| ‹‹دىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ،دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك
يولداشلار،‹‹دىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش››پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي يوقىتىپ، رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ قوغداش نۇۋەتتىكى تەخىرسىز خىزمەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەر ئۆزىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى ھە دەپ بۇرمىلىدى، بىدئەت تەلىماتلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى، تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەلىرىنى سىڭدۈردى.بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قارىتا، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا‹‹دىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش››بويىچە بىر قاتار پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلماقتا. 18-قۇرۇلتىيى 4-ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8-ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياىشى ئىشلەش توغرۇلۇق بىر قاتار تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار فاڭجىن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرى بىلەن بىردەك قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8-ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى ئومۇمييۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك ئەخلاق ئادىتىنى جارى قىلدۇرۇش‹‹دىن ئەسەبىيلىكى››ئىدىيەسى سىڭدۈرمىچىلىكىنىڭ يامراپ كېتىشىنى ھەقىقىي توسۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى داۋاملىق ساقلاپ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئاساسىنى پۇختىلاش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ‹‹دىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش››پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەر ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىدىن ئۆزىنى قەستەن قاچۇرۇپ ياكى چەتنەپ، ئاتالمىش‹‹غازات››نى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ، ئەسەبىيلىكنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، زوراۋانلىققا قۇترىتىۋاتىدۇ،‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەرنىڭ دىن مەسىلىلىرىدىن پايدىلىنىپ كەلگۇسىنىڭ ئىز باسارلىرىنى تالىشىش قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش، زوراۋانلىق، تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتەك جىددىي ۋەزىيەتكە قارىتا،بىز ھەر دائىم سەزگۇرلۇك بىلەن‹‹دىن ئەسەبىيلىكى››ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي تازىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىغاندىلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، تىنچ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش تارقىتىلغان‹‹تۆتنى تونۇش تەربىيە ئوقۇشلۇقى››،‹‹شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخىغا دائىر تەربىيەۋى ئوقۇشلۇق››،‹‹مىللەتلەر سىياسىتى توغرىسىدىكى يۈز سوئال-جاۋاب››،‹‹دىن ئەسەبىيلىكىگە قارشى تۇرۇپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقايلى››،‹‹بىزنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىز››قاتارلىق تەشۋىقات ماتېرىياللىرىغا بىرلەشتۈرۈپ،‹‹دىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش››تەشۋىق-تەربىيەسىنى قاراتمىلىقى بار ھالدا كۈچەيتىپ،ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى تازىلاپ شىنجاڭنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكنى،ۋەتىنىمىزنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ياراتقانلىقىنى ئىنىق تۇنۇپ،مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۇللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۇچۇن كۇچ چىقىرىشىمىز لازىم. .ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 8-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى مەھكەم چۆرىدەپ،‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش››تە چىڭ تۇرۇش ۋە‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇنغا ئەھمىيەت بېرىش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››تە چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر-دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، قويۇقلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي تەلەپ، شۇنداقلا‹‹دىن ئەسەبىيلىكى››ئىدىيەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى نېگىزلىك يول.بىز‹‹دىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش››پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر-دىن سىياسىتىنى ياىشى ئىگەللەپ ،سىياسەتنى باشتىن-ئاخىر قاتتىق ئىگىلەپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەر ۋە دىن ئەسەبىيلىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ چەك-چىگراسىنى ئوچۇق ئايرىشمىز، توغرا ئېتىقاد، توغرا كۆزقاراش، توغرا ھەرىكەت ئارقىلىق‹‹دىن ئەسەبىيلىكى››ئىدىيەلىرىنىڭ تارقىلىش بوشلۇقىنى تارايتىشمىز كېرەك. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىمىز زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلىنىشى،ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن، نۇرغۇن مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى.ئىنىق تۇنۇپ يىتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلى، كىيىنىش مەدەنىيىتى دىن ئەسەبىيلىكى كۈچلىرىنىڭ بۇرمىلىشىغا، ئىنكار قىلىشىغا دۇچ كەلگەنلىكى.ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ مىللىيچە كىيىنىشكە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نەۋرۇز بايرىمى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈشنى چەكلەپ. ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىيىتىنى قورشاۋغا ئېلىپ، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ۋە پارلاق سەنئەت ئەنئەنىلىرىنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ، گۈزەل تۇرمۇش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، قالاق، ئارقىدا قالغان قاراڭغۇ جەمئىيەتكە ئېلىپ كىرمەكچى بولۇشۇۋاتقانلىقىدەك رەزىل ماھىيىتىنى ئىنىق تۇنۇپ.‹‹دىن ئەسەبىيلىكى››ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇش ۋە ئالدىنى ئېلىشتا، چوقۇم سوتسىيالستىك ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى-مەدەنىيەتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىنى تۇتقا قىلىشىمىز، مىللىي مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەكىتلىشىمىز، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ،زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق‹‹دىن ئەسەبىيلىكى››ئىدىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشىمىز، رەددىيە بېرىشىمىز،‹‹دىن ئەسەبىيلىكى››ئىدىيەلىرىدىن غالىب كېلىشىمىز كېرەك. ‹‹دىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش››خىزمىتىگە تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۇشىمىز،بۇلۇپمۇ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ،ئىدىيىسىدە‹‹قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىكنى توسۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش››پىرىنسىپى ئىنىق ئىپادىلنىشى ،قانۇن بويىچە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى ئۇچۇن تىرىشىشىمىز كېرەك. كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار‹‹دىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش››پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ‹‹دىن ئەسەبىيلىكى››ئىدىيەسىنى قەتئىي تازىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئاساسىي مەنپەئىتىنى قاتتىق قوغداپ، قانۇننىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداپ، دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارىشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى ماھىيىتىنى تولۇق ئېچىپ تاشلاپ، سۇتسىيالىزىمنىڭ 4كە ئىگە ياراملىق قۇرغۇچىلىرىدىن بۇلۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ قوغداپ،تېخىمۇ گۇزەل كىلەچەك يارىتىش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۇرسىتىشىمىزكېرەك.
|
|