| قانۇن ئۆزىمىزنى قوغداشتىكى ئەڭ ياخشى قورال ئەسسالامۇ ئەلايكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى كەسىپداشلار، سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر،ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن.مېنىڭ بۈگۈن سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان تېمام: «قانۇن ئۆزىمىزنى قوغداشتىكى ئەڭ ياخشى قورال » ھەممىمىزگە مەلۇم ، جەمىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىياتىمۇ تىز بولماقتا.جۈملىدىن دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-تۈزۈم جەھەتتىكى تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى تىزلىشىپ خەلقنىڭ قانۇن ئېڭى ،قانۇن ساۋادى كۈندىن كۈنگە يېڭىلىنىپ قانۇننىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنالايدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلمەكتە.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قانۇن ئېڭى تۆۋەن ،قانۇن ساۋادى يوق ياشلىرىمىز تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قانۇنسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ياكى چېتىلىپ قېلىپ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىماقتا.يەنە بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىيالماي ئۆز ئىستىقبالىنى يوقىتىپ قويماقتا.بۇ ھال بىز ياش-ئۆسمۈرلەردىن كىچىكىمىزدىن باشلاپ قانۇن ئۆگىنىپ قانۇن ئېڭىمىزنى يۇقىرى كۆتىرىپ ،قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ شۇنداقلا قانۇنغا رېئايە قىلىپ قانۇننىڭ جازاسىدىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرماقتا. ئۇنداقتا بىز بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۆچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈردىغان قانۇنلىرى ناھايىتى مۇكەممەل بولۇپ ،بۇلاردىن 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىم ئېلىش،ئوقۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەنتۈرىدۇ. قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بولسا ياشلىرىمىزنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزىشىنى توسۇپ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى بولسا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ،تنىچ –ئامانلىقى ،جىسمانى ،روھى جەھەتتىكى ھوقۇق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. مەسلەن ؛ بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇشنى ئارزۇ قىلسا باشقىلار توسقۇنلۇق قىلسا بۇ مەسلىنى مائارىپ قانۇنى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى ھەل قىلىپ بىرىدۇ. ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى يامان كىشىلەرنىڭ ئالدىشى ،ئېزىقتۇرشى بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا مېڭىپ قالسا بۇنى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى ھەل قىلىدۇ. ئەگەر بىر ئاتا-ئانا قورامىغا يەتمىگەن بالىسىنى مەجبۇرى ئېغىر ئەمگەككە سالسا ئىشچىلىققا بەرسە،مەجبۇرى ئېغىر ئەمگەك قىلدۇرسا بۇ مەسلىنى قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى ھەل قىلىدۇ. شۇڭا بىز ياش –ئۆسمۈرلەر ساغلام ،ئەقىللىق ئۆسۈپ يېتىلىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم كىچىكىمىزدىن باشلاپ قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىمىز ،قانۇن ئېڭىمىزنى ،قانۇن ساۋادىمىزنى يۇقىرى كۆتىرشىمىز ،قانۇندىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنى قوغدىيالىغۇدەك ئىقتىدارنى ئۆزىمىزدە ھازىرلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز ،ھوقۇق مەنپەئەتىمىز دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرمايدۇ ھەم قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغداش مەقسىتىمىز ئەمەلگە ئاشىدۇ. قىسقىسى قانۇن ئۆزىمىزنى قوغداشتىكى ئەڭ ياخشى قورال كۆپچىلىككە رەھمەت
|
|