| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-2 23:59
بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، سۇيۇملۇك ساۋاقداشلار ياخشىمۇ سىلەر.بىز بۇگۇن بۇ يەردە ئىلىم –پەننىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن بەخىت سائادىتى، قۇدىرىتى ، شۇنداقلا تەقدىرنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئەگۇشتەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. مەن كونىلارنىڭ <<تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلىدۇ >>دىگەن ھىكىمەتلىك سۆزىنى ئاڭلىغان ئىدىم .بەلكىم سىلەرمۇ ئاڭلىغان بۇلىشىڭلار مۇمكىن.بىر ئادەمدە تەدبىر قانچىلىك بولسا ،تۇرمۇشى شۇنچىلىك بەخىتلىك بۇلىدۇ. ھەممىزگە مەلۇمكى بۇگۇنكى دەۋرى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى،ئۇچۇر دەۋرى دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا بىلىم ئېلىشنىڭ تۇلىمۇ زۇرۇللىكىنى تۇنۇپ يىتىپ ئۆزلۇكسىز ئۆگۇنۇپ ئۆمۈرلۇك ئۇگۇنۇش دۇلقۇنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ.تەرەققى قىلغان ئەللەر جۇملىدىن دۆلىتىمىزمۇ بۇ نوختىنى تۇلۇق چۇشۇنۇپ مائارىپقا ئالاھىدە مەبلەخ سىلىۋاتىدۇ.مانا مۇشۇنداق ھەممە ئەل ئويغۇنۇپ بىلىم ئىگىلىكىگە قەدەم قۇيۇپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋاتقان پەيىتتە رايۇنىمىزدىكى بىرقىسىم كىشىلەر بۇنىڭ ئەكىسچە ئازغىنە پۇلنى كۆزلەپ ئۆزى نادان قېلىشى بىلەن بىرگە ئۆز پەرزەنتىللىرىنىڭمۇ بىلىمسىز قالدۇرۇپ جەمىئەتنىڭ ئەخلىتىگە، قارا ئىشلەمچىگە،كەلگۇسىدىكى ساۋاتسىز كىشىلەرگە ئايلىنىشقا سەۋەپچى بولماقچى بۇلىۋاتىدۇ.بۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى توغرىمۇ؟سىز كارغا كەلمەس تاشلاندۇق بۇلۇپ قېلىشنى خالامسىز؟ ساۋاقداشلار بىزئۆتمۇشكە نەزەر سېلىپ باقايلى،ئىلگىرى ئاتا- ئانىمىز يەر تېرىسا كەتمەندە ئۆرۇپ تېراتتى، خامان ئالسا مۇما تىكلەپ ئىشەك،كالىنى ئايلاندۇرۇپ بۇغداي ئالاتتى،لامپۇچىكا يوق جىن چىراق ياندۇرۇپ يۇزكۇزى قۇپقارا بۇلۇپ بەلغەم تۇكۇرۇپ ئولتۇراتتى ،يۇل يۇرسە پىيادە ياكى ئىشەك بىلەن ماڭاتتى ،ئۇمۇرىدە بىر قېتىم قاراقاشنى كۆرمەي،تويغىدە تائام يىيەلمەي ئۇلۇپ كەتكەن ئادەملەر ناھايتى كۆپ.ئىدىسۇن لامپۇچىكىنى كەشىپ قىلىپ جىن چىراققا خاتىمە بەردى .ئينىشتىيىن ئاتوم بومبىسىنى كەشىپ قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇش تارىخىغا خاتىمە بەردى.ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش بولدى.ئاتا-بۇۋىللىرىمىزنىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇشىغا سېلىشتۇرغاندا ھازىر تويغىدەك ئاشنان بار.ئازادە، يۇرۇق ئۆيلەردە ئولتۇرۇمىز،ئاسپىلىت يوللاردا مېڭىۋاتىمىز مۇشۇ تەرەققىياتنىڭ ھەممىسى پەننىڭ نەتىيجىسى ئەمەسمۇ؟ئىلىم-بىلىمنىڭ قۇدىرىتى ئەمەسمۇ؟ئۇنداقتا بىر نىمە ئۇچۇن بىلىم ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بەرمەيمىز؟ بىز يەنە ياپۇنيە،ئامىرىكا قاتارلىق چەلئەللىكلەرگە قارايدىغان بولساق ئۇلار مائارىپقا ئالبۇرۇن كۇڭۇل بۇلۇپ ھۆكۇمەت مائارىپقا مەبلەخ سالسا، ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنىتلىرىنى قانداق تەربىيەلەش توغرىسىدا ياخشى ئويلىنىپ بىلىم ئېلىپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئالاھىدە كۇڭۇل بۆلدى.شۇڭلاچقا يىڭى-يىڭى پەن- تېخنىكىلار مەيدانغا كىلىپ ،ئىقتىساد ئۆزلۇكسىز ئېشىپ كىچىككىنە بىر دۆلەتنى پۇتۇن دۇنيا خەلقىگە تۇنۇتۇپ ھەيران قالدۇرۋاتىدۇ.بىز ئىشلىتىۋاتقان بىر قىسىم تۇپا ئىتىرىش ماشىنىللىرى ياپۇنيەنىڭ مەسھۇلاتىدىن ئىبارەت. يۇقارقى نەتىيجىلەر ۋە تەرەققىياتلار ئىلىم-بىلىمنىڭ نەتىيجىسىدىن ئىبارەت.شۇڭا ئاتا –بۇۋىللىرىمىز <<ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا>>،<<بىلىمسىز ياش تام تۇۋىدىكى تاش>>،<<بىلىملىك ئۇغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ >> دىگەندەك ماقال تەمسىللەرنى ئىجاد قىلغا ن. بۇنىڭدىن شۇنى كۇرۋېلىشقا بۇلىدىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭمۇ بىلىم ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ. ساۋاقداشلار! بىز ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۇگۇنكىدەك بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە پارتىيىمىزنىڭ ئۆمۇرلۇك ئۆگۇنۇش تەلىپىگە تۇلۇق ماسلىشىپ ،ئىزچىل ئۆگۇنۇدىغان كەيپىياتنى تۇلۇق پەيدا قىلىپ ،بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ئۆزلۇكسىز تىرىشايلى. مەنبەسى : مەكتەپتىكى يازمىللىرىم
|
|