| يىقىندا تور دۇنياسىنى ئايلىنىۋىتىپ، ياخشى بىر ئاندىرويىد ئەپ دېتالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، دېتالنىڭ ئىسمى «باھار يامغۇرىدەك دوختۇر» بولۇپ، يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان تور ۋە يانفوندا كېسەل كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى دېتال ئىكەن. بۇ دېتالنىڭ «كېسەلگە ئۆزى دىئاگىنوز قويۇش» ۋە «دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش» دىگەندەك ئىقتىدارلىرى بار بولۇپ، توردىن ئېرىشكەن مەلۇماتلاردا دىيىلىشىچە، بۇ دېتال ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندىن بۇيان، سورالغان سوئاللارنىڭ سانى مىليوندىن ئاشقان، يەنى ئۇنىڭدا مىليون خىل كېسەللىك ۋە ئۇنىڭ دىئاگىنوز ئۇچۇرلىرى ساقلانغان. بۇ دېتال ئاساسلىقى دوختۇر ۋە بېمار ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بولۇپ، تېزىمغا ئالدۇرغان دوختۇرلارنىڭ سانى 15000 دىن ئاشىدىكەن، ھەركۈنى ئاز دىگەندە 30 مىڭ قېتىم دىئاگىنوز قويۇلىدىكەن، بۇ دېتال يەنە ھەقلىق ئەزا قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەقلىق ئەزالارنىڭ سانى كۈنىگە 5000 دىن كۆپىيىۋاتقان ئىكەن،( بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى بەيدۇدىن كەلگەن،) . مىنىڭچە مۇشۇنداق بىر دېتالنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندىن بولسا، ئىنتايىن ياخشى ئىش بولغان بولاتتى…ھازىرچە خەنزۇچە بىلىدىغان دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يوللاپ قويدۇم. سىناپ بېقىڭ. يانفوندا سىكانىرلاش ئارقىلىق چۈشۈرۈش:
 |
|