| 1. توغرا جاۋابنى تاللاڭ. 1.«ئاشۇ ئىشىكلەرنى ئېچىپ كۆرۈش ئىستىكى يوق كىشىلەر روھى نامرات ،ئىرادىسى زەئىپ كىشىلەردۇر.»دىگەن جۈملە ھەققىدىكى تەھلىللەردىن خاتاسى( ) A .«ئاشۇ ئىشىك ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ،ئەدەبىيات ئۆگىنىش ئىستىكى يوق كىشىلەر زەئىپ كىشىلەردۇر ،دېگەن قاراش ئىپادىلەنگەن . B .«ئىستەك»دېگەن سۆز «ئارزۇ-ئارمان»دېگەن مەنىگە ئىگە. c .پارچىدا بىلىم ئىگەللەش،ئىزدىنىش،يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە بولۇش تەكىتلەنگەن. D.پارچىدىن روھى زەئىپلىك ۋە مەنىۋى نامراتلىق بىلىم ئېلىشقا،ئىزدىنىشكە سەل قاراش،ئۇنىڭغا ئىنتىلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ،دېگەن قاراش تەكىتلەنگەن. 2.«شېئىر ۋە شائىر» دېگەن تېكىسىتتىكى «شېئىر بىرقاينام بۇلاققا ئوخشايدۇكى تەشنالارغا ئارام،دەردمەنلەرگە داۋا...بەخىش ئەتكۈچى»دېگەن پارچىدا شېئىرنىڭ؛( ) A.تەربىيەۋى رولى ئىپادىلەنگەن. B.ئىستىتىك رولى تەكىتلەنگەن. C .ئاجايىپ خىسلەتكە ئىگەسېھىرلىك نەررسە ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا قويۇلغان. D.دۇنيانى ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇشنى بىلىش رولى تەكىتلەنگەن. 3.«موللاقچىلىقنى ئۆگىنىش»دېگەن ئەسەردىكى «مەن»نىڭ دار ئويۇنى ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويۇپ،موللاق ئېتىشنى مەشىق قىلىشى؛( ) A.«مەن» نېمىنى كۆرسە شۇنىڭغا قىزىقىدۇ. B .دادىسى دار ئويناشقا قوشۇلمىغانلىقتىن. c.ئۆزى بىلەن بىللە دار ئويۇنى ئوينايدىغان بالىلارنىڭ يوق بولۇشى سەۋەبىدىن. D.«مەن»نىڭ دار ئويۇنى ئوينايمەن دەپ خېلى كۆپ زەخمە يېگەنلىكىدىن. 4.«مەشرەپ»نىڭ خەلىقنىڭ سەنئەت مەكتىپى ۋە ئەدەب-ئەخلاق بۆشۈكى دەپ تەرىپلىنىشىدىكى سەۋەب؛( ) A .مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى بولغانلىقىدا. B .كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى سەنئەت پائالىيتى بولغانلىقىدا. c.مەشرەپلەردە ئەخلاق ۋە جامائەت ئىنتىزامى،سەنئەت ۋە تەربىيە زىچ بىرلەشكەنلكى سەۋەب. D.مەشرەپلەردە قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىكئىپادىلەنگەچكە. 5.«ئەتلەستىكى سەنئەت»دېگەن تېكسىت ژانىرى جەھەتتىن؛( ) A.چۈشەندۈرۈش ماقالىسى C.بايان ماقالىسى B.مۇھاكىمە ماقالىسى D.نەسىر 6.«ئۈستۈنكى قەۋەتتىن قايتىپ چۈشتۇق»دېگەن جۈملىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن سۆز؛( ) .Aئۈستۈنكى c.قەۋەتتىن B.قايتىپ D .چۈشتۇق 7.«پارىژدىكى ئۇيغۇر مۇزېيى»دېگەن تېكسىتتىكى دۇئال ئەپەندىنىڭ«مۇزېيى»دىن باشقا يەنە بىر ئەھمىيەتلىك ئىشى؛( ) A.ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر كەسىپكە ئەھمىيەت بىرىدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشى B.«ئۇيغۇرچە-ئېنگىلىزچە ھۇنەر كەسىپ ئاتالغۇلىرى لۇغىتى» تۈزۈۋاتقانلىقى c.ئۇيغۇرچە سۆز ئۆگىىنىشى D.ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى 8.تۆۋەندىكىلەردىن «ئۇر توقماق»ناملىق ئەسەردىكى قاغا بوۋايغا بەرگەن ئەڭگۈشتەرلەردىن خاتا ئېيتىلغىنى؛( ) A. ئۇر توقماق B ئالتۇن ساڭقايدىغان ئېشەك c . ياغاچ ئات D.ئېچىل داستىخان 9.«كىيىنىشىمىز ۋە كىملىكىمىز» دېگەن ئەسەردە ئاساسلىق ئىپادىلەنگىنى؛( ) A .ئەنئەنىنىڭ بۈگۈنكى شەھەرلەشكەن ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى ئەھۋالى. B. زامانىۋىلىشىشنىڭ ئەنئەنىنى چەتكە قاقىدىغانلىقى C .ئويۇن سورۇنىغا كەتكەن ۋاقىتنىڭ سىياسىي ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە باش قاتۇرۇش ۋاقتىدىن كۆپ بولۇۋاتقانلىقى D.كامالىدىننىڭ تويىنىڭ بۇزۇلۇشى 10.«مەن يۇمشاق قار ئۈستىگە يىنىككىنە تاشلاندىم .بۇ تاغ گويا مېھرىبان ئانا ،ئۇ گويا قۇدرەتلىك ئاتا»دېگەن پارچىدا؛( ) A .ئوخشىتىش بىلەن مۇبالىغە B.سۈپەتلەش بىلەن ئوخشىتىش c.سېلىشتۇرۇش بىلەن سۈپەتلەش D .ئوخشىتىش بىلەن سېلىشتۇرۇش 2-سۇئال.بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ. 1.«تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلار خۇددى يامغۇردىن كىيىنكى ھەسەن ھۈسەنگە ئوخشايدۇ.» دېگەن جۈملىدە( )ئوخشىتىش قوللىنىلغان بولۇپ ( )ئوخشالغۇچىدۇر. 2.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ( )يىلى( )دا تۇغۇلغان،( )يىلى ( )دە ۋاپات بولغان.(« »)،(« »)قاتارلىق رومانلىرى بار. 3. زۇنۇن قادىر ( )-يىلى( ) دە تۇغۇلغان. 4.ئۇيغۇرلاردا كۆپ ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپلەردىن؛( )،( )،( )، ( )قاتارلىقلار بار.بۇنىڭ ئىچىدەئىلى رايونىدا ئوينىلىدىغىنى( )مەشرىپى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئوينىلىدىغىنى( )مەشرىپى. 5. «داستىخان مەيدانىدىكى جەڭ» ناملىق چۆچەكتە ئادىل ھۆكۈم ئېلان قىلغۇچى( ). 6.«دىۋە ۋە بالىلار»دېگەن( )چۆچەكنى بالىلار شائىرى( )ئەنگىلىيە يازغۇچىسى ئوسكار ۋىلىدنىڭ ئەسىرىدىن ئىلھاملىنىپ ( )شەكىلدە يېزىپ چىققان. 3-سۇئال.قىسقىچە جاۋاب بېرىڭ. 1.«ئۇرتوقماق»ناملىق تېكسىت چۆچەكنىڭ قايسى تۈرىگە تەۋە؟نېمە ئۈچۈن؟چۆچەكنىڭ يەنە قانداق تۈلىرىنى بىلىسىز؟
2.«نەۋرۇز» دېگەن سۆزنىڭ مەنسى نېمە؟بۇ بايرام قاچان ئۆتكۈزۈلىدۇ؟
3.سىزنىڭ دوسىت تۇتۇشتىكى ئۆلچىمىڭىز نېمە؟سەمىمىي جاۋاب بېرىڭ.
4.ئۇيغۇر قول- ھۇنەر مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە قانداق ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە نادىر ئەسەرلەر بار؟
-ئۇنۋىرسال مەشىق ئىشلەش سۇئالى. 1.تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ بىرىلگەن سۇئالنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداڭ. ھاۋا كىرىدىغان تۆشۈكتىن ئاكام قوشۇق بىلەن بىر-بىرلەپ سۇنۇپ بەرگەن چۆچۈرىنى ئىچىپ قورسىقىمنى چالا تويغۇزۇپ جىمىپ قالدىم.كەچقۇرۇنلۇقى تاغام كېلىپ،يەنە دادامنىڭ توڭىنى يۇمشاق،شېرىن سۆزلىرى بىلەن ئېرىتىپ مېنى ئازات قىلدى. تەلەپ؛ 1)پارچە ئېلىنغان ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى كىم؟ژانىرى نېمە؟
2)مەن نېمە ئۈچۈن بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى؟
3)«مەن»نىڭ دادىسى ۋە تاغىسى قانداق ئادەملەر؟ئۇلارنىڭ قانداق لەقەملىرى بار؟
2.كىتابخان دېگەن سۆز «كىتاب»دېگەن سۆزگە گە «خان» دېگەن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىنىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان.سىز« خانا»دېگەن قوشۇمچە قوشۇلغان سۆزدىن ئىككىنى يېزىڭ.
3.تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىنى يېزىڭ. ئىملاسى تەلەپپۇزى ۋىجدانىڭغا ئازابلانغۇدەك گۇناھقا 4.تۆۋەندىكى ماقال- تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ. 1)ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنى ئەيىبلەر،ئەقىلسىز ئۆزگىنى.
2)بىلىكى كۈچلۈك بىرنى يېڭەر،بىلىمى كۈچلۈك مىڭنى.
5-سۇئال.يېزىقچىلىق سۇئالى. 1.سىز دوستىڭىزدىن «قۇم باسقان شەھەر»دېگەن روماننى ئارىيەتكە ئېلىپ تۇرماقچى.شۇڭا، بۇ نوقتىنى يورۇتۇپ بىر پارچە ئارىيەت ئېلىش خېتى يېزىڭ.قائىدىگە ئۇيغۇن بولسۇن.
2.«راسىتچىللىق -ئېسىل پەزىلەت»دېگەن تېمىدا بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ. تەلەپ:1)ئىملانىڭ توغرا خەتنىڭ چىرايلىق،سۆز جۈملىلەرنىڭ باغلانغان بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ. 2)ھەجىمى بىر بەتتىن كەم بولمىسۇن.
|
|