| باش ماقالە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: بىر نەپەر ۋاسكىتبول توپچىسىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا، NBA گە كىرگەنلىك شۇ توپچىنىڭ ئاللىقاچان دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك توپچىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ، ئەكىسچە بۇ يەنە شۇ توپچىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى توپ مەستانىلىرى ھەۋەس قىلىدىغان يۇقىرى مائاشقا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بولۇپمۇ جەيمىس، كوبى بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلارغا قارىتا پۇل تېپىش ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ناھايىتى ئاددى ئىش، ئەلۋەتتە پۇل خەجلەشتىمۇ پىخسىقلىق قىلمايدۇ. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە NBA دىكى ئاشۇ «كان قازىدىغان» بايۋەتچە توپچىلارنى كۆرۈپ باقايلى.
NBA توپچىلىرى ئىچىدە، مەيدى تۇنجى بولۇپ خۇسۇسىي ئايروپىلان سېتىۋالغان كىشى، ئۇ 20 مىلىيون دوللار سەرپ قىلىپ بىر خۇسۇسىي ئايروپىلان سېتىۋالغان. بۇ يىللىق مائاشى ئون مىلىيون دوللاردىن ئاشىدىغان مەيدىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، پەقەت بىر پەسىللىك مائاشىنى سەرپ قىلسىلا بىر خۇسۇسىي ئايروپىلان سېتىۋالالايدۇ، بۇ ئۇنداق ھەشەمەتلىك چىقىم ھېسابلانمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئايروپىلاننى ئادەتتە ئىشلەتمىگە ۋاقىتتا ئىجارىگە بېرىدۇ.
ئونىئېلمۇ NBA دىكى ئىتراپ قىلىنغان بايۋەتچە، ئىلگىرى 2006-يىلى لوس ئانجىلىستىن مىئامىغا كۆچكەندە، تاراتقۇلار ئونىئېلنىڭ خۇسۇسىي ماشىنىسى سانىنىڭ 44 گە يېتىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان.
جوردان NBA تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر، ئۇمۇ ئوخشاشلا پۇل خەجلەشتە پىخسىقلىق قىلمايدۇ. ئالدىنقى ئايالى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندە بىر قېتىمدىلا نەچچە يۈز مىلىيون دوللار بەرگەن، ئەكىسچە قىمار ئوينىغاندىمۇ قىلچىلىك يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ، ئىگەللىنىشىچە، ئەينى يىللىرى لاس ۋىگاستا جورداننىڭ ئىپادىسى بىر زەردار باينى ھەيران قالدۇرغانكەن.
ئەلۋەتتە پۇلنى توپىدەك بۇزۇپ چاچىدىغانلارنىڭ ۋەكىلىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ دەل تالانىت كوماندىسىنىڭ سابىق توپچىسى ئالىناس. ئالىناسنىڭ ئەينى يىللاردىكى تالانىت كوماندىسىدىكى ۋاقتىنى يەنىلا بىرىنچى نومۇرلۇق شەخىس دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ۋاشىنگىتوننىڭ نەچچە يۈز مىلىيونلۇق توختامىغا ئېرىشكەن. بىراق غايەت زور سوممىدىكى توختام پۇلى قولىغا تەگكەندىن كېيىن ئۇ بۇزۇپ چېچىشقا باشلىغان.
ئىگەللىنىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ئۆيىدە بىر لەھەڭ باققان، ئەكىسچە بۇ چوڭ لەھەڭنىڭ بىر كۈنلۈك چىقىمىلا 6000 دوللاردىن ئاشىدىكەن.
ئەڭ قېلىپتىن چىقىپ كەتكىنى، 2013-يىلىدا ئالىناس بىۋاستىلا دوللارنى تازلىق قەغىزى ئورنىدا ئىشلەتكەن ھەم شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ بۇ ئەخلەت (پۇل) بولسا ساغرا سۈرتىدىغان نەرسە، دېگەن. |
|