قىزلىرىمىزنىڭ «لىباس»ى يىرتىلمىسۇن !
قۇربانجان توختى ئازىق
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى تۇرمۇشىمىزغا يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، مەيلى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بولسۇن ياكى مەنىۋىي تۇرمۇشتا بولسۇن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا كۆرۈنەرلىك بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى . نۆۋىتىدە ئىجتىمائىي ئەخلاق تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئاز بولمىغان سەلبىي روللارنىمۇ ئوينىدى. جەمئىيىتىمىزدە بەزى ئىرادىسى ئاجىز، مۇكەممەل ئائىلە تەربىيەسىگە ئىگە بولالمىغان پەرزەنتلەر، بولۇپمۇ قىزلار بۇ شامالغا ئاسانلا ئۇچراپ، تۇرمۇشتا بەختسىز بولۇپ قالدى ياكى جەمئىيەتكە ئارتۇقچە يۈك بولدى، مۇنداق بولۇشىنى ئۇلار تەرەققىياتنىڭ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كەلگەن زىيىنى دەپ قارىدى. ئۇنداقتا تەرەققىيات نېمىشقا ھەممە ئادەمگە زىيان ئېلىپ كەلمەي، بەزىلەرگە بەخت- ئامەت، بەزىلەرگە بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ؟ مەسىلە دەل ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە. بۇنى مۇنداق چۈشىنىشىمىز مۇمكىن: خىزمەت جىددىيلىكى ۋە ئايىغى چىقماس قائىدە يوسۇنلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئائىلە بىلەن ئانچە باغلىنىپ بولالمايۋاتقان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىن قالماي، دەرسلەردىن لاياقەتسىز بولۇپ قالماي، مەكتەپتىن چاقىرىتىلماي يۈرگىنىدىن خاتىرجەم بولۇپ ئۇلارنىڭ قورسىقىنى ئاچ، ئۇچىسىنى يالىڭاچ قويماي خاتىرجەم يۈرىۋەرگەنلىكى ئۈچۈن، پەرزەزنتلەر بولۇپمۇ قىزلار ئائىلىدە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم تەربىيەنى ۋاقتىدا ئالالمىغانلىقى ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىنىڭ كۆپرەكى مەكتەپ ۋە سىرتلاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كىرىدىغانلىرى جەمئىيەتتىكى تەسىردىنلا ئىبارەت بولدى . ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇشى كەمدىن كەم بولغانلىقتىن ، پەرزەنتلەر، بولۇپمۇ قىزلار ئائىلىسىگە پەقەت ئاخشىمى ئۇخلاش ئۈچۈن، تاماق يېيىش ئۈچۈنلا قايتقاندەك، تاماق يەپ بولۇپلا ئۆزلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان خاس ھوجرىلىرىغا بېكىنىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىيالى ۋە ياكى تېلېفونلىرى ئارقىلىق كۈندۈزدە ئايىغى تۈگىمىگەن قۇرۇق پاراڭلىرىنىڭ داۋامىنى ئۇچۇر ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇپ، ھەتتا تاپشۇرۇقلارنىمۇ ئۇچۇر، تېلېفون ئارقىلىق بىر-بىرىدىن كۆچۈرۈپلا ھەل قىلىپ كاللىسىغا ئەمەلىي بىلىمدىن ئازراقمۇ كىرگۈزمەي، تاپشۇرۇق ئىشلەش، مەكتەپكە بېرىشنى ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەت دەپ قارىماي، پەقەت ئۆزلىرى ئورۇنلىسىلا بىر كۈننىڭ ئۆتكىنى ئۈچۈن خۇش بولىدىغان ۋەزىپە قاتارىدا كۆرۈپ، تاماق پىشسا تاماق يەپ، بولمىسا تور ئويناپ يۈرىۋەرگەنلىكتىن نېمىنىڭ ئەخلاق، نېمىنىڭ ھايا ئىكەنلىكىدىنمۇ خەۋەرسىزلا چوڭ بولۇپ جەمئىيەتكە چىقىپ كېتىۋاتقانلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. قىزلار بولسا تور ۋە تېلېۋىزوردىن يېشىغا ماس كەلمىگەن ھەر خىل كىنو - فىلىملەرنى كۆرۈپ ياكى تور ئويۇنلىرىنى ئويناپ، بالدۇر يېتىلىپ قېلىپ تېخى يېشىغا يەتمەيلا مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ كېتىپ، پۈتۈن خىيالىنى قالايمىقان مۇھەببەت ھېسلىرى چىرمىۋېلىپ، بىلىم ئىگەللەشكە ئورۇن قالمىغانلىقتىن ئۇلاردا ئوقۇشتىن زېرىكىش ۋە مەكتەپتىن قېچىپ تۇرخانىلاردا كۈن ئۆتكۈزۈش خاھىشى ئېغىرلاپ مەكتەپ ۋە جەمئىيەتكە يۈك بولۇۋاتىدۇ . قارايدىغان بولساق، يۈزى تۆۋەن، چوڭلارنى كۆرسە سالام قىلىدىغان، ئاپتوبۇسلاردا ئۇلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىدىغان، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان چوڭلارغا ياردەملىشىپ نەرسىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىدىغان ياشلارنى ئاساسىي جەھەتتىن كۆرگىلى بولمايدۇ. ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئاغىينەمنىڭ ئۆيىگە پەتىگە كەلدىم، ئىككىنچى قەۋەتكە چىقسام ئۇلارنىڭ ئىشىكى ھىم ئىتىك تۇرۇپتۇ. «ھېيتتىمۇ ئىشىكنى ئەجەپ چىڭ تاقاپ قويۇپتۇ يا بۇلار؟ بىر يەرگە پەتىلەپ چىقىپ كەتتىمۇ يا؟» دېگەن ئويلار بىلەن ئارقامغا يېنىپ بولۇپ، «قانداقلا بولمىسۇن كەپتىمەن، ئىشىكىنى بىر چېكىپ باقمايمۇ» دەپ، ئىشىكنى چەكتىم، ئشىىك ئېچىلمىدى، قايتىپ كېتەي دېسەم ئۆي ئىچىدىن تاراقلىغان ئاۋازلار چىقىپ تۇرىدۇ، يەنە قاتتىقراق بىر چەكتىم. ـــ كىم؟ ــ دېدى بىر ئاۋاز. ـــ مەن! دېدىم مەنمۇ جاۋابەن، بىر دەمدىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپ 20 ياشلارغا بېرىپ قالغان بىر قىز ئىشىكنى قىيا ئېچىپ قاراپ تۇراتتى. ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىزىم، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، دادىڭىز ئۆيدىمۇ؟ ـــ دېدىم ئەدەپ بىلەن. ـــ بىرگە بولسۇن، دادام ئاپام بىلەن ھېيتلاپ كەتكەن. ــ دېدى قىز ئىزىدىن مىدىرلىماي تۇرۇپ. ـــ سۇلتان دادام ھېيتلاپ كەپتىكەن، سىلەر يوق قايتىپ كەتتى دەپ قوياسىز قىزىم، بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۆتەرسىلەر، ــ دېدىم پەلەمپەيدىن چۈشىۋېتىپ. ـــ ھە، مەن دەپ قوياي، ـــ دەپلا ئىشىكنى گۇم قىلىپ ياپتى قىز. بۇرۇنلاردا 20 ياشلىق قىزلارنى ياتلىق قىلىدىغان ئىشلار بار ئىدى. بىراق ھازىر مەدەنىيەتنى قانچە كۆپ قوبۇل قىلىپ، قانچە كۆپ بىلىم ئالغانچە قىزلىرىمىز ئەدەپ- قائىدە ۋە مىللىي ئەنئەنىلەرنى بىلمەيدىغان بولۇپ كېتىۋاتامدۇ بىلمىدىم، ئەلبەتتە بۇ ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئۇلار ئېڭىغا سىڭدۈرۈلمىگەنلىكى، ياكى ئاتا ئانىسىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىنىڭ ئۇلارغا ياخشى تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىدىن دەپ قارىدىم. ھېيت دېگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ كاتتا بايرىمى، ھېيتنىڭ قائىدە-يوسۇن، ئۆرپ ئادەتلىرىنى ھەممىمىز بىلىشكە تېگىشلىك ئەلبەتتە. بىراق 20 ياشقا كىرىپ قالغان بىر قىزنىڭ ئىشىك تۈۋىدىلا مېھماننى سوغۇق مۇئامىلە بىلەن قايتۇرۇشى مىللىتىمىز ئەنئەنىسىدىن ئالغاندىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئىش، چۈنكى ئۇ كەلگۈسىدە ئانا بولىدۇ، ئەمەسمۇ؟ يوللاردا دۈمبىسىگە ئوقۇغۇچىلار سومكىسىنى ئېسىۋېلىپ ھېچ ئۇيالماستىن ئوغۇللارغا ئېسىلىپ بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلىپ كېتىۋاتقان قىزلارنى كۆرسەم كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولىدۇ، بۇ دەل قىزلاردىكى ئەخلاق قارىشىنىڭ ئىنتايىن كەملىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلەردە، بولۇپمۇ قىزلاردا ئەخلاق قارىشىنى تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ئاقىۋىتىنى ئويلىغىلى بولمايدىغان ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. شەرمىي-ھايا ــ ئاياللارنىڭ لىباسى . بۇ لىباس بالدۇرلا يىرتىلسا ، قىزلارنىڭ قىزلىق نازاكىتى سۇسلىشىدۇ ، ئەخلاق قورغىنى يىمىرىلىدۇ . شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى بولۇپمۇ مىللەتنىڭ ئانىسى بولمىش قىزلارنى تەربىيەلەشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، كېيىنىشى، ئەدەپ قائىدىلەرنى، مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مىزانلىرىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈشى، ئۆزلىرىمۇ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇشى، «جەمئىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى»، «بالىلار گەپ ئاڭلىماس بولۇپ كەتتى» دېگەندەك باھانە - سەۋەبلەر بىلەن ئۆزلىرىنى بەزلىمەستىن، ئاشۇ جەمئىيەتنى بۇزۇۋاتقانلارنىڭ، كىملەر ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلىشى ھەم ئىزدىنىشى شۇ ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ توغرا يېتەكلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
|