| مېنىڭ ئۇستازىم
ھېبىيبۇللا قۇربان
مېنىڭ ئۇستازىم بولسا « قاينام ئۆركىشى » دەپ نام بىلەن تىللاردا داستان بولغان ، ۋەتەن ، خەلق ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ . ئەينى ۋاقىتتا ياپون جاھانگىرلىرى جۇڭگو خەلقىنى ۋەھشىيلەرچە ئېزىپ ، بوزەك قىلغان . سانسىزلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنى ناھەق ئۆلتۈرىۋەتكەن .ئۇلارغا قارشى كۈرەشتە نۇرغۇن باتۇر ئەزىمەتلەر ھەق يولىدا قۇربان بولغان ئىكەن . بۇ ھەققانىيەتچىلەر سېپىدە كۆپلىگەن ياشلار ، زىيالىيلار بار بولۇپ ، شۇلارنىڭ بىرى ئوت يۈرەك شائىرىمىز ، مېنىڭ غايىبانە ئۇستازىم لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىدى . ئۇستازىمنىڭ دۈشمەنگە بولغان غەزەپ-نەپرىتى كۈچلۈك ، ۋەتەن-خەلققە بولغان مۇھەببىتى ، قايناق ھېسسىياتىمۇ ئۇرغۇپ تاشقان ئىدى . ئۇستازىمنىڭ ئەينى يىللاردا يازغان « يىللارغا جاۋاب » ،« خىيالچان تىلەك » ، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى » قاتارلىق شېئىرلىرى بۇنىڭ ئۆلمەس شاھىدى . گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى- ئۇستازىم لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئالداپ ئۆزىمىزگە ئىشەندۈرىۋالساق بىزگە خىزمەت قىلىدۇ ، دەپ ئويلايىتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تۇتۇۋېلىپ قاتتىق قىيىن-قىستاق ئاستىغا ئالىدۇ . بىراق ئۇستازىم باش ئەگمەيىتتى . ئۇلار ئۇستازىمنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ، قەغەز-قەلەم ئەكەلدۈردى ۋە ، ئىقرارنامە يېزىپ تاپشۇرۇشنى ئېيتىدۇ . ئۇستازىم لۇتپۇللا مۇتەللىپ قولىغا قەلەمنى ئېلىپ قەغەزگە بىر نېمىلەرنى يېزىشقا باشلايدۇ . گومىنداڭنىڭ كاتتىبېشى خۇشال ھالدا قەغەزنى قولىغا ئالىدۇ ، ئەمەلىيەتتە قەغەزگە يازغىنى بولسا قۇيرۇقىنى دىڭگايتىپ تۇرغان بىر ھايۋاننىڭ سۈرىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بۇ نېمە ؟-دەيدۇ . لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغان ئاھاڭدا بۇ ، مېنىڭ ئىقرارنامەم-، دەيدۇ .ئۇلار ئاچچىقلىنىپ لۇتپۇللا مۇتەللىپنى قاتتىق قىينايدۇ . ئۇ بولسا ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىپ بەدىنىدىن ئېقىۋاتقان قانلارنى سىياھ قىلىپ تۈرمە تاملىرىغا شېئىرلارنى يازىدۇ .
«بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۈچۈن بولدى دەۋزەخ ، ياش گۈلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ .»
بۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرى بولۇپ قالىدۇ . مەنمۇ ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى ، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن 22 يېشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان ئۇستازىم لۇتپۇللا مۇتەللىپتەك باتۇر ، قەيسەر ، قورقماس ئادەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن . يېتەكچى ئوقۇتقۇچى-زىكرۇللا مەمەت ( كەۋسەر )
ئاپتور -قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېز بىرىغىز باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى |
|