كۆرۈش: 330|ئىنكاس: 2

مائارىپنىڭ بۈشۈكى ھەرگىزمۇ مائارىپنىڭ كۈتىكىگە ئايلىنىپ قالمايد...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مائارىپنىڭ بۈشۈكى ھەرگىزمۇ مائارىپنىڭ كۈتىكىگە ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ

    2015-يىلى 19-ماي دىيارىمىز ئاتۇشتا مائارىپ سېستىمىسى بۇيىنچە چوڭ كۈلەمدە « قانداق قىلغاندا بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى بولغىلى بۇلىدۇ؟ » تېمىسىدا ئانا تىل ۋە قوش تىل بۇيىنچە نوتۇق سوزلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى.
     بۇقېتىمقى پائالىيەت شۇنداق دەل ۋاقتىدا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەت بولدىكى ـــــــ ھازىر پۈتۈن جەمىيەتتىكى خەلقىمىزنىڭ ئېڭىدا «ھۆكۈمەت مائارىپچىلارنىڭ جاپاسىغا لايىق ئەجرى ئەمگىگىگە لايىق مائاش ئۆستۇرۈپ بەرمەيۋاتىدۇ» دەپ قاخشاپلا يۈرىۋاتقان ، كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارشى، قىممەت قارشى دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ كىتىۋاتقان ،مەكتەپلەردە ئاكتىپلىقتىن پاسسىپلىق ئېشىپ كىتىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئاتۇشتىكى مائارىپقا مەسئۇل شەھەر  رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۇرۇنلاشتۇرغان.
     مۇسابىقىدە ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالغۇدەك كەچۈرمىشلىرىنى ؛ ياخشى تەجىربىللىرىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ قانداق قىلىپ بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولغانلىق توغرىسىدا ئىنتايىن تەسىرلىك، جانلىق تىلدا نوتۇق سوزلەپ ،كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بەزى ئۇخلاپ ياتقان ئوقۇتقۇچىلىق ۋىجدانىنى ئويغاتقان بولدى.
          راس! ھازىر كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىسىز دىسە «كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن» دەپ چوڭ شۇئارنى توۋلىيالايمىز، بىراق ۋىجدانىمىز بىلەن سۆزلەپ باقايلى! بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلەۋاتقىنىمىز ئەۋلاتلار غېمىدىن چوڭراق « پۇل » غىېمى بۇلۇۋاتىدۇ. 8 سائەتلىك خىزمەتكە ۋەزىپە ئۈچۈن بېرىپ كىلىپ سەبى بالىلارغا قۇرسىقىمىزدىكى ئۇمىچىمىزنى بىرىشكە ئىزدەنمەيۋاتقان، شۇ سەبىلەرنىڭ بىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرماي كەلدۇق، بىلىمگە ئىنتىزار پەرزەنتىمىزنىڭ ئارام ۋاقىتلىرىنى چاڭگىلىمىزغا ئېلىپ يۇقۇرى باھادا كۇرۇسلارنى ئېچىۋالدۇق. بۇنىڭ ھەممىسى نىمە ئۈچۈن ؟ بۇنىسى ھەممىمىزگە مەلۇم.
        مەن ئويلايمەنكى بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن كىيىن كەڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا زور تەۋرىنىش بولغۇسى! مەمتېلى ئەپەندىم قۇرغان مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ بۈشۈكى-بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە مائارىپ كۈتىكىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىز ئوقۇتقۇچىلار ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئىزدىنەيلى!
       ئوقۇتقۇچىلىق سېپىمىزنىڭ سەرخىللىقىنى ساقلاپ قالايلى!
       دەۋر ۋە جەمىيەتنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى يەردە قويمايلى!

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-21 09:56:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتتى ئەھىمىيەتلىك تېما يوللاپىسز، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر،
ۋاقتى: 2015-5-27 10:12:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ،ئەمىيەتلىك تېما بوپتۇ ،لېكىن ھېچ بىلمىدىم مۇنبەردە شۇنچە كۆپ ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا كەسىپتىكىلەر تۇرۇقلۇق ئىنكاس نىمانچە ئاز . ئۇنداق قىلماي ئۆز كۆز قارىشىمىزنى يېزىپ قويساق ياخشى بولاتتى .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش