ياخشىمۇسىز كالتەك ئەپەندى؟ بايقاش مۇنبىرى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات ھالىتىگە ئۇلاشتى. بۈگۈنكى كۈندە ئەزالار قوشۇنىنىڭ سەرخىللىقى، ماتىرىياللىرىنىڭ پايدىلىنىشچانلىقى بىلەن تور دۇنياسىدا مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ نەتىجىلەر بايقاش مۇنبىرىنى يېقىندىن قوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگەك مىۋىلىرى بىلەن مۇنبەرنىڭ ماتىرىيال ئامبىرىنى بېيىتىپ كېلىۋاتقان كەسىپداشلارنىڭ قوللىشى، تىرىشچانلىقى ۋە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، مۇنبەر باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارنىڭ خالىس ئەمگىگىنىڭ مەھسۇلى. بايقاش مۇنبىرىدىكى باشقۇرغۇچىلاردا ئەزالارنىڭ مۇنبەر جۇغلانمىلىرىنى سەۋەپسىزلا كەمەيتىۋېتىدىغان ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس! سىز ‹‹...ئەپسۇس جۇغلانما بىلەن ئىرىشكەن تىللالارنى سەۋەبىنى ئەسكەرىتمەيلا كىمەيتىپ قويۇپسىلەر بۇ نىمە ئۇچۇن؟... ›› دەپ سوراپسىز، سىزنىڭ مۇنبەر جۇغلانمىلىرىڭىزنى سەۋەپسىزلا كەمەيتىۋېتىش مۇنبەرنىڭ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا زىيانلىق، بۇ نوختىنى باشقۇرغۇچىلىرىمىز ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە باشقا مۇنبەرلەردە تۆكمە بولۇپ كەتكەن پاخال، كۆچۈرۈلمە تېمىلارنى بايقىيالايدۇ ۋە ئۆز ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇ ئارقىلىق بايقاش مۇنبىرىنىڭ خاسلىقىنى، ساپلىقىنى قوغدىيالايدۇ. يەنە تېخى ‹‹... دەرىجەمنىڭ ئۆسۇشىدىن ئەنسىرگەن بولساڭلار كىرەك....›› دەپسىز، مۇنبەرگە تەپسىلى قاراپ بېقىڭ، مۇنبەرگە قوشقان تۆھپىسىگە ئاساسەن ئەزالارنىڭ دەرىجىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سىزنىڭ ئەزالىق دەرىجىڭىز دەرىجىڭىز ئۆسسە باشقۇرغۇچىلار نىمىشقا ئەنسىرىگۈدەك؟؟؟ ... باشقۇرغۇچىلارغا نىمە زىيان؟ نىمە پايدا؟؟؟ بايقاش مۇنبىرىدىكى باشقۇرغۇچىلار نۇرغۇن قېتىملىق باش قوشۇشۇش ۋە نۇرغۇن قېتىملىق تاللاشلار ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. ئۇلار بايقاش مۇنبىرى ئۈچۈن مىننەت-تاماسىز، خالىس ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىدۇ. شۇلار بوغاچقىلا بايقاش مۇنبىرى بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويالىغان! سىز ‹‹....بايقاش مۇنبىرى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇرەك ساداسىنى ئەكىس ئەتتۇردىغان ياخشى بىر مۇنبەر دەپ ئويلىغان ئىدىم ،ئەپسۇس ....›› دەپ ئەپسۇسلىنىپ كېتىپسىز. سىز ئەپسۇسلىنىپ يۈرگەن مۇشۇ ۋاقىتتا 15000 دىن ئارتۇق ئەزا بايقاش مۇنبىرىدىن ئۆزىگە چۈشلۇق نەپ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەزالارنىڭ مۇنبەر جۇغلانمىلىرىنىڭ تويۇقسىز كەملەپ قېلىش ئەھۋاللىرى بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم كۆرۈلگەن، كېيىن يەنە ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە كەلگەن، بۇ چۈنكى تور ئېقىمىنىڭ نورمال بولماسلىقى، تور بوشلۇقىدىكى كاشىلىلار سەۋەبىدىن مۇنبەرنىڭ مۇلازىمىتىرىدىن پات-پات يا ئۇنداق، ياكى مۇنداق مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. باشقا مۇنبەرلەرمۇ بۇنداق مەسىلىلەردىن خالى ئەمەس.
بايقاش مۇنبىرىمىز ئاغزىغا نىمە كەلسە شۇنى يېزىۋېرىدىغان كىچىك بالىلارنىڭ مەشق دوسكىسى ياكى بىكارچى تۇل خوتۇنلارنىڭ ئاق-قارىنى پەرىق ئەتمەي، كۆرگەنلا يەردە شالىسىنى چېچىپ، ئاغزىغا نىمە كەلسە شۇنى دەۋېرىدىغان غەيۋەت-شىكايەت سورۇنى ئەمەس! ۋە ياكى بىر قىسىم نومۇسسىز ‹‹تېما ئوغرىلىرى››نىڭ باشقا مۇنبەرلەردىن ‹‹ئوغۇرلاپ›› كەلگەن ‹‹ئولجا››لىرىنى ساقلايدىغان زاڭ مال ئىسكىلاتى ياكى ھارام ماللىرىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىدىغان يەرمەنكە سورۇنىمۇ ئەمەس!!... بەلكى ئۇيغۇر مىللى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇش يولىدا ئۆزىگە خاس يول تۇتقان، ئۆز ئارا ھەمكارلىق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ۋە ئورتاق ئىلگىرلەش نىشانى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق ياشاشنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات مىزانى ۋە ئۆلچىمى قىلغان، پەخىرلىك نامغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى!!!... شۇنداقلا رايونىمىزدىكى كەڭ مائارىپچىلارنىڭ جاپالىق قان-تەرى ۋە ئىجادى ئەمگىكى مۇجەسسەملەنگەن مائارىپ ماتىرىياللىرى ئامبىرى!.... گېپىڭىزدىن قارىغاندا سىزمۇ ئوقۇتقۇچى ئىكەنسىز، يەنە كېلىپ بەكلا ياش ئوخشايسىز. كۆرگەن-بىلگەنلىرىڭىز ئاز، تەپەككۇرىڭىز بەكلا ئاددى ئىكەن. ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى- ئىلمىي ۋە سەۋرىچانلىقنى، ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۆزىڭىزنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىڭ! تېخى كۆرۈپ قالىسىز، بايقاش مۇنبىرى نۆۋەتتىكى نەتىجىلىرى بىلەن پەخىرلىنىدۇ، ئەمما مەغرۇرلانمايدۇ! بىر ئىزدىمۇ توختاپ قالمايدۇ! ئەڭ مۇنەۋۋەر تور بېتى، تور دۇنياسىدىكى باشلامچى بولۇش نىشانى ئاساسىدا داۋاملىق ئىزدىنىدۇ، داۋاملىق ئالغا باسىدۇ!
ئەئەپ قىلىپ ياشايمەن بىرئۆمۇر لىللا، ئىززەتنى ساتمايمەن بەرسىمۇ تىللا. ۋىجدانىم شۇملۇقنى قىلالماس قوبۇل ، بىشىمنى ئەگمەيمەن ياق! نۆزەمبىللا.
كالتەك ئەپەندى: بۇ شېئىر ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتىمۇ؟ بۇ شېئىر مەزمۇنىدىن قارىغاندا ياخشى ئىكەن، ئەپسۇس بۇ شېئىردىكى مەزمۇننى كىمگە، نىمىگە قاراتقانلىقىڭىزنى بىلەرسىزمۇ؟؟؟..... ‹‹ئىززەت››ئىڭىزنى كىم سېتىشقا مەجبۇرلىغاندۇ؟ كىم سىزگە ‹‹شۇملۇق›› سانىغاندۇ؟ كىم سىزنى باش ئەگدۈرمەكچى بولغاندۇ؟؟؟!!!.......
خەلق ئارىسىدىكى بىر ھېكمەت: ‹‹ئويناپ سۆۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە››. تۆۋەندىكى ئادرىسنى چېكىپ، ئېچىلغان تېمىنى كۆرۈڭ: /bbs/forum. ... 4289&highlight=تورداش%2Bدوستلارغا |