كۆرۈش: 296|ئىنكاس: 0

ئەتىرەت پائالىيىتى ۋە تەربىيچىلىك خىزمىتىدىن ھىس قىلغانلىرىم

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

         ئەتىرەت خىزمىتى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرىنى  يۇكسەلدۈرۈش ۋە  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەمىلىيەتچانلىقى كۈچلۈك خىزمەتتۇر . ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپىگە يىقىندىن ماسلىشىش ئۈچۈن قىزىقارلىق ،جەلىپكار ،مول مەزمۇنلۇق  پائالىيەتلەرنى قانات  يايدۇرۇپ ، ئومومىيۈزلۈك تەرەققىي قىلغان كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارلىرى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ چىقىش – پىئونىرلار ئەتىرتىنىڭ خىزمەت نىشانى. يىزا  مەكتەپلىرىدە كۆپىنچە  سىنىپ  مەسئۇللرى ئۆزى تەربىيچى بولۇش ئەھۋاللرى كۆپ ئۇچىرايدۇ . ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىغىر،خىزمەت سالمىقى كۆپ بولۇش، شارائىت ناچار بولۇشتەك بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەتىرەت بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈپ ئۆزىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ۋاقىت چىقىرالماي پائالىيەت نى قايسى شەكىلدە ئىلىپ بىرىشنى بىلەلمەسلىك  قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا  ئۇچىراپ   ئەتىرەت  خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىشلىيەلمەيدۇ .شۇنىڭ  ئۈچۈن ئەتىرەت  پائالىيىتىنىڭ  تەلىم-تەربىيە  خىزمىتىدىكى مۇھىم  ئورنىنى  توغرا  تونۇپ  يىتىپ ،مۇۋاپىق  بولغان شارائىتلارنى يارىتىپ بىرىش كىرەك .
     چوڭ  ئەتىرەت تەربىيچىلىرى ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىلىمنى  موللاشتۇرۇش  بىلەن بىر  ۋاقىتتا ئەتىرەت تەربىيچىلىرىنى يىتەكلەش  خىزمىتىنى چىڭ   تۇتۇپ ،ئەتىرەت   خىزمىتىدىكى  يىڭىلىقلار،  ئەتىرەت پائالىيىتى ئىلىپ  بىرىشنىڭ ئۇسۇللرى،يىڭى-يىڭى پائالىيەت شەكلى قاتارلىقلار توغۇرسىدا دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كىرەك .
       ھازىر مەكتەپلەردە ئەتىرەت  پائالىيەتلىرىنى بىر  تۇتاش كالىندار  تۈزۈپ،كالىندار   پىلانى بويىچە  ئىلىپ  بىرىش ئوموملىشىش ۋە ئەۋىج ئىلىپ كەلمەكتە.مىنىڭچە ئەتىرەت پائالىيىتىنىڭ قىلىپى يوق .پائالىيەت  ئىلىپ بارغاندانوقۇل ھالدا كالىندار پىلان بويىچە ئىلىپ بىرىشقا ئىسلىۋالماسىلىق، ئەمىلىي ئەھۋال شەرىت-شارائىتنى چىقىش قىلىپ ، ئەتىرەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كىرەك .
       پىئونىرلارنىڭ ئۈگۈنۈش،تۇرمۇش ۋە ئىدىيە- ئەمىلىيىتىنى چىقىش قىلىپ،ئۇلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىگى ،قىزىقىش –ھەۋىسى ۋە  بىلىم سەۋىيىسىگە ئاساسەن  ئەتىرەت پائالىيەتلىرىنى  تەشكىللەپ ،ئەتىرەت پائالىيتىنىڭ  تەربىيىۋى ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كىرەك .
     ئۇندىن باشقا تەربىيىچىلەر پىئونىرلارنى  چۈشۈنۈىشى كىرەك .تەربىيىچى   چوقۇم پىئونېرلارنى چۇشىنىشكە ۋاقىت ئاجرىتىپ،چۈشۈنۈش ئاساسىدا تەربىيە ئىلىپ بىرىپ،تەربىيىنىڭ قاراتملىقىنى ئاشۇرۇش كىرەك .ئەتىرەت  پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئەتىرەت كادىرلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنش كىرەك .ئۇندىن باشقا يەنە 2-دەرسخانا  پائالىيىتى  ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇش كىرەك. شۇنداق قىلغاندا تەربىيىچى بىلەن پىىئونىرلار ئوتتۇرسدىكى چۈشۈنۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ .
     ئەتىرەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا تەربىيىچى پىئونىرلارغا تولۇق ئىشىنىپ ،    ئۇلار ئۈچۈن ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان يىتەرلىك شارائىيت يارىتىپ بىرش كىرەك .
     ھازىر مەكتەپلەردە يىڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋى بويىچە دەرس ئۆتۈلىۋاتقان بولسمۇ لىكىن ئىمتىھان مائارىپىنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىۋىلىش ئەھۋاللىرى تىخى تۇگىمىدى . شۇڭا  مەكتەپلىرىدە  پىئونىرلار پائالىيەت ۋاقتىغا  كاپالەتلىك  قىلماي  پائالىيەت  ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ دەرس تەكرارلاش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئەھۋالىنى سىناش قاتارلىق ئىشلار ئىگەللپ كىتىپ شەكىل ،رەسمىيەت ئۈچۈنلا پائالىيەت ئىلىپ بارىدىغان ،پائالىيەتنى ئەستايىدىل ،كۆڭۈلقويۇپ پىلانلىمايدغان ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت .يۇقارىقىدەك ئەھۋاللارنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن  تەربىيچى ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ  دادىللىق  بىلەن پائالىيەت شەكلى ۋە مەزمۇنىدا يىڭىلىق يارىتپ ،پائالىيەت  شەكلىنى كۆپخىللاشتۇرۇشى ،دادىللىق بىلەن ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى ۋە جەڭگە ئاتلىنىشى لازىم .
     قىسقىسى :تەربىيچىلەر ئەتىرەت پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللىشى ،پائالىيەتنى ياخشى  ئورۇنلاشتۇرۇشى ،پائالىيەت ۋاقتىنى ياخشى ئىگەللەپ ياخشى باشقۇرۇرۇشى كىرەك .




baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش