| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-11 14:53
ئىللىق ئەسكەرتىش

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، ئۇستازلىرىمىز ، ھەممىڭلارنىڭ ئالتۇن بويى ئامان بولسۇن ، ئائىلەڭلار خاتىرجەم ، كۈنلىرىڭلار خۇشال بولسۇن !كەمىنە ئايرال سىلەرگە ئىككى كەلىمە تەۋسىيە ئېلىپ كەلدىم ، ئۇستازلىرىمنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن …… قىش پەسلى يىتىپ كەلدى ، قېلىنراق كىيىنىڭ ، سالامەتلىككە دىققەت قىلىڭ ، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە بولۇپمۇ ئوماق باللىرىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنۇتماڭ ، ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يەڭ ، بولۇپمۇ ناشتىلىقىڭىزنىڭ مول ، قۇۋۋەتلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ ، لىكىن ئىسراپخورلۇق قىلماڭ ، قىشلىق تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىڭ ، شۇننىڭ بىلەن بىرگە ، ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىڭىزنى ، قول ئىلكىدە يوق قولۇم-قوشنا ، ئورۇق-تۇغقان ، دوسىت-بۇرادەرلىرىڭىزنىڭمۇ غېمىنى يەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئوتۇن-كۆمۈرى بارمۇ-يوق ؟ مەش-كانايلارنى قوراشتۇرالىدىمۇ-يوق ؟ ئىشىك-دەرىزىللىرىنىڭ ئەينەكلىرى ساقمۇ-يوق ؟ …… چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ تەكشۈرۈپ بېقىڭ ، نامرات ، قىشنىڭ غېمىنى قىلالمىغان قولۇم-قوشنا ، ئورۇق-تۇغقانلىرىڭىزنىڭ قىشلىق غېمىنى قىلىپ بىرىڭ ، ئىسىڭىزدە بولسۇن ، خۇشاللىق ئەتراپىمىزدىلا …… |
|