| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەۋسەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-25 15:16
قۇشلار بىزنىڭ دوستىمىز
مەن دوستۇم ئۆمەرنىڭ : « بۇ قۇشقاچنى ئاپىرىپ پىشۇرۇپ يېگىن » دەپ ماڭا بىر قۇشقاچنى تەڭلىگەن ۋاقتىدا ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ياش كەلدى . چۈنكى ، مەن قۇشقاچلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم . ئۇ ھەركۈنى تاڭ سەھەردە يېقىملىق ۋىچىرلاپ مېنى ئورنۇمدىن تۇرۇپ مەكتەپكە بېرىشقا ئۈندەيىتتى . مۇئەللىم بىزگە :« قۇشلار بىزنىڭ دوستىمىز ، بىز قۇشلارنى ئاسرىشىمىز كېرەك » دەپ تەربىيە بېرەتتى . مەن ئۆمەردىن قۇشقاچنى قانداق تۇتىسەن ؟-دەپ سورىسام ، -رەگەتكىدە ئاتىمەن ،–دەپ جاۋاب بەردى . شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ پۈتۈن ئوي-خىيالىم رەگەتكىنى يوق قىلىۋېتىشتە قالدى . ئۇخلىسام قۇشلارنىڭ ئېچىنىشلىق جان تالاشقانلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ مېنى ئىنتايىن ئازابلىدى . مەن ئاخىرى بىر ئامال تاپتىم . دوستۇم ئۆمەرنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بار ئىكەن . مەن ئۇنىڭغا 5 يۈەن بېرىپ رەگەتكىنى سېتىۋالدىم . مەن قۇشلارغا قاراپ : « ئەي ، قۇشلار ، ئەمدى سىلەر خۇشال ۋىچىرلاپ ئويناڭلار » دەپ ۋارقىرىدىم . ساۋاقداشلار ، دوسىتلار ، قۇشلارنى ئاسرايلى ، ئۇلار بىزنىڭ يېقىن دوستىمىز .
كاۋاك يېزا بىرىغىز مەكتەپ 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ھېبىيبۇللا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى –زىكرۇللا مەمەت
|

|