| تىلىۋىزۇر ئىلانىغا ئالدىنىپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك ؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تورداشلار.مەن مۇنداق بىر ئىشقا يۇلۇقتۇم .ھەم قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم .. ياردەم قىلغان بولساڭلار ~! بۇ ئىشقا بىر يىل بۇلاي دىدى : بۇلتۇر ئەتىياز پەسلىدە تىلۋۇزۇردا خەنزۇچە قانالدا بىر ئىلان كۆردۈم . تىلفۇن ئىلانى بۇلۇپ ، تىلفۇننىڭ ئىقتىدارىنى خېلى ياخشى،ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىملىرىنى خېلى يۇقرى ، تېىلفۇن قىلسا ھەر قانداق تىلفۇنغا بىر مىنۇتى 3 پۇڭدىن ماڭىدۇ دەپ ئىلان قىلىندى ، ماڭا بۇ تېلفۇن ياراپ قېلىپ ، ئىكراندىكى 400 *** نۇمۇرغا تېىلفۇن قىلدىم . شاڭخەيدىكى دۇكان ئوخشايدۇ .021 دىن باشلانغان بىر نۇمۇردىن تىلفۇن كىلىپ ، شۇ تېلفۇننى .شۇ ئىقتىدارلىرىنى ماختاپ كەتتى ، مەن يولدىشىم بىلەن ئىككىمىز بىردىن ئىشلىتەرمىز دەپ ئاقتىن بىرنى قارىدىن بىرنى جەمئى ئىككىنى بۇيرۇدۇم، مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا پۇل تاپشۇردىغان گەپكەن. بۇ شەكىلدىكى تىز يوللانمىلار ناھىيەگىچلا يوللىنىدىكەن،يېزلارغا كەلمەيدىكەن. ناھىيەدىكى بىر تىزيوللانما ئورنىدىن مال كەلدى ،تاپشۇرۇپ ئېلىڭ دەپ تېلفۇن كەلدى .يېزىغا كەلسە ئالىمەن دىسەم ، ئاۋال پۇلنى تاپشۇرۇپ بولغان نەرسىلەر يېزلارغىچە يوللىنىدۇ. مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا پۇل تۈلەيدىغان نەرسىلەر ناھىيەلەردىلا توختايدۇ،ئالغۇچى بولمىسا قايتىپ كىتىدۇ ،دىدى ،يېزامدىن ناھىيەگىچە بولغان ئارلىق 100 كىلومىتىردىنمۇ ئۇزۇن بولغاچقا ۋاختىم چىقماي بارالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن مال قايتىپ كىىپتىكەن ،ئارلىقتا بىر مەزگىل ئۆتتى ، ئۇ ئىلانلار مۇ يوقاپ كەتتى ، ئاندىن بىر كۈنلۈكتە 021 دىن باشلانغان بىر تېلفۇن كەلدى مەن 投诉局 دىكى徐文博 بۇلىمەن دەپ ، يەنە شۇ تېلفۇننىڭ گىپى.شۇ تېلفۇننى ئالامسە دەيدۇ. ئالاتتىم ، بىراق مەن تۇرغان جايغا يەتكۈزۈپ بەرسە ئالىمەن،نايىگە بېرىشقا ۋاختىم يوق دىسەم،نەگە دىسەڭ شۇ يەرگە يەتكۈزۈپ بىرىدۇ دىدى يەنە .شۇ ۋاقىتتا تىلفۇن زاكاز قىلىپ قۇيۇپ ئالماپتىكەنسە ، ساڭا ئەۋەتىپ،يەنە قايتۇرۇپ كەتكەنگە پوچتا ھەققىنى شىركەت زىيان تارتىپتۇ ،ئەگەر ئالمىساڭ شىر كەت سىنىڭ ئۈستۈڭدىن ئەرىز قىلىدىكەن.دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان . بۇ چاغدا دەل مىنىڭ تېلفۇنۇم يۇتۇپ كەتكەن ۋاقىت بولغاچقا ، مەن تېلفۇن ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقان.. شۇڭا يەنىلا بۇرۇنقى زاكاس بۇيىچە بىر ئاق ،بىر قارا ئىككى دانە تېلفۇن بۇيرۇدۇم. بۇ قېتىممۇ نايىگە كىلىپ تۇۋەنگە ماڭمىدى، دەل بۇۋاقىتتا يولدىشىمنىۇ نايىگە بارىدىغان ئىشى چىقىپ قېلىپ ، ناھىيگەبارغاندا ، ئۇ تېلفۇنلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ،837 يۇەن پۇلنى بىرىپ كەپتۇ .. تىلفۇنلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن كۈندە نەچچە ۋاخ تېلفۇن قىلىپ ،تېلفۇن باردىمۇ ؟ تاپشۇرۋالدىڭمۇ ؟ تاپشۇرۋېلىپ ئەگەر يارمىسا 15 كۈنگچە قايتۇرۇشقا ياكى ئالماشتۇرۇشقا بۇلىدۇ ، دەۋاتقان يولداش 徐文博 ،تېلفۇننى تاپشۇرۇپ ئالدىم دىگەندىن كىيىنلا يۇقاپلا كەتتى، ئۇ ئىككى تېلفۇننىڭ شەكلى ناھايىتى چىرايلىق بولغان بىلەن بىرى كارتا سالسام تۇنىمىدى. يەنە بىرى كارتا سالسام تۇنىدى ، لىكىن تېلفۇن ئۇرۇپ باقاي دىسەم . تىلفۇن ئۇرۇلغان ھامان ئىتىلىپ قالدى دە سەل تۇرۇپ ئۇزى قايتا ئېچىلدى،، تېىلفۇن كەلسىمۇ ، بىر قېتىم سايراپلا ئۈچۈپ قالدى ، دىمەك بۇ تېلفۇنلارنى ئىشلەتكىلى بولمىدى .. قايتۇراي دەي دەپ ھېلىقى يولداش 徐文博 غا تىلفۇن ئۇرسام تىلفۇننى پەقەتلا ئالمىدى . تىلفۇننى تاپشۇرۇپ ئالغان جايغا بېرىپ قايتۇرىمەن دىسەك ، نەرسىنى سالغان ئادەم بىلەن ئۇزەڭ ئالاقىلىشىپ تۇرساڭ ، بىز پەقەت نەرسىنى كەلگەن ئادرىسقا يوللاپ بەرسەك بۇلىدۇ ، لىكىن پۇلىنى شۇ نەرسىنى قارشى تەرەپ تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن كارتاڭغا ئۇرۇپ بىرشى ، ياكى مالنى ئالماشتۇرۇپ بىرىشى مۇمكىن .، بۇنى بىز بىلمەيمىز دەيدۇ . قانداق قىلسام بۇلار دەپ قايتىپ كەلدىم... ئوزەم تاپقان بالاغا ، نەگە باراي داۋاغا دەپتىكەن كونىلار .بىكار دىن بىكار 900 كوي قۇدۇققا چۈشتى ... ‹‹ئىستىمالچىلار ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغداش ›› دەيدىغان جايغا ئەرىز قىلسام بۇلار مۇ يا ؟ دەپمۇ ئويلىدىم، لىكىن قانداق ئەرىز قىلىشنى بىلمەيدىكەنمەن ،يەنە كىلىپ مىنىڭ بالىلىرىم كىچىك ، خىزمەت،تۇرمۇش،باللىرىم دەپ ئالدىراشچىلىقتا ۋاخىتممۇ يەتمەيدىكەن دەپ بولدى قىلدىم...لىكىن زىيان ئاچچىقتە ~! تۈنۈگۈن يەنە شۇ 021 دىن باشلانغان نۇمۇردىن تېلفۇن كەلدى : ئالسام يەنە بىر يولداش مەن 投诉局 دىكى徐文博 نىڭ باشلىقى X X دەيدۇ.. يەنە تېخى سەن شىركەتنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىپتىكەنسەن ، ئەرزىڭنى بىكار قىلمىساڭ ،شىركەتمۇ سىنىڭ ئۈستىڭدىن ئەرىز قىلدىكەن ، تۈرمىدە ياىدىكەنسەن دەيدۇ ... ساختا تېلفۇننى سېتىپسەن، يا ئىشلەتكىلى بولمىدى ، يا قايتۇرغىلى بولمىدى ، يا ھېلىقى 徐文博 تىلفۇننى ئالغىلى ئۇنمىدى دىسەم .مەن تۇلەپ بىرەي .ھەقسىز ئەسلىدىكىدىنمۇ ياخشى تېلفۇندىن ئىككىنى ئەۋەتىپ بىرەي ،، لىكىن تىلفۇن بىلەن قۇشۇپ ئەرىزنى بىكار قىلىش جەدىۋىلىنى ئەۋەتىمەن ، ئۇنىڭغا ئۆز ئىمزايىڭنى قويمىساڭ ، يەنە ئەرىزنى بىكار قىلىش ھەققىگە 800 كوي ئەۋەتمىسەڭ ،ئەرزىڭنى بىكار قىلغىلى بولمايدىكەن .. ئەرزىڭنى ۋاختىدا بىكار قىلىۋەتمىسەڭ ، شىركەت سىنىڭ ئۈستۈڭدىن ئەرىز قىلىپ سىنىڭ نامىڭدا بىجىرىلگەن بانكا كارتىلار توختتىدۇ ، خىزمەت ئورنىڭدىنمۇ ئايرىلىسەن ، تۇرمىدىمۇ ياتىسەن دەيدۇ تېخى ... بۇ گەپلەرنىڭ يوغانلىقىغا بەكلا ھەيران قالدىم... ...شۇ ۋاقىتتا قانداق ئەرىز قىلىشنى بىلمەيدىكەنمەن مىنىڭ بالىلىرىم كىچىك ، خىزمەت،تۇرمۇش،باللىرىم دەپ ئالدىراشچىلىقتا ۋاخىتممۇ يەتمەيدىكەن دەپ بولدى قىلماي ئەرىز قىلسام بوپتىكەن دەپ قالدىم... بۇ ئالدامچىلىقنى پاش قىلىش ئۈچۈن قانۇندىن ياردەم سۇرامدىم ؟؟ ياكى ‹‹ئىستىمالچىلار نىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغداش ›› ئۇرۇنلىرىغا ئەھۋال مەلۇم قىلامدىم ؟؟ قانداق قىلسام بۇلار ؟ مەسلىھەت بەرسەڭلار ~!
|
|