كۆرۈش: 796|ئىنكاس: 1

يېتىم بالىلىرىمىزغا كىتاب ئىئانە قىلامسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېتىم بالىلىرىمىزغا كىتاب ئىئانە قىلامسىز

p_large_sIap_3ed40002cbd35c6f.jpg

ھۆرمەتلىك قانداشلار ئۆمىد ئىيىنىڭ(4-ئاي)23-كۈنى دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنى.بىز مەكتىپىمىزدە داغدۇغىلىق ھالدا تۆتىنجى قېتىم دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنىنى كۈتىۋىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز ۋە قۇرۇلغىنىغا ئىككى يىل بولغان يىتىم بالىلار كىتاپ فوندىنى مۇۋاپىقيىەتلىك تارقىتىش ئۈچۈن ئەتىراپلىق ئىزدىنىۋاتىمىز. ئەزىز قېرىنداشلار بىز بۇ يىلدىكى كىتاپ ئوقۇش كۈنىمىزنىڭ تىمىسىنى ناھىيەمىزدىكى بارلىق يېتىم بالىلارغا قاراتتۇق،چۈنكى مىھىرى مۇھەببەتكە قىنىپ چوڭ بولمىغان يېتىم بالىلارنىڭ كۆپ قىسىمى كىتاپ ئوقۇشقا شۇنچىلىك ھىرىسمەن. بىز كىتاپ مەدەنىيىتىمىز ياخشى تەشۋىق قىلىمىساق مىللي مەدەنىيىتىمىزمۇ ئىز باسارسىز قىلىشى مۇمكىن.چۈنكى كىتاپلىرىمىز كىتاپ جازىللىرىدا تۇلۇق تۇرۇقلۇق، ئۇنى ئوقۇشقا ھىرىسمەن كىشللىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنى ئوقۇيالمىساق ۋە ئوقۇتالمىساق بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلۇق ئىش بولىدۇ!!! ئۆزىمىز ھەققىدە يىزىلغان كىتاپلارنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىمىز تەرىپىدىن ئوقۇشىسز قالماسلىقى بىز ئۈچۈن ئەڭ باھادىر ئىش.شۇڭا بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىدۇق. بىز ئىزچىل قوللىشىڭلارغا مۇھتاج !!
پائالىيەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە بىزگە كىتاپ ئىئانە قىلغان ئورۇن ۋە سەخسلەرنىڭ ئىسىملىكى تور ،تىلغۇن،چ چ ، ئۇندىدار،مىكرو بىلوگ قاتارلىقلارغا يوللىنىدۇ. پۇل ئەۋەتكۈچىلار ئۆزلىرى تەۋسىيە قىلغان كىتاپلار ئىلىنىدۇ ياكى ئەڭ نادىر ئۇيغۇر تارىخى رۇمانلىرى سېتىۋلىنىدۇ. ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىسىمى كىتاپ ئىچىگە بىسىلىدۇ ۋە مەكتەپنىڭ ئىككى خىل ژورنىلى،مەكتەپ چىقارغان خەيرىلىك سەھەر ناملىق پىلاستىنكا سوۋغا قىلىنىدۇ،ئەگەر بىزنى ئاز-تولا قولاپ قويىساڭلار بۇ قېتىمىقى دۇنيا كىتاپ ئوقۇش بايرىمىنى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن بولاتتۇق.ساۋاپلىق ئىش مەخپى قالمىسۇن...
مىللىتىمىزنىڭ ساپاسى ئۈچۈن بۇ خەۋەرنى QQ  ،ئۇندىدار توپلىرىغا ، كىتاپخانا خۇجايىنىلىرىغا،ئەتىراپىڭلاردىكى كىشلەرگە يەتكۈزۈپ قويساڭلار!
كىتاپ فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى : رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ
تىلغۇن :13899198079          肉孜买买提              پوچتا نومۇرى: 844006    岳普湖县第三中学         

يۇپۇرغا ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپ

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-8 12:52:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيىتى زور بولغان خالىس پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋېتىپسىز. ئۆتكەن يىلىدىكى پائالىيەتتىمۇ شۇنداق ياخشى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. مىنىڭچە بۇ فوندنى قوللايدىغانلار چۇقۇم كۆپ چىقىدۇ .مەنمۇ بىر يۈرۈش كىتاب ئىئانە قىلىمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش