كۆرۈش: 485|ئىنكاس: 5

يۇرتۇمدىكى توي قائىدىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-3 23:24  

توي كۆپىنچە كىشى ئۆمرىدە بىر قېتىم بولىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇراسىم شاد-خوراملىققا چۆمگەن بولىدۇ،ھازىر جەمىيىتىزنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەر قايسى جايلاردىكى قائىدە-يوسۇنلىرىمىزمۇ بۇرۇنقى ئەنئەنىلىرىنى بارا-بارا يۇقىتىپ ،ھەر خىل شەكىلدە ئۆزگەرتىلىپ ئۆتكۈزۈلمەكتە ،ھېلىمۇ ئېسىمدە ،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا،دوسلۇرۇمغا ئاچىلىرىمىنىڭ ۋەيۇرتتىكى باشقا تۇققانلارنىڭ توي پىلاستىنكىسىنى كۆرسىتىپ قويسام ھەيران قېلىشقان ئىدى ،بەك ھەيران قالغۇدەكمۇ ئەمەس ، بەلكىم ئۆزيۇرتىنىڭ تويلىرىغا ئوخشاش بولمىغاچقا قىزىقارلىق ھېس قىلغان بولۇشى مومكىن ، تۆۋەندە مەن بىزنىڭ يۇرتتىكى توي مۇراسىمنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلگىنىمچە تورداشلارغا ئازراق سۆزلەپ بېرەي .
   يۇرتۇم توقسۇندا، ئېسىمنى بىلسەم كىچىك ۋاقىتلىرىمدا توي بولۇشتىن ئۈچ ھەپتىلەر بۇرۇن يىگىت تەرەپنىڭ چوڭلىرى ‹تازىم› غا كەلدۇق دەپ قىز سوراپ كېلىدىغان ، قىزتەرەپ ماقۇل بولغاندىن كېيىن ، يەنە بىرقانچە كۈندىن كېيىن ‹ئىشىك ئېچىش › دەپ ،قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە تويلۇق ( پۇل-پىچەك ، قىز تەرەپنىڭ دىگىنى بويىچە ) ئېلىپ كېلەتتى ، لېكىن ھازىر ئۇ قائىدىلىرىمىز بارا-بارا يوقىلىپ پەقەت ‹ ئىشىك ئېچىش ›لا قاپتۇ ، شۇنچىلىك يىغىنچاق .
  ئەمدى توي كۈنىگە كەلسەك ،توي كۈنى ئەتتىگەندە يىگىت تەرەپ جامائەتلىرى قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، قىز تەرەپنىڭ جامائەتلىرى بىلەنبىر ئۆيگە كىرىپ كېلىنچەك ۋە ئۇنىڭ قولدىشىنى چاقىرىپ نىكاھ ئوقۇيدۇ ( بىلىشىمچەبىزنىڭ يۇرتتىلا شۇنداق قىز-يىگىتنى بىريەرگە ئولتۇرغۇزۇپ نىكاھ ئوقۇيدىغۇ دەيمەن، يەنە كېلىپ  ئۇ جەرياننى سۈرەتكە ئالغىلى قويىدۇ ) . نىكاھ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، يىگىت تەرەپنىڭ قىز تەرەپ تەييارلاپ قويغان تويلۇقلارنى ئېلىپ كېتىدۇ ، چۈشلەردە يىگىت تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى،ئۇرۇق-تۇققان ، دوستلىرى قىزنى كۆچۈرگىلى كېلىدۇ ، ئۇيەردە تاماقلىنىپ بولغاندىن كېيىن ،ئاياللار بىيىت توقۇشۇپ بىر-بىرىگە تەييارلىغان سوۋغاتلىقلارنى تۇتىدۇ (بۇمۇ توينىڭ ئەڭ قىزىيدىغان قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.) بىيىت ئۇقۇپ بولغاندىنكېيىن قىزنىڭ يۈزىنى يېپىپ ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرگىلى ئېلىپ كېرىدۇ ( بۇ دوستلىرىمئەڭ ھەيران قالغان كۆرۈنۈش ،چۈنكى قىز ئانىسىنىڭ يېنىغا يىغلاپ كىرىدۇ ،دوستلىرىم كۆرۈپ ،ئۆلۈم بولغاندەكلا يىغلايدىكەنغۇ، دەپ ھەيران قالغان ، شۇ دىمىسىمۇ ، ھەقىقەتەن بەك يىغلاپ كېتىدۇ ،بۇنى مەن بۇيەردە پەقەت يۇرتتىكى قائىدىلەرنىڭ بىر قىسمى دەپ چۈشەندۈرىمەن .)
    قىزنى ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېتىدۇ ( يىگىتنىڭ ئۆيىگە ) ، بارغاندىن كېيىن يىگىتنىڭ ئانىسى كېلىپ قىزنىڭ يۈزىنى ئاچىدۇ ، قىزتەرەپ تۆش ( قوي گۆشى ) پۇشۇرۇپ ئەكىلىدۇ ، يىگىتنىڭ دوستلىرى قىزلارنىڭ يېنىغاكېرىپ يەنە بىيتلەرنى ئېيتىشىپ تۆشنى سوراپ ئېلىپ ، سىرتقا ئېلىپ چىقىپ تالىشىپ يەيدۇ ، بۇمۇ توينى ناھايىتى قىزىتىدىغان قائىدەيوسۇنلارنىڭ بىرى(چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە گۆشنى كىم تالىشىپ يەۋالسا ، كېيىنكى قېتىم شۇنىڭ تويى بولارمىش ) ، قىزلارتاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ،رېستۇرانغا بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن مېڭىپ كېتىدۇ .كەچتە ھەممەيلەن تەييارلىقلىرىنى قىلىشىپ رېستۇرانغا يىغىلىپ شۇيەردەئۆتكۈرىدۇ .
   توي ھەقىقەتەنمۇ بارچە ئالەمنى شاتلاندۇرىدىغان ياخشى ئىش ، ئىككى ياشنىڭ نىكاھ ئوقۇلغاندانۇرغۇن گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا ‹ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىللە ئۆتۈش ،بىر-بىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى ھەقلىرىگە خىيانەت قىلماسلىق ، مەسئولىيەتنى ئادا-قىلىش ،پەرزەنتلىرىنى سالىھ تەربىيلەش › توغرىسىدا بىر-بىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ۋەدە بېرىشتۇر. مۇشۇ ئويلار بىلەن ئىسراپچىلىق چىگرىسىدىن چىقماي ئۆتكۈزۈلسە ھېچ بىر زىيىنى يوق.ئادەتتىن تاشقىرى چوڭچىلىق قىلىش ياكى ئۆرۈپ –ئادەت ، قائىدە-يۇسۇندىن چىقىپ كېتىپ كېرەكسىز ھالدا مال-دۇنيا سەرپ قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس.ئەلۋەتتە بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن –نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەر بار ، مەن بۇيەردە جىق سۆزلەپ ئولتۇرماي .
بۇنى كۆرۈپ ئۆزىڭىزنىڭ يۇرتىدىكى توي قائىدىلىرىنى سۆزلەپ بەرگۈڭىز كەلدىغۇ دەيمەن ،قېنى ئەمسە توردىشىم ، ھەممىمىز بىرلىكتە ئاڭلاپ باقايلى !!~

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-3 23:21:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر خەت-ئىملايىڭىزغا دىققەت قىلىڭ!
ۋاقتى: 2014-12-6 14:09:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ، قارىغاندا بۇمۇ بىر تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى ، ئامال يوق ……
ۋاقتى: 2014-12-6 19:34:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر  جاينىڭ   توي  توكۇن  قائدللەر   ئوخشد
ۋاقتى: 2014-12-6 19:39:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر جاينىىڭ توي-تۇكۇن قاىدىسى ئوخشىمايدىكەن
ۋاقتى: 2014-12-6 20:36:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سىز ئېيتقاندەك جەمئىيەت تەرەققى قىلغاندىكىن ، توي-تۈكۈن ، نەزىر -چىراق ئىشلىرىمۇ ئەلۋەتتە تەرەققى قىلىدۇ -دە . يەنى كېلىپ بىز بەزى بىر يېڭىلىقلارنى بەك ئاسان قوبۇل قىلىمىز ئەمەسمۇ ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش