| مەكتىپىمىز تېلېفون ئىشلىتىشىنى چەكلەپ كەلدى . لېكىن ئائىلەڭلەردە ، مەھەللەڭلەردە تېلېفون ئىشلىتىپ قالىسىلەر ، شۇڭا تېلېفون ئىشلىتىشتىكى ئەدەب – ئەخلاق ۋە قائىدە يوسۇنلارنى بىلىۋېلىشىڭلار زۆرۈر . ئىنسانلار ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ، تېلىفۇن دەپ ئاتىلىدىغان ئەگەر جايىدا ئىشلەتسە پايدىسى زور بۇلىدىغان ، جىددى پەيتلەردە ئۇنىڭغا مۇھتاج بۇلىدىغان ، ھىس-تۇيغۇلارنى يەتكۈزۈپ، يىراقنى يېقىنلاشتۇرۇپ غېرىپ ئاتا - ئانىلارغا ئۇغۇل-قىزلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق سېغىنىش ئۇتىنى ئۈچۈرىدىغان، كىسەل، يارىدارلارنى جىددى قۇتقۇزىدىغان، ئوت ئاپەتلىرى ۋە ھەرخىل جىنايى قىلمىشلارنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، كۈچ، ۋاقىت ۋە پۇل تىجەيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل ئىقتىدارلارغا ئىگە ئاجايىپ بىر ئەسۋاپنى كەشىپ قىلدى. تېلىفۇننىڭ ئۆزىگە خاس ئىشلىتىش ئەدەپلىرى بار، چۈنكى ئۇنىڭ ئجابى_سەلبى تەرەپلىرى بۇلۇپ ئەگەر ئۆز ئورنىدا مۇۋاپىق ئىشلىتىلسە ئۇ بىر نىئمەت ئەگەر ئۆز جايىدا ئىشلىتىلمىسە ئۇنداقتا ئۇ بالايى-مۇسىبەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.قانداق قىلغاندا تېلېفوننى مۇۋاپىق ئىشلەتكەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ؟ تۈۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك. بىرىنچى: تېلىفۇن ئالاقىسى چۇقۇم تىجەشلىك، قىسقا بۇلۇشى كىرەك. تېلىفۇن قىلغۇچى تەرەپ پۇلنى ئىسراپ قىلماسلىقى، گىپىدە نورمال بۇلىشى، قانداقتۇر ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئەھۋال سۇراش بىلەن گەپنى ئۇزارتىۋەتمەسلىكى كىرەك. چۈنكى سۆزنىڭ ياخشىسى ئاز بۇلۇپ ساز بولغىنىدۇر. ئىككىنچى: تېلىفۇندا سۆزلىشىشنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىرى قاتارىدىن تېلىفۇندا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراپ سۆزلەشمەسلىك، بۇلۇپمۇ ئاتا-ئانا ۋە ئاتا- ئانا ئورنىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئىھتىرام بىلدۈرۈپ سۆزلەشكەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارىدىكى ھۆرمەت، مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئۈچىنچى: تېلېفون قىلغاندا ياكى ئالغاندا ئالدى بىلەن سالام بېرىش ، ئەھۋال سوراش لازىم، تېلىفۇن قىلغۇچى تەرەپ قارشى تەرەپنى << مىنى تۇنۇدۇڭمۇ؟ مەن كىم؟>> دىگەندەك سۆزلەر بىلەن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىق كىرەك. تېلىفۇن قىلغۇچى تەرەپ قارشى تەرەپكە ئاكتىپلىق بىلەن ئۈزىنى تۇنۇشتۇرۇپ قارشى تەرەپنى قايمۇقتۇرىدىغان ھەر قانداق ئىشلاردىن يىراق بولمىقى لازىم. تۆتىنچى: تېلىفۇن قىلغۇچى تەرەپ ئەگەر قارشى تەرەپ تېلىفۇننى ئالمىسا ياكى ئالغان تەقدىردىمۇ گەپنى قىسقىلا قىلىپ تېلىفۇننى قۇيۇۋەتسە ئۇ توغرىسىدا يامان گۇماندا بولماسلىقى، چۇقۇم قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇشى كىرەك. قارشى تەرەپكە بەلكىم ئاغرىقتۇر، ياكى يىغىندا بۇلۇشى مۇمكىن بەلكىم قەبرىستانلىق ياكى سۇخانىلارغا ئوخشاش تېلىفۇن قۇبۇل قىلىش بىئەپ ئۇرۇنلاردا بولسا كىرەك دىگەندەك ئويلاش كىرەك. ئەگەر تېلىفۇننى ئالمىسا قايتا-قايتىلاپ تېلىفۇن قىلىۋەرمەسلىك بەلكى ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن تېلىفۇن قىلىش كىرەك. بەشىنچى: تېلىفۇن قىلغۇچى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ قارشى تەرەپكە مۇناسىپ ۋاقىتنى تاللاش كىرەك. زۈرۈرىيەتسىز يېرىم كىچىدە ياكى ئارام ئېلىش، ئۇخلاش ۋاقىتلىرىدا تېلىفۇن قىلماسلىقى كىرەك. ئالتىنىچى: باشقىلارغا چاقچاق قىلىپ ياكى خاتا تېلىفۇن قىلىپ قېلىشتىن ئالاھىدە ئىھتىيات قىلىشى لازىم. ئۇقۇشماستىن خاتا تېلېفۇن قىلىپ قالغاندا دەرھال سەمىمىي كەچۈرۈم سوراپ تېلېفوننى قويۇش كېرەك . يەتتىنچى: يىغىنغا، مۇراسىمغا قاتناشقاندا تېلىفۇننى تاقىۋېتىش، ئەگەر ئۇنتۇپ قېلىپ تاقاقسىز قالغان بولسا تېلىفۇن كىلىپ قالغان ئەھۋالدا دەرھال تاقىۋېتىش ياكى ئاۋازىنى ئىتىۋېتىش كىرەك. شۇنداقلا باشقىلارمۇ تېلىفۇننى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالغانلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئۆزرىسىنى قۇبۇل قىلىپ يۇمشاق سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىشى كىرەككى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئاھانەت قىلىدىغان، دىلىنى جاراھەتلەپ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان قۇپال سۆز- ھەركەتلەردىن ساقلىنىشى كىرەك. سەككىزىنچى: باشقىلارنىڭ تېلىفۇنىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ياكى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز تېلىفۇنىنى قالايمىقان ئاختۇرۇش، ئۇچۇرلارنى ئۇقۇۋېلىش ئەخلاقسىزلىق ۋە قانۇنسىزلىق. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارغا قىلىنغان خىيانەت ۋە ئۇلارنى رەسۋا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. توققۇزىنچى ، ماشىنا ھەيدەۋېتىپ ، موتو مىنىۋېتىپ ، تېلىفۇندا سۆزلەشمەسلىك كېرەك . زۈرۈر بولسا چەتكە توختاپ سۆزلىشىپ بولۇپ ، ئاندىن مېڭىش لازىم . چۈنكى سۆزلىشىش قاتناش ھادىسىسى يۈز بىرىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. تېلېفوننى نۇرغۇن كىشىلەر ياخشىلىق ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولسا بىر قىسىم بۇزۇق كىشىلەر جىنايەت سادىر قىلىش، زەھەرلىك چىكىملىك سودىسى، ياشلارنى قايمۇقتۇرۇش قاتارلىق يامان ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. مانا بۇ قىلمىشلار ئەتراپىمىزدا پەيدا بولغان پىتنە-پاسات، بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى بۇلۇپ قالغان . 礼貌用手机.doc |
|