كۆرۈش: 1909|ئىنكاس: 10

خەير -ساخاۋەت چولپىنى -نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەير -ساخاۋەت چولپىنى -نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر

QQ截图20140421233143.jpg

ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تەسىرلىك خەير- ساخاۋىتى بىلەن ئەلنىڭ يۈكسەك ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر يېقىندا بېيجىڭدا كاتتا شەرەپ سەھنىسىگە چىقتى . شىنجاڭلىق بۇ خەير-ساخاۋەتچىنىڭ نامى پايتەخت ئارقىلىق پۈتۈن جۇڭخۇا ئېلىگە تارالدى. 2006-يىللىق جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى بويىچە نام بېرىش- مۇكاپاتلاش يىغىنى 24-ئىيۇن بېيجىڭ خەلق سارىيدا داغدۇغلۇق ئېچىلدى ،يىغىندا شىنجاڭ غەربىي نۇر گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەرگە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت چولپىنى دېگەن نام بېرىلدى . نۇرتاي ھاجى 1996-يىلى 24-سېنتەبر ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ،3مىليون 800مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن نۇرتاي ھاجى يېتىملەر مەكتىپىنى قۇرغاندا ،دەسلەپكى قەدەمدە ئىلى ۋىلايىتىدىكى سەككىز ناھىيە ،بىر شەھەردىن قۇبۇل قىلىنغان 60يىتىم بالا بۇ سۆيۈملۈك دادىسىغا 60دەستە گۈل سۇنغانىدى. ئارىدىن ئون يىل ئۆتتى ،ئون يىلدىن بۇيان ،نۇرتاي ھاجى كۈندىن -كۈنگە كۆپىيۋاتقان بالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش ،تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى ،ئۇلارغا يېتىملىكنى ھېس قىلدۇرماسلىق ،ئۇلارنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى بار بالىلارغا ئوخشاش خۇشال -خۇرام ،ساغلام چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى .بۇ بالىلارغا ھەريىلى تاماق ،كىيىم -كېچەك ،تۇرالغۇ ،داۋالىنىش ئۈچۈن 1مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئاجراتقاندىن سىرت ،ئۇلارنىڭ يازلىق تەتىلنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن،يەنە 2مىليون يۈەن خەجلەپ ،ئىلىدىكى ئەڭ گۈزەل ساياھەت رايونىنىڭ بىرى -كەڭسايدىكى گېنېرال جىلغىسىغا بالىلار باغۇ-بوستان ئارامگاھى قۇرۇپ بەردى .بالىلار ھەريىلى بۇ ئارامگاھتا يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى .ھازىر نۇرتاي ھاجى يېتىملەر مەكتىپىدە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بالىلار(2006)310غا يەتتى.(ھازىرقى باللارنىڭ سانى 500دىن يۇقىرى بولشى مۇمكىن) بۈگۈنگىچە نۇرتاي ھاجى بۇ مەكتەپتىكى بالىلىرى ئۈچۈن 12مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ،مەدەنىيەت ،تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ بەردى ،شۇڭا بۇ بالىلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئازادە يورۇق سىنىپلاردا ئوقۇش ،ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلىدى. چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى تەرەققىيات بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت چولپىنىنى باھالاش پائالىيىتىدە جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت ئەلچىسى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئەلچىسى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق چولپىنى جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت چولپىنى دىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك مۇكاپات تەسىس قىلىنغان . نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر جۇڭخۇا خەير -ساخاۋەت چولپىنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كارخانىچى . شىنجاڭ << غەربى نۇر>> گۇرۇھى نۇرتاي ھاجىم يىتىملار مەكتىپى 1996-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭدىكى داڭلىق كارخانىچى ،ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىم ئۇچ مىليۇن 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سىېلىپ قۇرغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندىكى تۇنجى،شۇنداقلا بىردىنبىر پۇتۇن كۇنلۇك تۇزۇمدىكى،پاراۋانلىق خاراكتىردىكى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ مەكتىپى، مەكتەپنىڭ ھازىر 35 ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىسى 300 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار،مەكتەپ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 32 مو.2800 كىۋادىرات مېتىرلىق ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدىكى ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ياتاقدىن ئىبارەت ئىككى بىنا،600 كىۋادىراتلىق ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى ۋە مۇنچىخانىسى،1400 كىۋادىرات مېتىرلىق مەكتەپ قارىماي يولى ۋە 16500 كىۋادىرات مېتىرلىق چىملىق پوتبۇل مەيدانى ۋە باغ بار. مەكتەپ قۇرۇلغان 14 يىلدىن بېرى 300دىن ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۇتتۇرۇپ ئىلغار ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ،شاڭخەي،گۇاڭجۇ،دالىيەن قاتارلىق جايلاردىكى شىنجاڭ تولۇق ئورتا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىپ ياخشى ئۇنۇمگە ئېرىشتى. نۇرتاي ھاجىم يىتىملار مەكتىپى قۇرۇلغاندىن بۇيان<<جاپا مۇشەقەتكە چىداپ،ئاددى ساددى ياشاش،تېرىشىپ ئۇگۇنۇش،ھەقىقەتنى قوغلىشىش ،توختىماي ئىلگىرلەش>>روھىنى جارى قىلدۇرۇپ،يىتىملارنى قوبۇل قىلىپ قۇتقۇزۇشنى ئاساس بىرمەكتەپدىن تەرەققى قىلىپ،ئىلغار باشىقۇرغۇچىلار قوشۇنى،ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى،ئىلغار تەربىيلەش،ئوقۇتۇش مۇھىتىغا ئىگە بولغان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىجتمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇشتىكى بايراقدارغا ھەممە زور تەسىر كۇچكە ئىگە پۇقراۋى پاراۋانلىق مەكتىپگە ئايلاندى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۇمىتى،پارتۇكۇمنىڭ قوللىشى ۋە تۇرلۇك ئىدارە ئورۇنلارنىڭ قوللىشى،بىلەن نۇرتاي ھاجىم يىتىملار مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرتاي ھاجىم 14 يىلدىن بىرى ھارماي تېرىشىپ ئىلغار قوشۇننى قۇرۇپ مۇشۇ كۇنگىچە 16 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سالدى. مەكتەپ ئىلمىي مۇدىرى يادىكار نادىر،جالالدىن سالاھىدىنلارنىڭ ئەتراپلىق باشقۇرشى بىلەن مەكتەپ كۇندىن كۇنگە تەرەققى قىلماقتا. بۇيىل ئۆتكۇزىلگەن غۇلجا شەھەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلار پوتبۇل مۇسابىقىسىدە 2- بولۇشتەك ياخشى نەتىجنى قولغا كەلتۇردى. تەنتەربىىيە ئوقۇتقۇچىسى قاسىمجان.خالمۇراتلارنىڭ كۆڭۇل قويۇپ مەشىق قىلدۇرشى بىلەن بۇنىڭدىن باشقا ئېلى ۋادىسىدىكى تۇرلۇك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۇردى. مەكتەپ قورۇسىدىكى بالىلارنىڭ قوللىرىنى مەيدىسى ئىلىپ سالام قىلىشنى كۆرگەندە سىز ھاياجانلانسىڭىز، قوللىردىن كىتاپنى چۇشۇرمەي ئوقۇۋاتقان بالىلارنى كۆرگەندە ئوقۇتچىلىرىغا رەھمەت ئېتماي تۇرالمايسىز. غۇلجا ئۇچۇر توربېتى ئىشخانسىدىكى خادىملار غەربى نۇر گۇرۇھىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېىخىمۇ ياخىشى بولىشىنى ھەمدە نۇرتاي ھاجىم ئاكىنىڭ تېنىغا سالامەتلىك تىلەيمىز. مۇشۇ مەكتەپدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەرگە رەھمەت ئېىتىمىز .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-22 00:13:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەركىزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 00:18  

2007-يىلى ئوقۇتۇش-تەتقىقات پائالىيىتى بىلەن غۇلجىغا بېرىپ بىر ھەپتە تۇرۇپ قالدىم، شۇ مۇناسىۋەتتە نۇرتاي ھاجىمنىڭ ئاچقان مەكتىپىگە بېرىپ كۆرۈپ كىلىش مەقسىدىدە مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلدىم، مەكتەپ ئىچى سىرتتىن كۆرۈنۈشتە شۇنچە ئاددى كۆرۈندى، بۇ كۆرۈنۈشلەر مېنى ئۆزىگە بارغانچە تارتىشقا باشلىدى، ئىشىكنى چەكتىم، قوغداش خادىملىرى چىقىپ: بىز خالىغانچە سىرتتىكى ئادەملەرنى كىرگۈزەلمەيمىز، بىرە ئىسپات ياكى بولمىسا كوللىكتىپ ھالەتتە ئىدارە ئورگاننىڭ تامغىسى بىسىلغان ئىلتىماس قەغىزى ئىلىپ كېلىڭلار، ھاجىم ئۆزى تەستىقلايدۇ، ئاندىن......بۇ گەپلەردىن ئىچىگە كىرىپ مەكتەپ ئىچى-تېشى شارائىتىنى كۆرۈش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچۈيۈشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىزنى باشلاپ غۇلجىغا كەلگەن ئىدارە باشلىقغا تېلفۇن قىلدىم، دەرۋەقە ئىدارە باشلىقىمۇ قوشۇلدى، ئەتىسى ناھىيىمىز بۇيىچە پائالىيەتكە قاتنىشىشقا كەلگەن 50ئادەم بىراقلا كەلدۇق، لېكىن ۋەكىل بولۇپ 10ئوقۇتقۇچىلا كىرەلىدۇق، ئىشقىلىپ ھاجىمنىڭ ئاددىغىنە، پاكىزە، سەرەمجانلاشتۇرۇلغان سىنىپىرى، بالىلارنىڭ "ھاجىم دادا" دەپ چاقىرغىنى ئاڭلاپ ئالەمچە خوش بولغان ئىدىم.....
ھاجىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بۇلىشىنى، بالىلىرىنىڭ تېخىمۇ يوقۇرى پەللىلەرگە ئۆرلەشكە تىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن...

ۋاقتى: 2014-4-23 15:54:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرتاي ھاجىمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق،سالامەتلىك ،ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2014-4-26 19:58:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەت چولپىنى نۇرتاي ھاجىمنىڭ ۋۇجۇدىكى ئىسىل پەزىلەتلىرىگە ئاپىرىن! نۇرتاي ھاجىمنىڭ جىسمىدىكى كۇچ قۇدىرەت ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىگە ساخاۋەت ئۇرۇقلىرىنى چاچسۇن!ئەلنىڭ پەخىرلىك ئوغلى باشلىغان يولدا مېڭىش بىزنىڭ نىشانىمىز بولسۇن!
ۋاقتى: 2014-4-30 23:46:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرتاي ھاجىىمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ روناق تېپىشىنى  ، تىنىنىڭ سالامەت  ئۆمۈرىنىڭ ئۇزۇن بۇلىشىنى ياراتقان ئاللادىن تىلەيمەن  
ۋاقتى: 2014-5-13 21:06:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرتاي ھاجىىمنىڭ بۇندىن كىيىنكى تىجارەت ،ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ روناق تېپىشىنى  ، تىنىنىڭ سالامەت  ئۆمۈرىنىڭ ئۇزۇن بۇلىشىنى ياراتقان ئاللادىن تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2014-5-13 22:26:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئوغلانلار—مىللىتىمىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقى.
ۋاقتى: 2014-5-14 10:18:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غولجىدىكى تورداشلار ،بولسا مۇشۇ مەكتەپنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن بولساڭلار
ۋاقتى: 2014-6-14 09:19:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى نىيەتلىك دىللار تىللاردا داستان بولغۇسى ، رەھمەت سىـزگە ، رەھمەت ، شۇ ئاقكۆڭۈل قەلىبلەرگە
ۋاقتى: 2014-6-16 13:02:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نۇرتاي ھاجىمدەك ساخاۋەتچى ئاتىلار-مىللىتىمىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش