|
« دىنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش »بويىچە تەييارلانغان لىكسىيە ماتىريالى لىكسىيە تەييارلىغۇچى: ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتىن سەيدىئۆمەر سايىت ئەسسالام، جاپاكەش ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلار ،سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار ! نۆۋەتتە خوتەن ۋىلايىتىمىز زوراۋان، تىرورلۇق ھەركەتلىرى جانلىنىۋاتقان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەش كەسكىنلىشىۋاتقان، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرىۋاتىمىز. مۇقۇملۇقنى ساقلاش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جاپالىق، ئۇزاق مەزگىللىك جەڭ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ تونىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خوتەننىڭ ئىجدىمائى مۇقۇملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك پارتىكوم ئازسانلىق مىللەت رەھبىرى كادىرلارنىڭ يېزا-كەنىتلەرگە ، مەكتەپلەرگە بېرىپ تەشۋىقى-تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. ناھىيىلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكىمىتىنىڭ،چىرا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ، ھەردەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يېزا-كەنتلەرگە ، مەكتەپلەرگە بېرىپ ئاساسى قاتلامدىكى خەلق ئاممىسىغا،ئوقۇتقۇچى ،ئۇقۇغۇچىلارغا قارىتا تەشۋىقى-تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، « دىنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش »ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكىرىگە ئاساسەن، بۈگۈن كەسىپداشلىرىم ۋە سۈيۈملۈك ساۋاقداشلىرىم بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ مەمنۇنمەن. ساۋاقداشلارغا سۆزلىمەكچى بولغان لىكسىيەنىڭ بىرىنچىسى تىمىسى: مىللەتلەر ئىتتتىپاقلىقى چوڭ ئىش باش شۇجى شى جىنپىڭ:«شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى»دەپ كۆرسەتتى. بۇ بىزدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋىلايىتىمىزدىكى مىللەتلەر ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز-ئارا ئىشىنىپ،ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز-ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز-ئارا قوللاپ،ئۆز-ئارا چۈشىنىپ،ئىناق ئۆتۈپ كەلدى،ئومۇمى ۋەزىيەت ياخشى. ئەمما جوغراپىيە، تارىخ جەھەتتىكى سەۋەپنىڭ تەسىرىدە «پان ئىسلامىزىم»، «پان تۈركىسىزىم»ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىرقەدەر ئېغىر،چىگرا ئىچى-سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ مىللەت، دىندىن پايدىلىنىپ سىڭدۈرمىچىلىك قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەركىتى ئەدەپ كەتتى، ئاممىنىڭ ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بىرقەدەر ئاجىز، بىر قىسىم كادىرلار، ئامما مىللەتنىڭ نىمىلىكىنى توغرا چۈشەنمەيدۇ ، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقىغا،ئىجتىمائى مۇقۇملۇققا يۇشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش ۋىلايىتىمىزدىكى ھەردەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكىمەتنىڭ ئالدىغا قويۇلغان چوڭ تىما. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىشى، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىسى ۋە شانلىق مەجبۇريىتى. ھەربىر ئوقۇغۇچى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى كۆز قارچۇغىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى خۇددى ھاياتىنى قوغدىغاندەك قوغداپ، ئاكتىپلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشىمىز لازىم. ماركىسىزىم مۇنداق دەپ قارايدۇ: مىللەت جەمىئەت تەرەققىياتىدىكى تارىخى كاتىگورىيە. ئۇ ئىنسانىيەت جەمىئىتىدە ئەزەلدىنلا بار بولغان ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت تارىخى تەرەققى قىلىپ مۇئەييەن مەزگىلگە يەتكەندە پەيدا بولغان. مىللەتنىڭ مەڭگۈ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلىشى ناتايىن، ئۇنىڭ شەكىللىنىش، قۇشۇلۇش، بىرلىشىپ كىتىشتىن تاكى يوقۇلىشىغا جەريان كىتىدۇ. مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ئەمىليەتتە مىللەتنىڭ تىلى، پىسخىكىسى،روھى،ئىقتىزادى، تۇرمۇشى ھەم مىللەتنىڭ مەدىنىيىتى ئالاھىدىلىكىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدۇر. مىللەت شەكىللەنگەندىن كىيىن ھەرقايسى مىللەتلەر بىرلىكتە تەرەققى قىلىپ گۈللىنىش جەريانىدا ئورتاقلىقى بارغانسىرى كۆپىيىدۇ، ئوخشىماسلىقى بارغانسىرى ئازىيىدۇ، مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىپ كىتىش ئامىللىرىمۇ كۆپىيىپ،ئاخىرى مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرق يوقىلىدۇ، مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىپ كىتىشى ئىشقا ئاشسا، ئىنسانىيەت مىللەت پەرقى بولمىغان ھالەتكە قايتىدۇ. لېكىن،بۇ تارىختىن بۇرۇنقى مىللەت پەرقى يوق ھالەتكە ئوخشاش قايىتماستىن بەلكى يوقۇرى دەرىجىلىك فورماتسىيەدىكى ئەسلىگە كىلىش ۋە تەرەققى قىلىشتۇر. ‹مىللەت›دىگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، كەڭ مەنىدىكى مىللەت ۋە تار مەنىدىكى مىللەت دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ، كەڭ مەنىدىكى مىللەت،كىشىلەرنىڭ تارىختا شەكىللەنگەن،ئوخشاش بولمىغان تارىخى باسقۇچتىكى ھەرخىل ئورتاق گەۋدىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئىپتىدائى مىللەت، قەدىمكى مىللەت، يېقىنقى زاماندىكى مىللەت، ھازىرقى زاماندىكى مىللەت، يەرلىك مىللەت قاتارلىقلار، ھەتتا ئۇرۇقداش، قەبىلىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ بىر دۆلەت ياكى بىر رايۇندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: جۇڭخۇا مىللەتلىرى، ئەرەب مىللەتلىرى قاتارلىقلار. تار مەنىدىكى مىللەت ھەرقايسى كونكىرىت مىللەتلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: خەنزۇ، مۇڭغۇل، مانجۇ، ئۇيغۇر،خۇيزۇ، زاڭزۇ قاتارلىقلار. مىللىي ھىسيات بىر مىللەتنىڭ مىللىي روھىنىڭ ۋاستىسى بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا ھىسداشلىقىنى پەيدا قىلىدۇ. مىللىي ھىسيات كەڭ مەنىدىكى مىللىي ھىسيات ۋە تار مەنىدىكى مىلللىي ھىسيات دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ، خۇتەندەك كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايوندا كەڭ مەنىدىكى مىللىي ھىسياتنى كۆچەيتىش كېرەك، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مىللىي ھىسياتى دىگەنلەردىن ئىبارەت. 56مىللەتتىن تەركىپ تاپقان ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققى قىلىشىدىن ئىبارەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھىسياتىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرلىشى، ئىجتىمائى ئىناقلىق،مۇقۇملۇق،پۇخرالارنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىدىكى ۋاستە ۋە ئول تاش. ھەرقانداق بىر ئادەم، ھەرقانداق بىر مىللەت جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھىسياتىغا سەل قاراپ، تار مەنىدىكى مىللىي ھىسياتتا بولسا ، بېكىنمىچىلىكتىن ئىبارەت يەرلىك مىللەتچىلىك يولىغا مېڭىپ، زاۋاللىققا، يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋاستە تاللىماي، تەلۋىلەرچە بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەركىتىنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى مىللىي ھىسياتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىللەت ئوتتىرىسىدا ئارازلىق پەيدا قىلىپ، شىنجاڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، شىنجاڭنى پارچىلاشتىن ئىبارەت. ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ مىللەتلەرنىڭ قۇرام تاشتەك مۇستەھكەم مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ:«زوراۋانلىق، تىرورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ يىلتىزى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئىدىيەۋى ئاساسى دىنى ئەسەبىيلىك»دەپ ئىنىق كۆرسەتتى. شۇجى چاڭچۈنشەن:«مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنى ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائى مۇقۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق خەۋىپ»دەپ كۆرسەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىگرا ئىچى-سىرتىدىكى«ئۈچ خىل كۈچ»لەر شىنجاڭنى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن، قىسمەن ئاممىنىڭ ساددا مىللىي ھىسياتى ۋە دىنى ھىسياتىدىن پايدىلىنىپ، ‹ غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ › دىگەن سەپسەتىلەرنى تارقىتىپ ئېتىقادچى ئاممىنى، ياش-ئۆسمۈر ۋە ياش ئاياللارنى زەھەرلەپ، ئالداپ،قۇترىتىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتىرىدىكى ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئىنتايىن قەبىھ ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ج خ قۇراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىللىرى، ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ئاممىسىغا قارىتىلغان ئاتالمىش«غازات»نى تەرغىپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا يۈزبەرگەن بىر قاتار زوراۋانلىق، تىرورلۇق ھەركەتلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، زوراۋانلىق،تىرورلۇق ھەركىتى زىيان يەتكۈزگىنى قايسى بىر مىللەتنىڭ مەنپەتى ئەمەس، ئۇ مۇشۇ زىمىندا ياشاۋاتقان ھەرمىللەت خەلقىگە ئاپەت ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭ ۋەيران ۋە خىرىس قىلغىنى ئىنسانىيەت جەمىئىتىنىڭ ئورتاق تەرتىۋى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى. شۈبىھسىزكى زوراۋان، تىرورچى ئۇنسۇرلار بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز. ھەرمىللەت ئامما قانۇن تۈزۈم ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، دۆلەت قانۇنىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قەتئى قوغدىشىمىز لازىم. «دۆلەتنىڭ قانۇنى ھەممىدىن ئەلا»، قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشقا، خەلىقنىڭ مەنپەتىگە دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. قانداق ئادەم بولىشىدىن،قايسى مىللەتتىن بولىشىدىن، قانداق مۇدىئادا بولىشىدىن قەتئىنەزەر، قانۇن ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى،قانۇن يولغا قويغان دائىرە ئىچىدە ھەركەت قىلىشى لازىم. قايسى بىر ئادەم دۆلەتنىڭ قانۇنىنى دەپسەندە قىلىدىكەن، ئىجتىمائى تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن، خەلىق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى كىيىم-كېچەك، يىمەك-ئىچمەك، ھېيىت-بايرام، ئولتۇراق، نىكاھ، قائىدە-يوسۇن، ئۈلۈم-يىتىم ۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ، ئۆرۈپ-ئادەت ئىجتىمائى، جۇغراپىيەلىك ۋە نىسپىي مۇقۇملۇققا ئىگە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان بىر مىللەتنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، پىسخولوگىيە ساپاسى ۋە ئەخلاق، دىن قارىشى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم مەزمۇن. شۇڭا ھەرقايسى مىللەتلەر كەڭ قۇرساق بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ھەقىقى ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم. مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، مىللەتنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى، دىمگىراتىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. شۇجى جاڭ چۈنشىيەن :«ئۆرۈپ-ئادەت مەسىلىسىدە ھۆرمەتلەش پۇزۇتسىيەسىدە مۇئامىلە قىلىش كېرەك.» دەپ تەكىتلىدى. كونىلاردا :« بىرەر جايغا بارغاندا ئالدى بىلەن ئۆرۈپ ئادەتنى سورا» دەيدىغان گەپ بار، بۇ بىر ناتونۇش يۇرۇتقا بارغاندا ئالدى بىلەن شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى چۈشىنىش كېرەك دىگەنلىك، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى ھۆرمەتلەش شۇ مىللەت خەلقىنى ھۆرمەتلىگەنلىك، مىللەتنىڭ ھىسياتىغا ھۆرمەت قىلغانلىق. لىكسىيەنىڭ ئىككىنچى تىمىسى: «خوتەنگە نىمە بولدى، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار، خوتەن بىزنىڭ يۇرتىمىز، بۇ يۇرتىمىزدا 2مىليون 100مىڭدىن ئارتۇق قان قېرىنداش ئورتاق تۇمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ. يۇرتىمىزنىڭ تاغ-دەريالىرى كۈزەل، قۇم باياۋانلىرى چەكسىز، يۇرتىمىز خەلقى قۇيۇق مىللى ئۆرپ-ئادەتكە ئىگە ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي خەلق. ئۇزۇن يىلللاردىن بويان ئەجدادلىرىمىز ھالال ئەمگىكى ۋە ئەقىل –پاراسىتىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتقان. ئېچىۋېتىش داۋامىدا كەڭ قورساق بولۇپ ئۆز مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خۇددى نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئوخشاش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدا چاقنىغان. ھازىر جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار تارىخىي مۇساپىسىدە خوتەن خەلقى مىسلىسىز زور تەرەققىيات پۇرسىتىكە ئىگە بولماقتىمىز. بىز تىنىچ ، ئىتتىپاق سىياسى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە ئورتاق غەزەپ-نەپرەت ياغدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن قەتئىي كۆرەش قىلىپ ، دىننى ئەسەبىيلىكنىڭ ئېغىر زىيىنىنى قەتئى تازىلاپ، ئىتتىپاق-ئىناق ، باي-باياشات ، مەدەنىيى ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ، خاتىرجەم تېرىكچىلىك قىلىدىغان يېڭىچە خوتەننى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىن بويان ، پارتىيە ، ھۆكۈمەت خوتەن خەلقىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى . ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ، ۋېلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرىي مەھكىمە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى ئىزچىل تۈردە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ، «خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنى ئورۇنغا قويۇش، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ، ئاساسي قاتلامنى مۇھىم بىلىش»قارىشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلىقنى بېيىتىش ، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، تۇرالغۇ كاپالىتى ، شەھەر-بازار ئىجتىمائىي كاپالەت نىسىبتىنى ئۆستۈرۈش، يېزا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ، ئاساسى داۋالىنىش ، جامائەت ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى، مائارىپ كاپالىتى ، تەبىئي گازنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش،تۇربا سۈيى ئىچىشكە ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا زور ئەمەلىي ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بىرىپ ، شەھەر-يېزىلىرىمىزنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى زور دەرىجىدە ئۆستى . دېھقانلىرىمىز ئاشلىق تېرىسا ، باقمىچىلىق قىلسا ، دېھقانچىلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋالسا ، ئۆي سالسا تولۇقلىما بىرىۋاتىدۇ. قىيىنچىلىقتا قالغانلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ. «بەش كىپىل» ئائىلىلەرنى دۆلەت بېقىۋاتىدۇ.ساۋاقداشلار ، مەكتەپتە ئوقسا ئوقۇش ھەققى تاپشۇرمايلا قالماستىن ، ھەقسىز ياتاق ۋە تاماقتىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ. بۇنداق ياخشى تۇرمۇش قەدىمدىن ھازىرغىچە بولۇپ باققانمۇ ؟ بۇنداق ياخشى تۇرمۇشنى قانداقمۇ قەدىرلىمەي تۇرالايمىز! يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر بىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى كۈن كۆرۈشىمىزگە چىدىماي ، دىن تۇغىنى كۆتىرۋېلىپ ، ھەممە جايدا بىزنىڭ ئىناق ، تىنىچ ئىجتىمائي تەرتىپىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ ئەركىن، مەدەنىي ئالغا ئىلگىرلىشىگە ئىنتىلىش روھىنى ھەر ۋاقىت چۈشەپ قويۇۋاتىدۇ. بۈگۈنكى خوتەنگە قارايدىغان بولساق ، قانچىلىغان ئادەم چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دىني ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ قايمۇقتۇرىشىغا ئۇچىراپ،1000يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان دىني ئېتىقاد ئەنئەنىسىنى بۇزۇشقا سەۋەبچى بولۇپ ، خوتەننىڭ نام-ئابرويى ، خوتەننىڭ ئوبرازى ، خوتەننىڭ ئىجتىمائي كەيپىياتىنى بۇلغىدى . ئەمەلىيەتتە ، يېقىنقى يىللاردىن بويانقى دىنىي ئەسەبىيىلىك ئىدىيەسى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز، ئۆرىپ-ئادىتىمىز ۋە ئىجتىمائي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىگە تەسىر قىلىشى بىلەنلا توختاپ قالغىنى يوق. خوتەندە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەگەن زوراۋانلىق ، تېرورلۇق ۋەقەلىرى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ خوتەننىڭ ئىجتىمائىي مۇقۇملىقىدىن ئىزچىل گۇمانلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر خوتەنگە كىلىپ مەبلەغ سېلىپ روناق تاپقۇزۇشنى ، خوتەنگە كېلىپ ئىشلەپ پۇل تېپشنى خالىمايدىغان بولدى. بۇ جەھەتتە ھەممىمز چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگىمىز. لىكسىيەنىڭ .ئۈچىنجى تىمىسى: «ياشلار،كىچىك دوستلار بىز كىمگە ئەگىشىۋاتىمىز، بىز قايسى تەرەپكە ماڭىمىز؟» بۇ يىلدىن بۇيان، زوراۋانلىق، تىرورلۇق ھەركىتى يۈز بەرگەنلىك شۇم خەۋەرلىرى ئۈزلۈكسىز تارقىلىپ، شىنجاڭدا ياشاۋاتقانلارنى ھەسرەت-نادامەتتە قويدى! زوراۋان، تىرورچىلار بىگۇناھلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، بىگۇناھلارنىڭ جېنىغا زامىن بۇلۇپ، نۇرغۇن ئائىللەرنى ئىغىر ئازاپ-ئوقۇبەتكە دۇچار قىلدى. بىز خوتەندە تۇرمۇش كەچۈرۋاتىمىز، بىزمۇ ئۇلار بىلەن ئوخشاش تەسىراتتا بۇلۇپ، بۇنىڭدىن چەكسىز نەپىرەتلىنىمىز. يېقىندا پاش قىلىنغان«22-ماي» زوراۋانلىق ، تىرورلۇق جىنايى دىلوسىنى خوتەنلىك ياشلار سادىر قىلغان. ئۇلار 39 ئادەمنىڭ ئۈلىشى،94 ئادەمنىڭ يارلىنىشىدەك، ئېچىنشىلىق تىراگىدىيىنى پەيدا قىلغان. ئۇلارنىڭ قەبىھ قىلىمىشى ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ ئورتاق تەرتىۋى ۋە ئىنسانىيەت مەدىيلىكىنىڭ ئورتاق تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلغانلىق، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلىمشى پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ غەزەپ نەپرىتىنى قوزغىدى. خوتەنلىك ياش –ئۆسمۈر بۇلۇش سۈپتىمىز بىلەن نۇمۇستىن ئۆزىمىزنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالدۇق؛ خوتەنلىك ئوقۇغۇچى بۇلۇش سۈپتىمىز بىلەن بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن نەپرەتلەندۇق. ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتىگە« زوراۋانلىق ، تىرورلۇق» قالپىقى كىيدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ئويغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈردى. ئولارنىڭ كاساپىتىدىن خوتەن تىرورلۇق ماكانى دىگەن ئاتاققا قالدى. خوتەن تىلغا ئېلىنسىلا يىراقتىكى كىشىلەر شۈركۈنۈپ كىتىدىغان ھەتتا سەسكىنىپ كېتىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. ياش دوسىتلار، ساۋاقداشلار ، ئۇلار خوتەنگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ ئۇلار خوتەنگە چەكسىز بالايى ئاپاتلەرنى ئېلىپ كەلدى! ئۇلار خوتەننى ئازاپ-ئوقۇبەت قاينىمىغا ئىتتىرۋاتىدۇ.كەسىكىن ۋەزىيەتكە قارىتا بىز چوقۇم ھۇشىمىزنى تېپىپ، كەسكىن ئىپادە بىلدۈرشىمىز كىرەك. قەتئىي قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتمىسەك بولمايدىغان يەرگە كەلدۇق! ياشلار ئۈمۈتكە تولغان ، ئۇلار كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلدۇ. خوتەن ياشلىرى، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. ياش دوستلار، ھوشىمىزنى تاپايلى، ئەتراپىمىزدىكى بەزى بۇرادەرلىرىمىزنىڭ مۇشۇ يولدا مېڭىۋېرىشىگە يول قويىۋەرسەك بولمايدۇ! ئۇلار ساددا، بىلىمسىز بولۇپ، ھەق-ناھەقنى پەرىق ئىتەلمىگەنلىكتىن، ئەقلىدىن ئېزىپ، دۈشمەنلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ، ئەسەبىيلىك يولىغا مېڭىپ قالدى. ئادەم ئۆلتۈرۈپ، جىنايەت سادىر قىلىشتىن ئىبارەت بارسا كەلمەس يولغا ماڭدى! ئۇلار ھازىرغىچە ھوشىنى تاپالمايۋاتىدۇ! بىز ياشلار مىللەتنىڭ ئۈمىدى، دۆلەتنىڭ كىلەچىكى، كۈرەش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ، بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ. بىز تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ كۆرەش قىلىپ، مىللىتىمىزنى تەرەققىى قىلدۇرۇش ۋە زامانىۋى مەدەنىيەت تارقىتىش مەسئۇليىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، دىنى ئەسەبىي كۈچلەر بىلەن دادىل كۈرەش قىلىپ، جەمىئەتتىكى ناچار ئىللەتلەرنى تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىجتىمائى توغرا كەيپىياتقا يىتەكچىلىك قىلىپ، دىنى ئەسەبىي كۈچلەر بىلەن ئۈزۈل-كىسىل ئادا-جۇدا بولىشىمىز كېرەك، بىز خوتەن ياشلىرىنىڭ تىرىشچان، ئۈمىدۋار ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق دۇنيا ئەللىرىنى ئۇيغۇرلارنى، خوتەننى كۆپرەك چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرمىلانغان نامى، بۇلغانغان ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خاتا چۈشەنچىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ئەمىلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئىناق تەرەققى قىلىشىدىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە غورۇرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەيلى! بۇ ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان ئىسىل پەزىلەت، بىز ئەۋلادلىرىمىزغا بەخىت-سائەدەتلىك، گۈزەل خوتەننى قالدۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ مەسئۇليىتىمىز، ئەڭ مۇھىمى مىللىتىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدى! سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار ،بىز خۇتەنلىك ئۇيغۇرلار بەختىيار،گۈزەل كېلەچەك ئۈچۈن، مىللەتنىڭ ئىززىتى ۋە ئىشەنچىسى ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشى ئۈچۈن جەزمەن ئىتتىپاقلىشىپ پارتىيە ھۆكۈمەت ۋە ھەرمىللەت خەلق ئاممىسى بىلەن بىر يولدا زوراۋانلىق،تىرورلۇققا قاتتىق زەربە بىرىپ، دىنى ئەسەبىيلىك ئىدىيسىنىڭ تارقىلىشىنى قەتئى تۇسۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قەتئى قوغداش ئارقىلىق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان تىنىچ-ئامان تەرتىپلىك، مەدەنىي، تەرەققى قىلغان ، گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنايلى! ئويغىنايلى!بۈگۈن ئويغانمىساق ئەتە ئويغىنالمايمىز! سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار ! ھەممىمىز مىڭىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ھەق-ناھەقنى ئىنىق ئايرىپ، مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ دانا تەدبىر كۆرسەتمىسى ۋە ۋىلايەت، ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ ، چىرا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى شۇنداقلا يېزىلىق پارتىكومنىڭ كونكىرىتنى يىتەكچىلىكىدە، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىدىغانلا بولساق، دىنى ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق، تىرورلۇق ئۈسىتىدىن غالىپ كىلەلەيمىز؛ تىنىچ، ئىناق ، ئىتتىپاق بولغان، باياشات گۈزەل يۇرت قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى! كۆپچىلىككە رەھمەت
ئىزاھات : بۇ لىكسىيە ماتىرىيالى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى 2014-يىلى 8-ئايدا تۈزگەن «دىنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات تەربىيە ماتىرىيالىدىن پايدىلىنىپ تەييارلاندى.
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|