كۆرۈش: 832|ئىنكاس: 5

رەسىمنى ھەجىۋىيلەشتۈرۈش دەرسلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-5 02:56  

رەسىمنى ھەجىۋىيلەشتۈرۈش دەرسلىكى

(ئايرال)




1.ئالدى بىلەن فوتوشۇپ رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دىتالنى قوزغىتىپ، ھەجىۋىيلەشتۈرمەكچى بولغان رەسىمنى ئاچىمىز.



2.كۇنۇپكا تاختىسىدىن ctrl+j نى بېسىپ، سۈرەت قاتلىمىنى بىر نۇسخا كۆپەيتىۋالىمىز.كۆپەيتىپ بولغاندىن كېيىن،قەلەم قورالىدىن پايدىلىنىپ ئادەم سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن رايوننى كىسىپ ئېلىۋالىمىز. (ئادەمنىڭ رەسىمىدىن باشقا قوشۇمچە كۆرۈنۈشلەرنى كېسىپ چىقىرىۋىتىمىز)





3. كۆپەيتىۋالغان يېڭى سۈرەتلەر قاتلىمىنى تاللىغاندىن كېيىن، تىزىملىكتىن 滤镜 نى تاللاپ چىكىپ، چىققان تىزىملىكتىن 液化 نى چىكىمىز.



4. چىققان يېڭى دىئالوگ رامكىسىدىن قىزىل رەڭدە بويالغان قىسىمدىكى پارامىتىرلارنى تەڭشەيمىز.(ئېھتىياجىمىزغا قاراپ مۇۋاپىق تەڭشەپ ئىشلەتسەك بولىدۇ)



5.تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن سول تەرەپ ئەڭ ئۈستىنكى قىسىمدىكى سىن بەلگىنى تاللايمىز. (ئادەتتە، ئاپتوماتىك شۇ سىن بەلگە تاللانغان بولىدۇ) تاللاپ بولغاندىن كېيىن، نۇر بەلگىنى ئادەمنىڭ يۈز قىسىمىغا ئەكىلىپ، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، قويىۋەتمەي تۇرۇپ، ئوڭ-سول، ئاستى-ئۈستى قىسىمىغا يۆتكەش ئارقىلىق ئۆزىمىز رازى بولغۇدەك ھالەتكە كەلگۈچە تەڭشەيمىز.



6. تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە سول تەرەپ ئاستىدىن سانىغاندا 4- ئورۇندىكى سىن بەلگىنى تاللاپ چىكىمىز. ئاندىن كېيىن، يەنە قىزىل رەڭدە بويالغان رايوندىكى پارامىتىرلارنى تەڭشىگەندىن كېيىن، نۇر بەلگىنى ئادەمنىڭ يۈز قىسىمىغا ئەكىلىپ، مائوسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى چىكىش ئارقىلىق يۈز قىسىمىنى تاللاپ يۈز قىسىمىنى قۇلۇپلايمىز، ھەمدە، مۇقۇملاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى چىكىمىز.





7. ئەسلىدىكى سۈرەتلەر قاتلىمىنى تاللاپ، كۇنۇپكا تاختىسىدىنctrl+jنى چىكىپ، سۈرەتلەر قاتلىمىنى يەنە بىر نۇسخا كۆپەيتىۋالىمىز.



8. ئادەمنىڭ سۈرىتىلا بار بولغان سۈرەت قاتلىمىنى تاللاپ ، تاللاش قورالىدىن پايدىلىنىپ ئادەم سۈرىتىدىن باشقا رايوننى تاللىۋالىمىز.



9. تىزىملىكتىن选择  نى چىكىپ، چىققان تىزىملىكتىن  反选 نى تاللاپ، سۈرەتنىڭ ئۆزىنى تاللايمىز، ئاندىن يەنە بايا كۆپەيتىۋالغان يېڭى سۈرەتلەر قاتلىمىنى تاللىغاندىن كېيىن،delete نى چىكىش ئارقىلىق ئادەم بار رايوننى ئۆچۈرىۋىتىمىز.



10. بۇ ئىككى سۈرەتلەر قاتلىمىنى تاللاپ (shift  كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ تاللايمىز) مائوسنىڭ كونۇپكىسىنى ئوڭ چىكىش ئارقىلىق چىققان تىزىملىكتىن تاللانغان سۈرەتلەر قاتلىمىنى بىرىكتۈرۈش دېگەن تۈرنى تاللاپ، بۇ ئىككى سۈرەت قاتلىمىنى بىرىكتۈرىمىز.



11. بىرىكتۈرۈپ بولغاندىن كېيىنكى سۈرەتلەر قاتلىمىنى تاللاپ، تىزىملىكتىن 滤镜 نى تاللايمىز ۋە چىققان تىزىملىكتىن 滤镜库  نى چىكىمىز.



12.چىققان دىئالوگ رامكىسىدىن 画笔描边 دېگەن تۈرنى چىكىمىز ۋە ئېچىلغان نۇسخىلار ئىچىدىن  深色线条 تاللايمىز ۋە مۇقۇملاشتۇرۇش كونۇپكىسىنى چىكىمىز.





13. سول تەرەپ قورال سىتونىدىن ئۆچۈرگۈچ قۇرالىنىڭ سىن بەلگىسىنى چىكىمىز، نۇر بەلگىنى ئادەمنىڭ يۈز قىسىمىغا ئەكىلىپ، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى چىكىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ كۆز، ئېغىز، بۇرۇن ۋە قۇلاق قىسىملىرىنى تازىلايمىز.(ئۆزىمىز رازى بولغۇچە تازىلىساق بولىدۇ)





14. ئەڭ ئاخىرقى ئۈنۈم



دىققەت: مەزكۇر تىمىنىڭ تارقىتىش ھوقۇقى ئەلزىبا تورىغا مەنسۈپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ، ئەگەر باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، تېما ئادرىسى ۋە ئاپتورىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.

مەنبە: HTTP://WWW.ALZIBA.COM

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-5 09:26:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز ئابرال ئەپەندىم ؟ ياخشى سوۋغا ئېلىپ كەپسىز ، بىلۋالدىم ، بۇمۇ بىر بىلىمكەن ، رەھمەت سىزگە .
ۋاقتى: 2015-6-5 09:44:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، ناھايىتتى ياخشى دەرسلىك يوللاپسىز.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-5 12:06:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرغىنىڭلاردىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم، رەھمەت دوسىتلىرىم!
ۋاقتى: 2015-6-5 12:35:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر ئايرال ئەپەندىم . مەنمۇ بىلىۋالدىم
ۋاقتى: 2015-6-8 11:40:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى دەرسلىكنى يوللاپسىز  ،،   رەخمەت  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش