ئوقۇغۇچىلار زەخىملەنسە ، قانداق ئەھۋالدا مەكتەپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ؟
2002- يىلى 1 - سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان گوۋۇيۈەننىڭ «ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ ئوقۇغۇچىلار زەخىملەنسە، مەكتەپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:
(1) يەر تەۋرەش، چاقماق چېقىش، تەيفېڭ بورىنى، كەلكۈن قاتارلىق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان تەبىئەت ئامىللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
(2) مەكتەپ سىرتىدا تاسادىپىي يۈز بەرگەن ھادىسىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
(3) ئوقۇغۇچى ئالاھىدە بەدەن تۈزۈلۈشىگە، ئالاھىدە كېسەلگە ياكى غەيرىي پىسخىك ھالەتكە ئىگە بولۇپ، مەكتەپ بىلمىگەن ياكى بىلىش قىيىن بولغان بولسا؛
(4) ئوقۇغۇچى ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋالغان، ئۆزلۈكىدىن يارىلانغان بولسا؛
(5) قارشىلىشىش خاراكتېرلىك ياكى خەتەرلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە تاسادىپىي يارىلانغان بولسا؛
(6) باشقا كۈتۈلمىگەن ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا.
تۆۋەندىكى ئەھۋالدا يۈز بەرگەن، ئوقۇغۇچىلارغا جىسمانىي زىيان ئاقىۋەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسىلەردە مەكتەپنىڭ ھەرىكىتى مۇۋاپىق بولغان بولسا، ھادىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئالاقىدار قانۇن - نىزاملار ياكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بېكىتىش كېرەك:
(1) ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قايتىش، مەكتەپكە يىغىلىش، مەكتەپتىن ئايرىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ھادىسە؛
(2) ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى سىرتقا چىققان ياكى خالىغانچە مەكتەپتىن ئايرىلغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ھادىسە؛
(3) مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ياكى تەتىل قاتارلىق مەكتەپنىڭ خىزمەت ۋاقتىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مەكتەپتە قېپقالغان ياكى مەكتەپكە كېلىپ يۈز بەرگەن ھادىسە؛
(4) مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سىرتقى ئورۇنلاردا يۈز بەرگەن ھادىسە.
كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى |