۇنداق ئادەملەر چىقمايدۇ ،-دەپ ئولتۇرساق بولمايدۇ . بىزدىن چوقۇم چىقىدۇ . بىزدە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ، توختاۋسىز تىرىشىش روھى بولسىلا . نېمە ئۈچۈن قەشقەر ، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىن داڭلىق كىشىلىرىمىز كۆپ چىقىدۇ ؟ چۈنكى ئۇلاردا تىرىشىش روھى ئۈستۈنلۈككە ئىگە . مائارىپ جەھەتتە بۇرۇن قەدەم ئالغان . مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى بىزدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ . مەھمۇد كاشغەرىي ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق ئالىم-شائىرلىرىمىز دۇنياغا داڭلىق . بىز ئۇلارنىڭ روھىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك . ئۇلار ئىلىم –ئىرپان ئىگەللەش ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى نۇرانە مەشئەل بولىشى كېرەك . شۇنداق بولغاندا داۋاملىق يۇقىرى نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز . ئېدىسون ، ئېينىشتىيىن قاتارلىقلار گەرچە دۆلىتىمىزدە تۇغۇلۇپ ئۆسمىگەن بولسىمۇ لېكىن ، ئۇلارنىڭ شۆھرەتلىك نامى بىزگە يېتىپ كەلدى . ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم . ئېدىسوننىڭ قۇلىقى گاس ، ئاڭلىمايدۇ . بىراق ، ئۇ قىلچە بوشاشمىغان . ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىختىرا قىلغان 2000 خىلدىن ئارتۇق كەشپىياتى بار . بىزنىڭ ھەممە بەدەن ئەزالىرىمىز ساق بولغاندىكىن توختىماي تىرىشايلى . ئادەمنىڭ تۇغما تالانتىنىڭ نىسبىتى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ . تىرىشساقلا ھەممىدىن ئېشىپ چۈشكىلى بولىدۇ . قاراقاشلىق دوسىتلار ،بىز ھەممە ئالاھىدىلىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ ، قاراقاشنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپىمىزنى قوشايلى . مەن يۇرتىمىز قاراقاشنىڭ تەرەققى قىلىپ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتى ئالدىنقى ئورۇندا بولغان ناھىيىلەرگە يېتىشىۋېلىشىنى ۋە ئېشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بىزنىڭ مەھەللە
ھېبىيبۇللا قۇربان
( قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ) بىزنىڭ گۈزەل مەھەللىمىز شاد-خۇراملىققا تولغان ، ھەرۋاقىت بالىلارنىڭ جاراڭلىق كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەيدىغان مېھرى ئىسسىق بىر مەھەللە . مەھەللىمىزنىڭ شەرقىي تەرىپى بۈك-باراقسان چىلانلىق . چىلانلار پىشقاندا بۇ يەردىن بالىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ . مەھەللىمىزنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولسا ئۆرۈكلۈك باغ بار بولۇپ ، بۇ باغدا ھەرخىل مېۋىلىك دەرەخلەر بار . بالىلار مېۋىلەر پىشقاندا ئەركىن-ئازادە ئويناپ مېۋىلەرنى تا تۈگەپ قالغۇچە يەيدۇ . باغقا قارايدىغان ئايالنىڭ بالىرى بولمىغاچقا بىزنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ ، خالىغانچە يېيىشىمىزگە يول قويىدۇ . مەھەللىمىزنىڭ شىمال تەرىپى بولسا تاللىق باغلاردىن ئىبارەت . بالىلار ئۈزۈمنى چېكىلگەندىن تارتىپ يېگىلى تۇرسا تاكى ئۈزۈمنى قازناققا ئاسقىچە يەيدۇ . بىزنىڭ مەھەللىنىڭ يەنە « ئۈزۈم يۇرتى » ،« ئۈزۈم ماكانى » دەيدىغان نامى بار . مەھەللىمىزنىڭ غەرب تەرىپى بولسا كەڭ كەتكەن پايانسىز قۇملۇق . قەيەردە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ . بىز قوي-كالىلارنى باققىلى دۆڭگە چىقساق دۆڭدە كالا-قويلارنى ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ، دۈم-دۈم ، شا توپ قاتارلىق ھەرخىل ئويۇنلارنى ئوينايمىز . بىزنىڭ مەھەللە ئىنتايىن گۈزەل ، مەن گۈزەل مەھەللەمنىڭ داۋاملىق شاد-خۇراملىققا تولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
بىلىم
ھېبىيبۇللا قۇربان
( قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ) بىزنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا « بىلىم ئالمىغان ياش ، تام تۈۋىدىكى تاش » ،« بىلىم ئالسا كىشى ، كۆككە يېتەر بېشى » ،« بىلىملىك ئۇزار ، بىلىمسىز توزار » دەيدىغان نۇرغۇنلىغان پاساھەتلىك ماقال-تەمسىللەر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر بار . ئەقىل-پاراسەتلىك ، ئىجاتچان ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللىق تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا يۇقارقىدەك ھېكمەتلەرنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن . كۆرگەن ، بىلگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇمكى ، ئامېرىكا ، ئەنگىليە ، گېرمانىيە ، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مائارىپى بەكمۇ تەرەققى قىلغان . ئۇ يەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلار خۇددى ھەسەل ھەرىسى گۈلگە يېپىشقاندەك ئىلىم-پەنگە شۇنداق ھېرىسمەن ئىكەن .ئاتا-ئانىلىرىمۇ بالىلىرىنىڭ بىلىم ئىگەللىشىگە ، كەلگۈسىگە شۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پوزىتسىيە تۇتۇپ ، پەرزەنىتلىرىنى ياخشى ئوقۇتىدىكەن . شۇ سەۋەبتىن يۇقارقى نامى ئاتالغان دۆلەتلەرنىڭ ھەرساھەلەردىكى تەرەققىياتى تولىمۇ ئۈستۈن ئورۇندا . دېڭشىياۋپىڭ : « دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا ، مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئۈمىدى –ئوقۇتقۇچىلاردا » دەپ ئېيىتقان . مائارىپ گۈللەنمەي ، ئالغا ئىلگىرىلىمەي تۇرۇپ تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىشى مۇمكىن ئەمەس . مائارىپ بولمىسا ئادەمدە ئاڭ –سەۋىيە ، ئىلغارلىق ۋە مەدەنىيەت بولمايدۇ . ئۆزىمىزنى مىسال ئالساق ، ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەرلىك ھۈرمەت قىلمايمىز . ئۇلارنىڭ تەلىمىگە قۇلاق سالمايمىز . بىز بۇ قالاق ئادەتلىرىمىزنى تۈگىتەيلى . ئايرىم پەزىلەتسىز ساۋاقداشلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ھەممەيلەن كۈچ قوشايلى . بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيلى . بىلىم بولسا ھېچكىم ئوغرىلاپ كېتەلمەيدىغان قىممەتلىك بايلىق .قايسىبىر دانا :« بىلىمىسىز ئادەم تىرىك مۇردىغا ئوخشايدۇ » دېگەن . بۇ ھېكمەتتىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى ، بىلىمى يوق ئادەمنىڭ جېنى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ساۋاقداشلار بىلىم ئۈچۈن تىرىشىڭلار . بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي بىلىم ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن دەريا-چۆللەرنى ، تاغۇ-دەشتىلەرنى كەزگەن . نۇرغۇن قېتىم جېنىدىن ئايرىلىشقا تاس قالغان . ئۆز يۇرتىدىن باش ئېلىپ چىقىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارغا بارغان . ئاخىرىدا جاھانشۇمۇل داڭلىق ئەسەر « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى ئەرەب تىلىدا يېزىپ پۈتكۈزۈپ ئەينى دەۋىردىكى ئابباسىيلار خانلىقىنىڭ خەلىپىسى ئۇبۇلقاسىم ئابدۇللا ئىبنى مۇقتەدىي بىئەمرۇللاغا سوۋغا قىلغان . بىز بوۋىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ بىلىم ئېلىش ئۈچۈن چېكىدىغان بارلىق جاپالارغا بەرداشلىق بېرەيلى . يۇقىرى يۈكسەكلىكتىكى مەنزىلىمىزگە يېتىش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشايلى . بىلىم ھەممىدىن قىممەتلىك .
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى : زىكرۇللا مەمەت |