| جەننەت تۈۋرۈكىگە باغلانغان ئۆرۈمە چاچ زامان تەرەققىياتى 20 - ئەسىرگە كىرگەندە ئاياللار باراۋەرلىكى، ئەركىنلىكى پىكىر ئېقىمى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، ئاياللارنىڭ ئۆز رولى، ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش بوشلۇقى يۈكسەك دەرىجىدە كېڭەيدى. پارلاق 21 - ئەسىرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاياللارنىڭ 20 - ئەسىرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئامەتلىك بولىدىغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت بولۇپ قالدى. دەرۋەقە، ئاياللار تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان پۇرسەتكە ئېرىشكەن مۇشۇ دەۋردە، ئۆز رولى، ئىقتىدارىنى قانداق ماكاندا نامايان قىلىشتا، كۆپىنچە كاللىسىدا ئەڭ ئالدى بىلەن «ئۇچاق بېشىدىن دەس تۇرۇش،›› جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ئەرلەرگە ئوخشاش ئورۇنغا، مۇئامىلىگە ئىگە بولۇش ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى. ئاياللارنىڭ بۇ خىل قارىشىنىڭ پولاتتەك پاكىتى سۈپىتىدە كىيورى خانىم، ساچىر خانىمدەك گىگانت ئالىم، سىياسىئونلار بارلىققا كېلىپ، ئەرلەرنىمۇ قايىل قىلىپ قويدى. بىراق، بۇ خىل قايىللىقنىڭ ئارقىسىغا تولىمۇ ئەندىشىلىك بىر سوئال يوشۇرۇنغانىدى. ئۇ بولسىمۇ مېھىر - مۇھەببەت بۆشۈكى، ئىجتىمائىيەتنىڭ يادروسى بولغان ئائىلىنىڭ ھالاكىتى جەمئىيەتنىڭ ھالاكىتىگە تەرەققىي قىلارمۇ دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.<BR>مىلادىيە 589 - يىلى فرانسىيىدە «ئاياللار ئىنسانمۇ - ئەمەسمۇ؟» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلۈپ، «ئاياللارئىنسان» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنىكەن. ھازىر ئويلىساق، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا يەنە كېلىپ بۈگۈنكى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان فرانسىيىدەك دۆلەتتە مۇشۇنداقمۇ مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلۈپتىكەن دەپ ھەيران بولماي تۇرالمايمىز. چۈنكى، ئەر بىلەن ئوخشاش، پەقەت جىنسىلا ئوخشاشمايدىغان، ئىنسانىيەت ئالىمى پەقەت مۇشۇ ئىككى جىنس بىلەنلا كۆكلەپ راۋاجلىنىدىغانلىقى ئاپئاشكارا پاكىت بولغان ئەھۋالدا، ئاياللارنىڭ ئىنسان ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكچى بولۇشنىڭ ئۆزى ئۆتۈپ كەتكەن بىمەنىلىك ئىدى، تېخىمۇ مۇھىمى ئاياللار ئۈچۈن زور ھاقارەت ئىدى. بۇنداق ئىشلار قىسمەتلىك تارىختا تالاي قېتىملاپ تەكرارلانغانىدى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولغان رىمدا ئاياللارنى «شەخسىي مۈلۈك»، «زىننەت بۇيۇمى‹‹ئايال جىنس بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھېچقانداق سالاھىيىتى يوق» دەپ قارايدىغان قاراش ئىنتايىن ئېغىر بولغانىكەن. دۇنيا مىقياسىدىن ئەمەس، ئۆز رايونىمىز، ئۆز مىللىتىمىز ئىچىدىمۇ ئاياللارنى پەس كۆرۈش، خارلاش، زوراۋانلىق قىلىشتەك خۇراپىيلىقنىڭ خورلىشىغا دۇچ كەلگەن تارىخىي جەرياننى كۆرمەك تەس ئەمەس. قىسقىسى، ئاياللار تارىختا باراۋەسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ئىدى. ئېنگلىس خېلى بۇرۇنلا «ئاياللارلار ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشتۇرۇلمايدىكەن، ئۇلارنىڭ باراۋەرلىكىنى مەڭگۈ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ھازىر ئاياللار جەمئىيەتتە ئەرلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئائىلىدە ئاياللىق، ئانىلىق، كېلىنلىك، پەرزەنتلىك رولىنى ئۆتەپ، ئەرلەردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماقتا. دېمەك، ئاياللار ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى ئىسپاتلىماقتا. <BR>دۆلىتىمىزدىمۇ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئاياللارنىڭ مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشىغا، جەمئىيەتتە خىزمەت قىلىشىغا، دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئىمكانىيەتلىرى يارىتىلدى. ئاياللارنىڭ ئىچىدە ئالىملار، دوكتورلار، پروفېسسورلار مەيدانغا كەلدى. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن ئەقىل - پاراسەت جەھەتتە كەم ئەمەسلىكى، قەدىر - قىممەت جەھەتتە ئەرلەرگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر ئاياللار مەڭگۈ قازان بېشىغا قۇل بولۇپ، ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۆيدە بالا بېقىشتىن باشقىغا يېتىشەلمەي يۈرگەن بولسا، بەلكىم ھازىرغىچە «ئايال ئىنسانمۇ - ئەمەسمۇ» دېگەن سوئال مۇھاكىمە قىلىنىۋەرگەن بولاتتى. ھازىر ئاياللارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكتىن، ئائىلىگە يېتەرلىك دەرىجىدە مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش، پەرزەنت تەربىيىلەشنى مەكتەپكە، يەسلىگە ئىتتىرىپ قويۇشتەك مەسىلىلەر كېلىپ چىقىپ، ئائىلىلەر بىر خىل كۆرۈنمەس ھالاكەتكە يۈزلەنمەكتە، ئاجرىشىش نىسبىتى ئۆرلىمەكتە. ئادەمنى يەنىمۇ ئەنسىرىتىدىغىنى، نۇرغۇن ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ قانداق مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئىنچىكە ئويلىنىپ كۆرمەي، ساددىلارچە ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغاچقا ھەرقانداق ئىشتا ئەر - ئايال ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دېگەندەك قاراشلارنىڭ قۇلى بولۇپ قالماقتا. ئەرلەرنىڭ قەھرىمانلىقى، باتۇرلۇقى، ھەيۋەتلىكلىكى، مەردلىكى بىلەن ئەر ئىكەنلىكى، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى، نازاكەتلىكى، ئەۋرىشىملىكى، مېھرىبانلىقى بىلەن ئايال ئىكەنلىكى، ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدا مۇشۇنداق ئۆزگىچە خاسلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبلىك، ئىجتىمائىيەتتە باراۋەر بولسىمۇ، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئوخشاشمايدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ساقلانماقتا. <BR>ئاياللار ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرلەر قىلالىغاننى قىلالايدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ھەممە شەيئىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئورنى ئوخشاش بولماسلىقتەك قانۇنىيەت نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، ئاياللارنىڭ ئەڭ زور مەسئۇلىيىتى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇش ماكانى يەنىلا ئائىلە بولسا كېرەك. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى بولۇش بىلەن ئىنسانلارنىڭ ساغلام ئەقىل ۋە روھىي ھالەتتە چوڭ بولۇشىنىڭ يادروسىدۇر. ئاياللار ئائىلىدىن ئىبارەت مۇقەددەس ماكاندا ئۆز ۋۇجۇدىدا ئەسلىدىلا مەۋجۇت بولغان مېھرىبانلىق، ۋاپادارلىق، غۇرۇرلۇق بولۇشتىن ئىبارەت ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقلىنىدىغان ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ئەقىل - پاراسەت بىلەن يۇغۇرۇپ، ئۇنى قاردەك ئاق ھەم پاك سۈتى ئارقىلىق ئەۋلادنىڭ روھى ۋە جىسمىغا سىڭدۈرۈشتەك مۇقەددەس مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىلاردۇر. بىر ئائىلىنى چۆرگىلەۋاتقان شارغا ئوخشاتساق، ئاياللار بۇ شارنىڭ ئوقىدۇر. ئايال كىشى ۋۇجۇدىدىكى ۋاپادارلىق، مېھرىبانلىق، غۇرۇرلۇق، ئەقىللىق بولۇش ھەم بۇ سۈپەتلەرنى ئەۋلادنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ شارنىڭ ئوق مەركىزى بولۇشقا مۇناسىپتۇر. ئاياللار مانا مۇشۇنداق قۇدرەتلىك بولغاچقا بىزدە«اياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ» دېگەن ھېكمەت ئەجدادلاردىن ئۇدۇم بولۇپ كەلگەن. ئاياللار گۈزەللىك، ئەقىل - پاراسەت شاھى بولۇشتەك ماھىيەتنى ئۆزىدە ھازىرلىغاندا ئائىلە جەننەت كەبى تەڭداشسىزلىققا تولۇپ، بۇخىل مۇھىتتا چوڭ بولغان ھاياتلىق دەرىخىنى كۆكلەتكۈچىلەر دۇنيانى ئۆز قولىدا چۆرگىلىتىپ، ئانا ئارزۇسىنى، مىللەت ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدۇ. مانا مۇشۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتەلىسەك، نۆۋەتتە، يۈكسەك تەرەققىي قىلغان غەربنىڭ جان قايغۇسى بولغان ئەخلاقنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەبلىك ئائىلىنىڭ ئورنى تەۋرەپ قېلىۋاتقانلىقى، نوپۇس ئازلاپ بېرىش كرىزىسى، نىكاھسىز بالىلارنىڭ كۆپىيىپ بېرىشى، نە ئاتا، نە ئانا مېھرىگە قانمىغان ئاشۇ بالىلارنىڭ قەلبىدە مېھىر - مۇھەببەت چاڭقاقلىقىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەنلىكى، پسىخىك نورمالسىزلىققا مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقى، ئۆزىمىزدە ھەممىنى ئەندىشىگە مۇپتىلا قىلىۋاتقان ئاجرىشىدىغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىدەك ئاچچىق رېئاللىق ئۈستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر بولساق ئەجەب ئەمەس مەنبەسى: ئىزباسار تورى ئاپتۇرى :parxta
|
|