| چىيەنناۋدىن ماتىريال چۈشۈرەلمەسلىكىڭىزدىكى سەۋەب مۇنداق: نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن كۆپ قىسىم تور بوشلۇقلىرى ۋە تور دېسكىلىرىدىكى ماتىرياللارنى ھەمبەھىرلەشنى بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇلدى . شۇ سەۋەپلىك كۆپ قىسىم تور بوشلۇقلىرىدىكى ماتىرياللارنى چۈشۈرگىلى بولماسلىقتەك ئاۋارىچىلىقلار كۆرۈلدى . ئەمدى ، چىيەنناۋدىكى ماتىرياللارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن چىيەنناۋ بوشلۇقىغا ئەزا بولۇپ ، تىزىملىتىڭ ، تىزىملاتقاندىن كېيىن مەخپى نومۇرنى ساقلايدىغان ۋە نۆۋەتتىكى ھېسابات نومۇرىنى ئاپتوماتىك تىزىملىتىدىغان قىلىپ بەلگىلەپ قويسىڭىز ھەر قېتىم چىيەنناۋدىن ماتىريال چۈشۈرگەندە تىزىملىتىش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلىنالايسىز شۇنداقلا ئۆزىڭىزگە كىرەكلىك بولغان ماتىرياللارنى بىمالال چۈشۈرەلەيسىز . سىزنىڭ نۆۋەتتىكى كومپىيوتېر سەۋىيىڭىزدىن بۇ مەشغۇلاتلارنى ئوڭۇشلۇق قىپ كىتەلەيسىز ، سىزگە ئامەت تىلەيمەن ، ئەگەر يەنىلا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز سۆز قالدۇرۇپ قويۇڭ ، قولۇم كۆكسۈمدە ! |
|