|
پىچان يېزامەكتەپنىڭ2013 -2014-ئوقۇش يىلدىكى قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيەت پىلانى
پىچان يېزا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە گۇرۇپپىسى 2014-يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنى
پىچان يېزا مەكتەپنىڭ 2013-2014-ئوقۇش يىلدىكى1+2تۇرى ۋە قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيەت پىلانى ساغلام تەن بولسا ياش ئۈسمۈرلەرنىڭ ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنىڭ ئاساسى بۇلۇپ ، جۇڭخۇا مىللەتلېرىنىڭ تۇلۇپ تاشقان ھاياتى كۈچىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر . مەكتەپ تەلىم تەربىيەسىدە چۇقۇم " بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن ، ساغلاملىق بىرىنچى " دەيدىغان ،ئىزچىل تەرەقىيات ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ ، تەنتەربىيە خىزمىتىنى ھەقىيقى كۈچەيتىپ ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ھەركەت خۇشالىقىدىن بەھىرمان قىلىپ ، شۇ ئارقىلىق مەكتەپ تۇرمۇشىنى بىيىتىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ماس ھالدا تەرەقىي قىلدۇرۇش . 1- يىتەكچى ئىدىيە 》جۇڭگو كۇمۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كۇمۇتىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ ياش ئۈسمۈرلەر تەنتەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ، ياش ئۈسمۈرلەرنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ئۈستۈرۈشكە ئالاقىدار پىكر >>نىڭ روھىنى ئىزچىلاشتۇرۇش ، "ھاياتلىق ____ ئىنناقلىق " دىگەن ئىدىيەسى ۋە قۇياش نۇرى تىنتەربىيە ھەركىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ساپا مائارىپىنى ئۇمۇميۈزلۈك يولغا قۇيۇپ ، ئەخلاقى ، ئەقلىي ، جىسمانىي ، جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق تەرەققىي قىلغان ئىقتىساس ئىگىلېرىنى تەربىيلەپ چىقىش ، " ساغلاملىق بىرىنچى " ، " ھەر كۈنى بىر سائەت چىنىقىپ ئەللىك يىل ساغلام خىزمەت قىلىش ، بىر ئۈمۈر بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش " دەيدىغان ھازىرقى زامان ساغلاملىق ئىدىيەسىنى ئاكىتىپلىق بىلەن ئىزچىلاشتۇرۇش ، << ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساغلاملىق ئۆلچىمىنى >> ئۇمۇميۈزلۈك يولغا قۇيۇپ ، زور كۈچ بىلەن چوڭ گىمناستىكا پائاليىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ، قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائاليىتىنى " جۇش ئۇرۇپ راۋاجىلاندۇرۇش . مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسلىك قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئەمىلىي نەتىيجىسىنى يۇقۇرى كۇتۇرۇپ ، ئىنناق مەكتەپ بەرپا قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئۇقۇغۇچىلاردا ئاكىتىپلىق بىلەن بەدەن چىنىقتۇرىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق ساپاسى ، مەنىۋى – مەدەنىيەت ساپاسى بىلەن تەن سالامەتلىك سۈپىتىنى يۇقۇرى كۈتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مەكتەپ تەنتەربىيە مەدەنىيەت قۇرلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش . 2- نىشان ۋە پىرىنسىپ 1)- نىشان 1- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ھەم ساغلاملىق ئىڭى ۋە ئۈمۈرلۈك تەنتەربىيە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ، " ساغلاملىق بىرىنچى " ئىدىيىنىڭ ھەقىيقى ئەمەلىيلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش . 2- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىلېرىگە تاللىتىپ قاتناشتۇرۇش ، ئۈگۈتۈش ، ھەم تەنتەربىيەدىن ھۇزورلاندۇرۇپ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەركەت قىزغىنلىقىنى قوزغۇتۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئاكىتىپچانلىقى ۋە يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغۇزۇش . 3-مەكتەپنىڭ دەرس ئارلىقىدىكى گىمناستىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، گىمناستىكا ۋاقتىنى، شەكلى ، مەزمۇنى ۋە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ ، ئوقۇغۇچىلار خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىپ ، ئاكىتىپلىق بىلەن بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۇسوللېرىنى ئىگەلەپ ئاكىتىپلىق بىلەن بەدەن چىنىقىدىغان قىلىش . 4- ئۇقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئوتۇرسىدىكى ، ئوقۇغۇچىلار ئوتۇرسىدىكى ئىنناق مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىق ،رىقابەت ئىڭى ھەم ئالاقە ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش . 5- مەكتەپ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بىيىتىپ ئاكىتىپلىق بىلەن يۇقۇرى ئۆرلەشتەك ئۈگۈنۈش ئىستىلىنى بەررپا قىلىش . 2)- پىرىنسىپ 1- ئادەمنى ئاساس قىلىپ " ساغلاملىق بىرىنچى " ، " ئۈمۈرلۈك تەنتەربىيە " ئىڭىنى تۇرغۇزۇش . تەنتەربىيەنىڭ ئادەم تەربىيلەش رولىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن ، ئۈنۈملۈك ھالدا ھەر – خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلېرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقلىق ، ساغلام ، ئەقىللىق، گۈزەل بۇلۇشى ئۈچۈن ، پائالىيەت جەريانىدىكى تەربىيلەشكە ئىتىبار بېرىشىمىز كېرەك . 2- پەرىققە ئىتىبار بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا كۈڭۈل بۈلۈش . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى خاراكتىرىنى يىتىلدۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، ساپا مائارىپىنى ئالغا سىلجىتىش . 3- بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش ، " دۆلەتلىك ئوقۇغۇچىلار بەدەن سۈپىتى ساغلاملىق ئۆلچىمى " نى ئۇمۇميۈزلۈك يولغا قۇيۇش .ھەممىلا ئادەم قاتنىشىدىغان ، جۇشقۇن بولغان مەكتەپ تەنتەربىيە كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ياخشى بولغان تەنتەربىيە چىنىقىش شارايىتىنى يارىتىپ ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئوتۇرسىدىكى ، ئوقۇغۇچىلار ئوتۇرسىدىكى ئىنناق مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، " دۆلەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپۈتى ساغلاملىق ئۆلچىمى "نى ھەققىيقى تۈردە ئۈنۈملۈك يولغا قۇيۇشقا كاپالەتلىك قىلىش . 4- ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي روھىي روھىي جەھەتتىكى تەرەققىيات قانۇنيىتى ھەم ئالاھىدىلىكىگە ، ھەم مەكتەپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، مەكتىپىمىز ئىلمىي مۇۋاپىق بولغان چوڭ گىمناستىكا پائاليىتىنىڭ دەرسلىك پىلانى ھەم مەزمۇنىنى ئورۇنلاشتۇردۇق .كوللىكتىپ ئۇسول كۆپەيتىلىپ تەنتەربىيە بىلەن سەنئەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلدۇ .
پىچان يېزا مەكتەپنىڭ2013 -2014-ئوقۇش يىلدىكى 1+2 تۇرىنى يولغا قۇيۇش تەدبىرى 3- يولغا قۇيۇش تەدبىرى 1- ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك گىمناستىكا ۋاقتى ۋە چۈشتىن كىيىن دەرستىن كىيىنكى ۋاقىت . ھەرقانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتىنى ئىگەللىۋىلىشىغا يول قۇيلمايدۇ . 2- پائالىيەت كاپالىتى 1)- رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ تەشكىللەش ئاپاراتى قۇرۇش . كونكىرىت ئىش تەقسىماتى تۈۋەندىكىچە : مەكتەپ مۇدىرى : ئۇمومى ئىشلارغا مەسئول تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلېرى :、پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سايمانلارنى تارقىتىش ، يىغىۋىلىش ، قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائاليىتنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش ،ۋە يىتەكچىلىك قىلىش ، ھەرقايسى سىنىپلارنى مەيدانلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلېرىغا مەسئول بۇلىدۇ . ئىلمىي بۈلۈم :رازىيگۈل نىياز ، كونكىرىت يولغا قۇيۇش لاھىيەسىنى تۈزۈش ، پۈتۈن مەكتەپنىڭ "قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائاليىتى " نى تەشكىلەشكە بىخەتەرلىككە يىتەكچىلىك قىلىدۇ . ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ مەسئولېرى : پائالىيەتنىڭ پىلان بۇيىچە يولغا قۇيۇلىشىغا ھەم سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇلۇق قاتنىشىشغا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئول بۇلىدۇ . 2) ئەستايىدىل ئۈگۈنۈپ ساغلاملىق قارىشىنى ئۈستۈرۈش يىڭى دەرسلىك ئىدىيەسىنى ئىزچىلاشتۇرۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنى ئەستايىدىلىق بىلەن " ج ك پ مەركىزى كۇمىتىتىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ساپا مائارىپىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش قارارى"نى ئۈگۈنۈشكە تەشكىلەپ ، " ھەر كۈنى بىر سائەت چىنىقىپ ، ئەللىك يىل ساغلام خىزمەت قىلىش ، بىر ئۈمۈر بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش " دەيدىغان ھازىرقى زامان ساغلاملىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل چۈشۈنۈپ ، ئۆزى چوڭقۇر قايتا ئويلۇنۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈش ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار چۇقۇم :" ساغلام بولغاندىلا ئەتىنىڭ بۇلىدىغانلىقىنى ، چىنىقىشنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھاياتلىقنى قەدىرلەش ئىكەنلىكىنى ،دەرسلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۇموميۈزلۈك سۈپەتنى ئۈستۈرۈش خىزمىتى جەريانىدا ، خۇشال – خوراملىق تەنتەربىيە يىڭى ئىدىيىسىگە كىرىپ ھەمكارلىق ، رىقابەت ، خۇشال – خوراملىق ، ئاكىتىپ بولغان ساغلام تەرەققىي قىلىدىغان تەنتەربىيە ئىڭىنى"چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يىتىشى لازىم . 3) بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار تۇلۇق قاتنىشىش ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش . پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ، مەكتەپ رەھبەرلېرى يىقىندىن ماسلىشىش ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى ، خىزمەتچىلەر ھەمكارلىشىش ،رەھبەرلەر تەكشۈرۈش ، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلېرى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش ، سىنىپ مەسئولرى تەشكىلەپ يولغا قۇيۇش ، يىللىقلار گۇرۇپىسىدىكىلەر تەكشۈرۈپ تەنقىتلەش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائاليىتىنىڭ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش . 4. يولغا قۇيۇلىدىغان مەزمۇنلار ( پائالىيەت مەزمۇنلېرى ) <<ج ك پ مەركىزى كۇمىتىتى گوۋۇيۇەنىنىڭ ياش ئۈسمۈرلەر تەنتەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ياش ئۈسمۈرلەرنىڭ تەن ساپاسىنى ئۈستۈرۈش پىكرىنىڭ >> روھىغا ئاساسەن مەكتىپىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۈۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق . 5. مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇشى پۇتبول مەيدانى، ۋالىبول مەيدانى ،ۋاستىكبول مەيدانى ،سىنىپلارنىڭ ئالدى كونكىرىت ئورنىنى تەنتەربىيەئوقۇتقۇچىسى ئەمىلىي ئەھۋالغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ 6- ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ خاسلىق پائالىيەت مەزمۇنلېرى : ھەرقايسى سىنىپلار كۆرسۈتۈپ بەرگەن خاسلىق پائالىيەت مەزمۇنلېرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ، ھەرقايسى سىنىپلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مەشغۇلات ئىلىپ بارسا بۇلىدۇ ، ئىمكان قەدەر بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ھەركەتلەندۈرۈشكە ئىتىبار بېرىش ، ھەم بىىەتەرلىككە دىققەت قىلىش لازىم . 1) چەمبىرەك ئايلاندۇرۇش . 2) تەپكۈچ تىپىش . 3) ھەر خىل تەنتەربىيە ئۇيۇنلېرى 4) كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ گىزىت . ( ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىر پارچە گىزىت تەيارلاپ ، ئۇسۇش ، مۇلاق ئىتىش ، دەسسەش ، قاتلاش ، ئىتىش قاتتارلىق ئۇسوللار ئارقىلىق گىزىت بىلەن ئۇيۇن ئوينايدۇ . مەسىلەن : تاشنى دەسسەپ دەريادىن ئۈتۈش ، قەغەز ئايرۇپىلان ، تۇسالغۇدىن ئۈتۈش ، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرەش ، قاتتارلىقلار ) 5) ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ئۆمىلەش ، يامىشىش، مىڭىش ، سەكرەش ئۇسولېرىنى دوراش . مەسىلەن : قار ئېيىقنىڭ يامىشىشى ، ئۆردەكچىلاپ مىڭىش ، پاقىنىڭ سەكرىشى ، تۇشقاننىڭ سەكرىشى قاتارلىقلارنى مەشىق قىلىش ياكى كىچىك تىپتىكى مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇش . 6) قىسقا ۋە ئۇزۇن تاقلىغۇچ تاقلىغۇچ سەكرەش ئۇيۇنى . 7) بەدەن ساپا مەشىقى . مەسىلەن : ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەش ، تىزنى تۇتۇپ مىڭىش ، پۇت ئۇچىدا مىڭىش ، يۇتىنى ئىگىز كۈرۈپ مىڭىش، يەر بېغىرلاش ھەركىتى ئىشلەش ئۇدا زۇڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ سەكرەش ، ئورۇندا يۇتىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ يۇتىنى قۇچاقلاش ، ھەر خىل شەكلدە قۇلىغا نەرسە ئىلىپ يۈزمۈ – يۈز تۇرۇپ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرەش قاتتارلىقلار . 8) تەننتەربىيە دەرىسىدە ئۈگەنگەن رادىيئو گىمناستىكىلېرى . 9) «دۆلەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپەت ئۆلچىمى » دە بەلگىلەنگەن سىناق تۈرلېرنى مەشىق قىلىش : قۇرساق قاتلاش ؛ 50 مېتىرغا يۈگۈرەش ( 25مېتىر 2X قېتىم قايتىلاپ يۈگۈرەش )؛ ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەش ؛ تاقلىغۇچ سەكرەش . 10) توپ تۈرلېرى پائاليىتى . 1) ئۇيۇن ( ھەر خىل تەنتەربىيە ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەبىيە ئۇيۇنلېرى ) 2) ئۇزۇن تاقلىغۇچ سەكرەش .( ھەر بىر سىنىپقا ئىككى تالدىن ئۇزۇن تاقلىغۇچ سەپلىنىپ ، ھەر خىل شەكىلدىكى ئۇزۇن تاقلىغۇچ سەكرەش مەشىقلېرى ئىلىپ بېرىلىدۇ . مەسىلەن : يالغۇز كىشلىك سەكرەش ، قوش كىشلىك سەكرەش ، كۆپ ئادەم سەكرەش ، قوش تاقلىغۇچتا سەكرەش ،" 8 " شەكلىدە سەكرەش قاتارلىقلار ) 3) بەدەن ساپا مەشىقىلېرى . مەسىلەن : يەر بېغىرلاش ، ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەش ، ئۇدا زۇڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ سەكرەش ، ئورۇندا يۇتىنى ئىگىز كۈتۈرۈش ھەركىتى ئىشلەش ، ھەر خىل شەكلىدە قۇلىغا سايمان ئىلىپ يۈزمۇ – يۈز تۇرۇپ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرەش قاتتارلىقلار . 4) تەنتەربىيە دەرسلېرىدە ئۈگەنگەن رادىئو گىمناستىكىلېرىنى مەشىق قىلىش . 5 6) توپ تۈرلېرى پائاليىتى . 7) پائالىيەت تەلىپى 1. ھەر بىر سىنىپ مەسئولى چۇقۇم ئۆز سىنىپىنىڭ پائالىيەت مەيدانىغا بېرىپ پائالىيەت مەزمۇنىنى تالاپ لاھىيلەپ ، بۈلۈشتۇرۇش ، ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەپتە تۇرۇش ۋە پائالىيەتلېرىنى ياخشى تەشكىلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش . پائالىيەتنى بۈلۈشتۇۈرگەندە كۆرسىتىپ بەرگەن پائالىيەت مەزمۇنىنى ئاساس قىلىپ ئەمىلىي ئەھۋالغا ئاساسەن پائالىيەت ئىلىپ بېرىپ ئامالنىڭ بارىچە بارلىق ئۇقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ھەركەتلەندۈرۈش ، بىخەتەرلىكە دىققەت قىلىش لازىم . 2. تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلېرى ھەرقايسى يىلىقلارنىڭ مەيدىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ، ئوقۇغچىلارنى رەتتە تۇرغۇزۇش ، رادىيئو گىمناستىكىسى ئويناش ، ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئىلىپ بېرىلىشىغا يىتەكچىلىك ھەم نازارەتچىلىك قىلىشقا مەسئول بۇلىدۇ . 8. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 1. پائالىيەت ۋاقتىدا ھەرقايسى سىنىپ مەسئوللېرى چۇقۇم مەيدانغا چىقىپ ، تېخنىكىلىق يىتەكچىلىك قىلىشقا مەسئول بۇلىدۇ . 2. بىخەتەرباشقۇرۇشنى كۈچەيتىش . سىنىپ مەسئولېرى چۇقۇم ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەر بۇلۇش ، مەدەنيەتلىك ، تەرتىپلىك ھالدا پائالىيەتكە قاتنىشىش تۇغۇرسىدا تەربىيەنى كۈچەيتىش . 3. ئەگەر كىچىك تىپتىكى مۇسابىقە بولسا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلېرى چۇقۇم ئالدى بىلەن مۇسابىقە مەيدانىغا بېرىشى كېرەك . ھەرقايسى سىنىپلار تېز سۈرئەتتە تەرتىپلىك ھالدا مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى كېرەك . 4. ھاۋا تۇتۇق يامغۇرلۇق كۈنلېرى سىرتتا نورمال تەنتەربىيە پائاليىتى ئۈتكۈزۈشكە مۇمكىن بولمىغاندا ، ھەرقايسى سىنىپ مەسئوللېرى سىنىپىدا سىنىپ ئىچىدە ئوينىلىدىغان ئۇيۇنلارنى ئوينىتىش . ( كېرەكلىك سايمانلارنى ئۆزىلېرى تاپىدۇ ) پىچان مەكتەپ تەنتەربىيە گۇرۇپپىسى 2014-يىل 2- ئاينىڭ 17-كۈنى
|
|