كۆرۈش: 443|ئىنكاس: 2

سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماسلىشىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش توغىرسىدا ئويلىغانلىرىم

        سىنىپ مۇدىرى سىنىپ كوللىكتىپىدىكى يادىرولۇق شەخس.ئۇ سىنىپ كاللىكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ .لىكىن سىىنىپ كاللىكتىپى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنىڭ ياخشى – يامان بولىشى پۈتۈنلەي سىنىپ مۇدىرىغىلا باغلىق بولماستىن كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ .
         ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا ئوقۇغۇچى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىپ تۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ .خۇددى سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مائارىپشۇناسى كالىت ئىېيتقاندەك:‹‹ئوقۇتقۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى، ئەخلاق- پەزىلىتى،تۇرمۇشى ،ئۇنىڭ ھەر –بىر ھادىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنداق ياكى مۇنداق تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ،بۇ نوقتىنى كۆپ ھاللاردا سىزىۋالغىلى بولمايدۇ ››.
بۇلاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،سىنىپ مۇدىرى بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىمدۇر .
ئۇنداقتا سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇناسىۋتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك؟
         1 .        دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئالاقە باغلاپ چۈشەنچە ۋە ئىشەنىچ تۇرغۇزۇش .
نۇرغۇن مۇئەللىملەر ئەسلىدە مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرلىرىدىن بولغان ،يەنە نۇرغۇنلىرى ئۆز ئالدغا قارىشى بولغان ۋە تەجىرىبىلىك پىشقەدەم مۇئەللىملەردىن بولۇپ ،سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن ماسلىشىش جەھەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇل –چارىلىرى بار .شۇنداق دىيىشكىمۇ بولىدۇكى ،ھەر بىر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپنى بىرلىكتە ياخشى باشقۇرۇشتا سىنىپ مۇدىرى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئالاقە باغلاپ ،دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەملىشىپ ئۇلار بىلەن چۇشەنچە ۋە ئىشەنىچ تۇرغۇزۇش كىرەك .سىنىپ تۇزۇمىنى بىكتىش، سىنىپ كادىرلىرىنى تاللاش،ئۈگۈنۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىمكانقەدەر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پىكىرىنى ئىلش ئاساسىدائەڭ ياخشى لايھىنى تىپىپ چىقىش لازىم .
        2.        قەرەرلىك ئۇچىرشىش مىخانىزىمى تۇرغۇزۇپ ئەھۋاللارنى ئاكتىپ ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز-ئارا ئۇقتۇرۇش .
سىنىپ مۇدىرى سىنىپ كاللىكتىپىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى سۈپىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا –ئانىلىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچىرشىپ تۇرىدۇ ،ئوقۇغۇچىلارنى تىخمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر چۈشىنىدۇ .
شۇنداقلا دەرس ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سىنىپ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش قىزغىنلىقىنى قوزغىتالايدۇ .
        3.        بىردەك ماسلاشقان ھالدا تەلەپنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ،دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىناۋەت تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بىرىش .
ئائىلىلەردە ئاتا –ئانىلار ئۆلچەمنى بىردەك قويىۋىلىپ  بالىلارنىڭ زادى كىمنىڭكىنى ئاڭلىشىنى بىلەلمەي تەربىيە ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش ، مۇبادا ئاتا –ئانا ئوتتۇرسدا ئوخشاش بولمىغان پىكىر بولسمۇ بالىلار يوق چاغدا  مۇھاكىمە قىلش ،مەسلىھەتلىشىش كىرەك .
سىنىپ مۇدىرى بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ خۇددى سىنىپ كاللىكتىپىنى باشقۇرىۋاتقان بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىىرىغا ئوخشايدۇ ،شۇڭا باشقۇرۇش جەريانىدا بىردەكلىكنى ساقلاپ ،تەلەپنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كىرەك .بولۇپمۇ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى ،ئوقۇغۇچىلار مەلۇم دەرس ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ،دەرس ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىناۋىتىنى يەنىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلپ ،ئوقۇغۇچىلاردا ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئاپىرىن ئوقۇش ھېسىياتىنى پەيدا قىلش كىرەك .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دەرس ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى تۇزىتىشكە مۇۋاپىق ئۇسسۇل ئارقىلىق ياردەم بىرىپ ،ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ياخشى ئوبرازىنى تۇرغۇزۇش كىرەك .ئۇنداق بولمىغاندا ئالدىن كۆزلىگەن تەربىيە ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولايلا قالماستىن ،دەرس ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كەيپىياتىغىمۇ تەسىر يتىپ قالىدۇ .مۇبادا بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ كەتسەك دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن بىر نىيەت –بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ سىنىپ كاللىكتىپىنى باشقۇرۇش ئوڭايلىشىدۇ .
           قىسقىسى : كىشىلىك مۇناسىۋەت قۇرۇلمىسىدا سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى مائارىپ تۈزۈلمىلىرىگە قارىتا ئىمكانقەدەر بىردەك چۈشەنچىدە بولۇش ،تەلىم –تەربىيە ،ئوقۇتۇش پىرىنسىپلىرى ۋە ئۇسۇللىرىغا قارىتا بىردەك تونۇشتا بولۇشى،ئورتاقلاشقان ئوقۇغۇچىلار قارىشى بولۇش ،بىر قەدەر ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى بولۇش ،ھەتتا ئىرادە  ،قىزىقىش ،تىل جەھەتلەردىمۇ بىر قەدەر چىقىشىپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ھەركىتىنى مۇۋاپىق تەڭشىشى ۋە ئۇنى ئورتاقلاشقان تەلىم –تەربىيە ۋە ئوقۇ –ئوقۇتۇش نىشانىغا ئۇيغۇن كەلتۈرۈشى ،ئىتتىپاقلىشىشقا ماھىر بولۇپ كاللىكتىپ ئۈچۈن يىڭلىق يارىتىپ تۆھپە قوشۇپ ،سىنىپ مۇدىرى بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئوتتۇرسىدا بىر پۈتۈن تەلىم – تەربىيە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كىرەك .
                     

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-17 20:58:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياحشى تىمدىن بىرنى يوللاپسىز ، سىنىپ مۇدىرى شۇ سىنىپقا دەرىس بىرۋاتقان باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن
كوپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئوقۇعۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە ئەھمىيەت ماسلىشىشقا پايدىسى بولدۇ .
ۋاقتى: 2014-12-17 21:10:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەت بەرسە دىمەكچى ئىدىم .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش