| ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇغا چۈشمەسلىكى توغرىسىدا تەۋسىيە
ئائىلە مۇنچىسىدا ھەپتىدە بىر قېتىم سۇغا چۈشۈپ،تازلىنىپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق بولسىمۇ،دەريا –ئۆستەڭەە سۇغا چۈشىشنىڭ تۇۋەندىكىدەك خەتىرى بار بىرىنجىدىن ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ سۇغىقىنى ئاشۇرۇپ روھىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھازىر تىمفىراتۇنىڭ ئۆرلىشى بىلەن تەرلەيدىغان ياكى ئىچى سىقىلىپ شامالداش ياكى سۇغا چۈشىش خىيالىغا كەلتۇرۈپ قۇيىدۇ. ياش- ئۆسمۈرلەر شۇنىڭ بىلەن ئېرىق- ئۆستەڭلەردە ھەتتاكى دەريالاردا سۇغا چۈشىدۇ.ھەم خۇددىنى بىلمەي ئادەت قىلىۋالىدۇ ،كۆڭۈل ئاچىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ مىزاجى بۇشۇشۇپ سوغۇقى ئاشىدۇ،ئىمىنۇت كۈچى ئاجىزلايدۇ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۈۋەنلەيدۇ。 دىمەك،زۇكانداپ قالىدۇ ،بوغزى ئاغرىدۇ ياكى يۇقۇملۇق كىسەللەر ئاسان يۇقىدۇ،سالامەتلىكى ناچارلىشىدۇ .ئاغرىپ قالغاندىن كىيىن مەكتەپكە كىلەلمەايدۇ،باشقا ساۋاقداشلاردىن كىيىن قالىدۇ، ئىككىنجىدىن سۇغا چۈشكەندە بىلىپ- بىلمەي ئېغىر خەتەر كۈرىلىپ قالىدۇ،سۇ تىگىدىكى نەرسىلەر پۇتقا كىرىپ كىتىدۇ،تېيىنىپ پۇت- قول قايرىلىدىغان، سۇنىدىغان ئەۋاللار كۆركلىدۇ،ھەتاكى ئۆلۈش ئەھۋاللىرى كۈرىلىدۇ.ئۆلۈم نىمەدىگەن ۋەھشى- قورقىنىشلىق !. سىزنىڭ ئاتا- ئانىڭىز قانداق قىلىدۇ؟ ئۇرۇق-تۇققانلار قايغۇرماسمۇ؟ ئاتا- ئانىڭىز سىزنى مىڭبىر جاپادا بېقىپ يەنە ھەسرەت بىلەن ئۆتسە بۇلارمۇ؟ ئالدىنقى ھەپتە بىزنىڭ 3- ئوتتۇرا مەكتەپ باشلانغۇچ 3-يىللىق خەنزۇ ئوقۇغۇچى(ئوغۇل) دەرياغا سۇغا چۈشكىلى بارغان،بىراق سۇغا چۈشكىلى بېرىپ قايتىپ كىلەلمىگەن . ھازىرغىچە جەسىدى تېپىلمىغان .ئاتا- ئانىللىرى زارىزار يىغلاپ دەريا بۇيىدا يۇرمەكتە. سىز بەلكى مەن ئۇنداق خەتەرگە يۇلۇقمايمەن،مەن خەتەرسىز جايلارغا سۇغا چۈشىمەن دەپ ئويلايسىز. بۇ سىزنىڭ ھاياتقا سەل قارىغانلىقىڭىز،سىزنىڭ خيالىڭىز .خەتەرگە يۇقۇققاندا سۇ سىزنىڭ ئېغىز- بۇرنىڭىزغا كىرىپ ،كىچىك تۇرۇپ ھاياتىڭىز ئاخىرلىشىۋاتقاندا ئاندىن چۈشىنىسىز.بىراق ئۇچاغدا كىچىككەن بولىسىز،ئاتا-بوۋىلارنىڭ ئوت- سۇ بىلەن ئويناشماڭ دىگەن خىتابىنى ئۇنتۇلماڭ ! مەكتەپتىن شۇنداق تەۋسىيە قىلىمىز؛چۈشلۈك ئارام ۋە كەچلىكتە دەريا ۋە ئۆستەڭلەرگە بېرىپ ،سۇغا چۈشمەسلىك لازىم،ئەگەر دەريا- ئۆستەڭلەر بويىنى كۈزىتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا يولىقۇپ تىزىمغا ئېلىنىپ قالسىڭىز قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.سىنىپ نۇمۇرى كۇلىنىدۇ ئىلغار سىنىپ كوللېكتىۋى ئىلغار باھالانمايدۇ. شۇ ئوقۇغۇچىمۇ بىر يىلغىچە ئىلغار پىئونىر ،ئىلغار ئوقۇغۇچى بۇلۇپ باھالانمايدۇ. سىزلەرگە بىر جۈملە سۆز سوغا قىلىمىز‹‹ ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەيلى››
ھۆرمەت بىلەن:
49-تۇەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە ئىشخانىسى .
2014 –يىل 6- ئاينىڭ 10- كۈنى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇغا چۈشمەسلىكى توغرىسىدا تەۋسىيە
49-تۇەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە ئىش خانىسى .
2014 -يىل 6- ئاينىڭ 10- كۈنى
|
|