| دول باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ۋەزىيەت تەربىيسى ئىلىپ بىرىش تۈزۈمى
دول باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ۋەزىيەت تەربىيسى ئىلىپ بىرىش تۈزۈمى
مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى زامان ۋەزىيتىنى تۇغرا ئىگەللەش ۋە چۈشىنىش ئىڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ۋە ئۆتمۈش بىلەن ھازىرقىنى سىلىشتۇرۇش، ھازىرقىدەك بەخىتىلىك تۇرمۇشنىڭ قەدىرىگە يىتشى تۇغرىسىدىكى چۈشەنگە ئىگە بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تۈۋەندىكىدەك تۈزۈم تۈزۈلدى. 1. مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە خادىملىرى ئۈزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى ۋەزىيەتتىن تولۇق خەۋەردار بولۇش ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، تەشۋىقاتلىق رۇلىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى لازىم . 2. بەنزە خادىملىرى مەسئۇل بولۇپ مەكتىۋىمىزدە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا ماۋسۇمدا بىرقىتىمدىن ئىككىگە قەدەر ۋەزىيەت تەربىيسى تۇغرىسىدا لىكسىيە سۈزلەش ، بۇئارقىلىق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقىدەك بەخىتلىك تورمۇشنىڭ قەدىرىگە يىتىش ئىڭىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشتە تۈرىتكىلىك رۇل ئۇيناش لازىم. 3. مەكتەپنىڭ ئەخلاقى تەربىيە مۇدىرى ۋە سىياسى قانۇن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ، ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى <<ئۈچ خىل كۈچ>>لەرنىڭ ۋە بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى ئىچىپ تاشلاش مەزمۇن قىلىغان مەخسۇس تىمىدىكى لىكسىيە سۈزلەش چىڭ تۇتۇلۇپ بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا مىللى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە دادىل قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ۋە دۆشمەننى پەرىق ئىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم . 4. << ئۈچ پىشقەدەم>>لەرنىڭ رۇلىدىن تولۇق پايلىنىپ ، ئۇلارنى ئايدا بىر قىتىم مەكتەپكە تەكلىپ قىلىپ ۋەزىيەت تەربىيسى تۇغرىسىدا لىكسىيە سۈزلەش پائالىيتىنى ھەقىقى ئىلىپ بىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە سۈزلىگەن لىكسىيەدىن خاتىرە قالدۇرۇش ، سۈزلەنگەن لىكسىيەنى ئارخىپلاشتۇرش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش لازىم . 5. مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىنغان سىياسى ، قانۇن يىتەكچىللىرىنىڭ رۇلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ئۇلارنى ماۋسومدا 1- 2-گە قەدەر ۋەزىيەت تۇغرىسىدا لىكسىيە سۈزلەپ بىرشكە تەكلىپ قىلىش لازىم. 6. كەڭ ئوقۇتقۇچىلارمۇ گىزىت – ژۇرنال ، تىلىۋۇزۇر كۈزۈش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت تۇغرىسىدىكى بىلىملىرىنى كىڭەيتىش ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىپ بىرىلىدىغان سىياسى ئىدىيەۋى تەربىيە نەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ تۇرۇپ ۋەزىيەت تەرىيسىنى جانلىق ئىلىپ بىرىشى لازىم . 7. مەكتىۋىمىزدە ئايدا بىرقىتىمدىن ئوقۇغۇچىلارنى ھازىرقى زامان ۋەزىيتى تۇغرىسىدا مەخسۇس ماقالە يىزىشقا تەشكىلەش ، ياخشى يېزىلغان ماقالىلەرنى مەكتەپ رادىئۇسىدا تەشۋىق قىلىش پائالىيتىنى جانلىق ئىلىپ بىرىش لازىم . 8. ۋەزىيەت تەربىيسى ئىلىپ بىرىش دائىرسىنى كىڭەيتىش ، تۈرلۈك پائاليەتلەرنى ئويۇشتۇرۇش ئۆستىدە ئىدىنىشكە ماھىر بولۇش لازىم . 9. ۋەزىيەت تەربىيسى تۇغرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن ۋاقتىدا خاتىرە قالدۇرۇش، ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش لازىم .
|
|