ئۇنۇتماڭ ، سىز دېگەن ئوقۇتقۇچى
رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ (يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپ)
ھەر قېتىم ئوقۇتقۇچىلار،مائارىپ ھەققىدە ماقالە يىزىۋاتقىنىمدا«مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇتقۇچىلار كۆرسە نىمە دەر،مىنىڭ مەخسىتىم ھەققىدە خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قالارمۇ؟»دىگەن تەشۋىشلىك خىياللار كاللامدىن كىچىدۇ.چۈنكى ھەر ئايلىق«شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بىر ھەپتە ئىچىدە مەكتىپىمىزدە ژورنالغا بىسىلغان ماقالىلەر ھەققىدە غۇلغۇلا بولۇپ كىتىدۇ، ئۇنىڭ مۇنازىرىسى تاكى يەنە بىر يىڭى سان ژورنال قولىمىزغا تەككۈچە ئۈزۈلمەيدۇ.مۈنبەردە قان-تەر ئاققۇزىۋاتقىنىنى ئاز دەپ مىللەت مائارىپى ئۈچۈن قولغا قەلەم ئالغان يازغۇچى ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ ئۆزلىكىمىز ھەققىدە،مىللى مائارىپىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش ئىشقىدا ئىزدىنىپ يازغان ۋە قىسمەنلىرىمىزنىڭ تۈزىتىۋىلىشىغا تىگىشلىك جايلىرى كۆرسىتىلگەن ماقالىلەر خىلى كۆپ ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشسىمۇ يەنە قىسمەن ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ ئىدىيسىدىن ئۆتمەيدۇ. ئۇلار ئاپتۇرلارغا خاپا بولۇپ«بىزنى كەم سۇندۇرۇپتۇ،ئۆزىمۇ ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاياشى بولماي بىزگە تىل تەككۈزۇپتۇ»دەپ مۇنازىرىدە كايىشىدۇ. شۇنداق ئىكەن ماقالە يازغان ۋاقتىمدا مەنمۇ ئەشۇ خىل تۈزۈتىش تەرەپتارىدا بولۇشتىن قۇتىلالمىغاچقا بەزى گەپلىرىمنى ئىيتايمۇ،ئىيتمايمۇ دەپ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالىمەن.ئەمما ۋىجدانى تۇيغۇم ئوي-خىياللىرىمىنىڭ ئىچمىدە قالماي سىرىتقا چىقىپ كىتىشى ئۈچۈن تىنىمسىز تىپىرلاپ مىنى قىينايدۇ.چۈنكى ھەممىمىز مۇشۇنداق ئاز- ئازدىن كۆرسىتىپ ياخشىلاپ تۇرمىساق قىسمەن ئەھۋاللار بەكلا ئەۋجەپ دائىرىسى كىڭىيىپ،رايۇنلۇشۇپ كىتىدىغاندەك،تۇيغۇمدا ھامان بىر كىملەرنىڭ ئۇ تەرەپلىرىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرىشى زۆرۈرىيەتتەك ئويلاپ قالىمەن.چۈنكى ئەينىكىمىز بولغاندىلا ئاندىن يۈزىمىزدىكى كىر-داغلارنى ئەينەن كۆرەلەيمىز ئەمەسمۇ؟قانداقلا بولمىسۇن،قەلبىمىدە كەسىپداشلىرىمىنى ژورنال ئارقىلىق «قامچىلاش» مەخسىتىم بولمىسمۇ ھەر دائىم تۈزىلىش،تۈزىتىش ئىرادەم كۈچلۈك،مىللىتىمىز مائارىپى يۈكسەلسىكەن دىگەن ئىتقادىم چىڭ بولغانلىقتىن قۇلۇمغا قەلەم ئالىدىغانلىقىم ئېنىق. شۇنداق ئالى مەخسەتلەرنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئەمدىلا قۇلۇمغا قەلەم ئالاي دەپ تۇرغان يازنىڭ بىر كۈنى شاڭخەي بوشىكەي ئىنىستىتوتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان چەتئەللىك ئوتقۇچىلارنىڭ قەشقەردە ئىنىگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىللىرىنى ئوقۇتۇش مىتوتى بويىنچە قىسقا مۇدەتلىك تەربىيەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋىلىپ بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتتىم.چۈنكى مەكتەپلەرنىڭ ئىنىگىلىزتىلى ئوقۇتۇشىغا ئانچە كۆڭۈل بولۇپ كەتمەيۋاتقانلىقىدىن قاخشاپ تۇرغان،ئۈگەنگەنلىرىم ئونتۇلۇپ قالارمۇ دەپ تەشۋىش يىگەن مەندەك كەسپى ئىنىگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى ئۈچۈن بۇ تىپىلغۇسىز پۇرسەت بولۇپ تىلەپمۇ ئاسان قولغا كەلتۈرگىلى بولمايتى.ئەمما شۇ مەزگىللەردە قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى ۋاقتىلىق تىنىچ بولمىغاچقا باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ تەربىيەلەش نوقتىسى قىلىپ بىكىتىلگەن مەكتەپتىكى بۇرۇنلا باشلىنىپ بولغان كۇرۇسلارمۇ بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپتۇ.دەرس باشلايدىغان كۈنى دەرۋازىۋەن ساپ قەشقەر تەللەپپۇزدا« كىتىڭلار،ئەمەلدىن قالدى، كىتىڭلار»دەپ بىزنى كىرىگلى قويمىدى.بۇنى ئاڭلىغان ئەتىراپىمدىكى ئۇيغۇر(كۇرسانتلارنىڭ كۆپ قىسىمى خەنزۇ ئىدى) ئوقۇتقۇچىلار«ۋاھ ،ھەجەپ ياخشى،بولسا بىر ئەمەلدىن قالسا بوپتىكەن»ديىشىتى، ئاران تەستە قولغا كىلىدىغان،ئۆتكۈزىۋىتىشكە بولمايدىغان قىممەتلىك پۇرسەت بولىشىغا قارىماي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋايساشلىرىدىن،دەرۋازىۋەننىڭ بىئەپ مۇئامىلىسىدىن ئۆمىدسىزلىنىپ تاس قالدىم دەرۋازىۋەن بىلەن تاكاللىشىپ قالغىلى. مىنى قوللايدىغان بىرمۇ ئادەم يوقتەك ئۆزۈمىنى بەكلا يىگانە ھىس قىلدىم.ئەمما ئاتايىتىن چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىۋاتسا،ئۇلار ئاللبۇرۇن قەشقەرگە كىلىپ بولغان تۇرسا كىچىككىنە ئىشىنى دەپ ئەمەلدىن قالدۇرلىشى ناتايىن دەپ ئۆزۇمگە تەسەللى بەرگەچ مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنىق گىپنى ساقلاپ تۇردۇم. بىر ھازادىن كىيىن مەسئۇل ئوقۇتقۇچى پەقەتلا ئىنىگىلىزتىلى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىنى،سىنىپلارغا كىرىپ دەرىسكە تەييارلىق قىلىشىمىزنى ئۇقتۇرغاندا ئەتىراپىمدىكلەرگە بولۇپمۇ ھىلىقى دەرۋازىۋەنگە ئالىيىپ بىر قارىۋىلىشقا ئۈلگىرىپ مەيدەمنى كېرىپ سىنىپقا ماڭدىم.ئەمما دەرىس باشلىنىپ بىر قانچە كۈندىن كىيىنلا ھىلىقى زورۇقۇشلىرىمىنىڭ ،چىچىلىشلىرىمىنىڭ تىخى ئەمدى باشلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.بۇ قىتىمقى كۇرۇسىنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى مەخسۇس قوللىغان،ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى،مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ ئويۇشتۇرغان بولۇپ كۇرسانتلارنىڭ ئوقۇش ھەققى ،ياتاق،تاماق، كىراسىغىچە ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.ئەڭ مۇھىمى كۇرسانتلارنىڭ چەتئەللىكلەرنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش مىتوتىنى ئىگەللىۋىلىشى ئاساسى نىشان ئىدى.شۇڭا بۇ پۇرسەتنى قەدىرلىمەسلىككە بولمايتى.دەرسىلەر شۇنداق كۆڭۈللۈك،مول مەزمۇنلارغا پەۋەسلىنىپ ئۆتۈلۋاتقان بولسىمۇ ئەمما كۇرسانتلارنىڭ دەرىسكە كىچىكىشى بەكلا ئىغىر ئىدى،تىخى دەرىسكە كەلمەيدىغانلارمۇ خىلى بار بولۇپ كەلسىمۇ ئارقا تەرەپكە بىرىۋىلىپ ئۇيقىنى باشلايتى.مەن تۇنۇيدىغان بىر ئوقۇتقۇچى بىر كۈن كىچىكىپ كەلگىنى يەتمىگەندەك،تىزىملىتىۋىتىپلا ياتاققا كىرىۋىلىپ ئەتە ئوقۇش تۈگەيدۇ دىگەن كۈنى ياتاقتىن چىقتى.بۇلارنىڭ بىر ھىسابتا ئۆز ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ كولدۇرلىشىدىن ئەھمىيەتلىك ئورۇندا ئەھمىيەتسىز كىتىپ بارغان ۋاقتىغا،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ چەتئەللىكلەرگە رايۇنىمىز ۋە ئوقۇتقۇچىللىرىمىز ھەققىدە بىرىۋاتقان سەلبى تەسىردىن ئىچىناتتىم.بۇلارنى كۆرۇپ «خەق بىلەن نىمە كارىم ،ئۆزۈمىنىڭ ئوقۇشىنى ياخشى ئوقۇي»دەپ ئويلىدىميۇ ئەمما شۇنداق قىلىشقا ۋىجدانىم بوي بەرمىدى.چۈنكى ئەل سۆيگەن،ئەلنىمۇ سۆيگەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال چوقۇم ياخشى بىر ئۈگۈنگۈچى بولۇش ئەڭ ئەقەللى تەلەپ.تىرىشچان ئىزدەنگۈچى بولۇش ئىلىم ئوقۇتۇپ كۈن كەچۈرىدىغانلار ئۈچۈن ھالاكەتتىن ساقلىغۇچى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىمىنى ماس ھالدا يىلسىرى تولۇقلاپ زورايتىش شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدىغان،دەۋىرگە ماسلاشتۇرىدىغان مۇھىم ئۈتكەل.ئەلۋەتتە خىزمىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى ئۇلارنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىغا سۇسلۇق كاتالىزاتۇرلىقىنى بىرىۋاتقان مۇھىم كوزۇرى بولىشى مۈمكىن. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇنچە ئەۋزەل ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلىمەي لاغايلاپ يۇرىشى، دەرىس ئۆتمىسە دەپ كۆپرەك بىكار ۋاقىت تەلەپ قىلىشى،شۇ بىكار ۋاقىتنىمۇ ئازىراق مەنىلارغا،كىچىككىنە ئەھمىيەتلەرگە سەرىپ ئەتمەسلىكى، ئەڭ گەۋدىلىكى خىزمىتى بار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەسلىكى ئەسلىنى ئۇنىتىۋاتقان قىسمەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھەققىدە مىنى يەنە بىر قىتىم ئىزتىراپلىق ئويلىنىپ بىقىشقا دەۋەت قىلىدى. ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانى بىرىش جەريانىدا تۇنۇشقان بىر كەسىپدىشىم بار ئىدى، ئۇنىڭ ئىيىتىپ بىرىشىچە يىقىندا ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ شىتات خىزمىتىنى قىلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يول-يۇرىقىغا ئاساسەن ئىمتىھان ئىلىپ يىزىغا چۈشۈرۇش گىپى چىقىپتىكەن،ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىچە چىېچىلىپ،باشقىلارغا ئورۇنسىز ئاچچقلاپ،خىزمەت ئورۇنلىرىنى بىر-بىردىن قىزغىنىشپتۇ.ئۇ مەكتەپتە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئالاھىدە شىتات ئىمتىھانى ئارقىلىق تولۇقلۇنۇپ يۇرت ئاتلاپ كىلىپ ئىشلەۋەتقان 15 نەپەر ئوقۇتقۇچى بار ئىكەن،مائارىپ ئىدارىسى«بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىمتىھانغا قاتناشتۇرساق بولمايدۇ،بۇلار رىقابەت ئارقىلىق تاللىنىپ كەلگەن،ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ھۆججىتىگە ئاساسەن يىزىلاردا ئۈچ يىل چىنىقىپ ئەمدى مەكتىپىمىزگە كەلدى،ئۇلارنى يەنە يىزىغا چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ»دەپ ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەن ، يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن چىقمىغان گەپ قالماپتۇ،ئۇلارنى تىللاپ، قارغاپتۇ،ھەتتا يۈزلىرىگە تۈكۈرۈشكە تاس-تاماس قاپتۇ.گەرچە ئۇلاردا ھىچقانداق گۇناھ بولمىسىمۇ ئۇلار شۇ بىر كۈننى كەلمىگەن تەرەتنى زورلاپ كەلتۇرۈپ ھاجەتخانىغا بارغانلىق بولۇپ مىڭ تەستە كەچ قىپتۇ.ھەمدە بۇ يەرگە كەپ قالغىنىغا پۇشايمان يەپمۇ قېلىشىپتۇ.شۇنچىۋالا ئىقدىدارى تۇرۇپ،مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرىمىز دىگەن يۈكسەك مەخسەتتە جان پىدالاپ ئىشلەۋاتسىمۇ كەمسىتىلگىنىگە، يەكلەنگىنىگە كۆڭلى بەكلا پۇچىلىنىپتۇ.ئۇلار ئوتقۇيرۇق بىر قانچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپنى«تىگاڭلار ،特岗»غا(ئالاھىدە شىتاتلىقلار)تاشلاپ بىرىپ چىقىپ كىتىمىز دىگەنلىرىنى ئاڭلىغىنىدا مەكتەپ رەھبەرلىكىگە دەپ ئۆزلىرىنىمۇ ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇشىنى چىڭ تۇرۇپ تەلەپ قىلغان بولسىمۇ مائارىپ ئىدارىسى قوشۇلماپتۇ. تىخى ئىمتىھان ئىلىنماستىلا بولىۋاتقان جەڭگە-جىدەلدىن ئۇلار ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ روھيىتىدىكى رىقابەت ئىڭىنىڭ شۇقەدەر سۇسلىقىنى،تۆمۈر تاۋاققا ئاسان ئېرىشىپ قېلىشنىڭ ئۇلارنى كاردىن چىقارغانلىقىنى ھىس قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىڭبىر جاپادا ئىمتھاندىن ئۆتكەن جەريانلىرىنى ئويلاپ كۆڭلى بۇزۇلۇپتۇ.ھەتتا«بىرلىگۈچە يۇرتىڭلاردىن كۈدە-كۆرپەڭلارنى ئەكىلىپ يېىتىۋىلىشساڭ بولمامدۇ» دىگەندەك زەھەرلىك گەپلەرنى ئىشىتكەن ۋاقتىدىمۇ لەۋلىرىنى قانىغۇدەك چىشلەپ دەردىنى تۈكۈرىكىگە قوشۇپ ئىچىگە يۈتۈشكە مەجبۇر بوپتۇ.چۈنكى يەۋاتقىنى شۇ يەرنىڭ تۇزى بولغاچقا چىش يىرىپ بىر نىمە دىيەلمەپتۇ.يىرقتىن كىلىپ جاپادا قىلىڭ بىر،باشقىلارنىڭ ھاقارىتىنى ئاڭلاڭ بىر...دىگەنلەر ياغاچ ئىچىگە كىرىۋالغان قۇرۇتتەك ئۇلارنىڭ قەلبىنى تىنىمىسىز غاجىلاپ بىر قانچە كۈنگىچە قولى ئىشقا بارماپتۇ.شۇنداق قىلىپ مائارىپ ئىدارسى بىر كۈنىدىلا ئىمتىھان ئىلىپ ئۆتەلمىگەنلەرنى يىزىغا ئەۋەتىۋىتىپتۇ.خۇددى ھازىرلا خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك ئەسكى مىجەزى ۋە خۇيىنى ئۇلارغا كۆرسەتكەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار يەنە مەكتەپتە قېلىپ ئۇلار بىلەن نورمال سالام–ساھەت قىلىشىپ ئىشلەپ كىتىشىپتۇ. مەنمۇ يۇرت ئاتلاپ كىلىپ ئىشلەۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچى بولغاچقا شۇ گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ئۇلاردىن ھەجەپ بىرەر ئوقۇتقۇچى ۋىجدانىنى سىلاپ تۇرۇپ«توۋا، مۇشۇلارمۇ شۇنچە يىراقتىن كىلىپ جاپادا يۇرتىمىز ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇۋاتسا،ئوت ئۈستىگە ياغ سەپكەندەك بىز نىمداق قاملاشمىغان سەت قىلىق قىلىمىز.بوپتۇ ئىشلىسەك ئۆزىمىزنىڭ يۇرتى،پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئىشلەيدىكەنمىز» دىمەپتۇ يا دەپ ئويلاپ قالدىم.ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە يۈز بەرگەن ئىش ئۇلارنى تىخىمۇ ئازاپلاپتۇ. يۇقىردىن ئاساسى قاتلامدا(يىزىلاردا) ئىشلەۋاتقانلارغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىلغان بولۇپ ئەينى چاغدا نىمىشقا يىزىغا بارىدىكەنمىز دەپ بەكرەك چىچاڭشىغان بىر قانچە ئوقۇتقۇچى بۇنى ئاڭلاپ «ئەمدى رەھبەرلەرگە دەپ يىزىغا چۈشۈپ كەتمىسەك بولمىدى»دەپ ئولتۇرالماي قاپتۇ. دىمەك،بىز قىزغىنغان،بىز تالاشقان ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى دەل مۇشۇ ئىدى،مەن يۇقارقى ئىشتىن شۇلارنى خىيال قىلدىم.ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىڭىزنى باشقىلاردىن قىزغىنىدىغان ئادەم ناھيىنىڭ باللىرىنى ئوقۇتىمەن،يىزىنىڭ باللىرىنى ئوقۇتمايمەن دىمەسلىكىڭىز كىرەك ئىدى، چۈنكى ئىسىڭىزدىن كۆتۈرلۈپ قالغان چېغى، ئوقۇتۇۋاتقىنىڭىز خەلق ئوقۇغۇچىللىرى،ئۆزىڭىزنىڭ كىندىكداشلىرى،قانداشلىرى. ئۆزىڭىز بولسىڭىز خەلق ئوقۇتقۇچىسى.ئەگەر يىزىدا ئىشلىمەيمەن،ناھىيدە ئىشلەيمەن دەپ چۆجە-خورازلاردەك قىزىرىشقان شۇ چاغدىكى ھالىتىڭىزنى قەلبىدە ئوقۇتقۇچى بولۇشقا ئوتلۇق ئىشتىياق باغلىغان ئوقۇغۇچىللىرىڭىز كۆرسە قانداق ھىسىياتتا بولار؟ يامان تەسىرىڭىز ئۇلارغا نىملەرنى ئويلاتقۇزۇپ ،ئوتلۇق ھەۋىسدە قايمۇقۇش پەيدا قىلىپ قويماسمۇ؟ ھەممىمىزنىڭكىگە ئوخشاش بىر مىڭىسى، ئىككىدىن كۆز،قۇلىقى،قول-پۇتلىرى بارلارمۇ شۇنچە يىراقلاردىن كىلىپ ئىشلەۋاتسا ئەجەبا بىر رايۇننىڭ ئىچىدىكى يۇرتداشلىرىڭىزنى پاتۇرمامسىز؟ باشقىلار سىزنىڭ يۇرتىڭىزدا ئىشلەشىنى خالايدىكەن،ئەجىبا سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۇرتىدا،يەنە كىلىپ ئۆيىڭىزدىن ناھايىتى كەتسە يىرىم سائەت يىراقلىقتىكى يىزىدا ئىشلەشنى خالىمامسىز؟شۇنى ئۇنۇتماسلىقىڭىز كىرەككى ئوقۇغۇچىلار نەدە بىزگە ئھتىياجلىق بولىدىكەن،بىز شۇ يەرگە تەييار بولىشىمىز كىرەك.شۇندىلا ئۆز ۋىجدانىمىزغا، كەسپىمىزگە،ئەۋلادلارغا يۈز كىلەلەيمىز. ئىلگىركى مەكتەپ مۇدىرنىڭ مۇنۇ گەپلىرى يادىمدىن پەقەت چىقمايتى. «ئوقۇغۇچىنىڭ بولىشى سىزنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرىۋاتقانلىقىڭىزنىڭ ئاساسى. ئوقۇغۇچى بولمايدىكەن،سىزنىڭ ھازىرقىدەك يۈرەلىشىڭىز ناتايىن،شۇڭا ئانچە- مۇنچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىشىنى سىلاپ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرايلى.»بۇ ئالدىن كۆرەر مۇدىرىمىزنىڭ دىگىنىدەك بىر قانچە يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازلاپ بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ ئارتۇق ئوقۇتقۇچى يىزىلارغا ئەۋەتلىدى.قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كەلمەسلىكى،ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا مەكتەپلەرگە يۆتكىلىشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ھازىر بىز ئوقۇغۇچىلارغا زار بولىۋاتىمىز...بىر چاغلاردا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى سانى ئارتىپ كەتكەندە قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار ياتاق باشقۇرۇش دىگەندەك ئارقا سەپتىكى خىزمەتكە چىقىۋىلىش ئۈچۈن كۈندە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىشىنى ئاغرىتىپ تۈرلۈك باھانە سەۋەپلەرنى دەستەك قىلىپ ئۆزلىرىنى مەكتەپنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتىگە ئۇرۇشقانىدى.ئارىدىن بىر قانچە يىللار ئۆتۈپ ئۈنۈم قۇرلىشى يولغا قۇيۇلۇپ مۇنبەرنى تاشلىمىغانلار ھەقىقي ئالقىشقا ۋە نەپكە ئىرىشىۋىدى،ئۇلار مۇنبەرنى تاشلىغانلىقىنىڭ زىيىنىنى چوڭ تارتىپ يەنە مۇنبەرلەرنى تالاشتى.ئۇنىڭدىن باشقا جەمئىيىتىمىزدە قىسمەن ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ بالدۇرراق پىنسىيەگە چىقىۋىلىش كويىدا قاتىراۋاتقان، ھىلىمەممۇ پۇرسەت بولسىلا مەكتەپنىڭ يىنىكرەك خىزمەتكە ئۆزىنى ئۇرىۋاتقان،ئۆزىگە 10 نەچچە يىل ئاش–تۇزىنى تىتىتقان مۇنبەردىن ۋاز كىچىشكە تىركىشۋاتقان،بالدۇرلا يول مىڭىپ ئوقۇتقۇچىلىق سىپىدىن چىكىنىشكە ئۇرنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىللىرىمىز كىينكى تەسىرىنى ئويلاشماي باشقىلاغا كۆرسىتىۋاتقان سەرخىل كارتىنىللىرى خەلقىمىزنىڭ كۆزىدىلا ئەمەس قەلبىدىمۇ قېتىشقا باشلىدى.بەلكىم، ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق سەۋەبى باردۇر،مەكتەپتىكى قىسمەن ئەمەلدارچاقلارنىڭ ئۇلارنى ئايىماسلىقى، ھوقۇقىنى پەش قىلىشى،ئۇلارغا ئۆزىدىن چوڭ-كىچىك،يۇقىرى تۈۋەننىڭ ئۆزگىرىۋاتقان مۇئامىلىسى، ئۇلارنى ئەتىۋارلىماسلىقى،ئۆزى ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ قول شىلتىپ بۇيرۇقۋازلىق قىلىشى تەبىئىلا ئۇلاردا مەكتەپتىن بىزار بولۇپ بۇ قورغاندىن تىزراق چىقىۋىلىش ئويىنى تۇغدۇرغان بولىشى مۈمكىن.ئەمما مۇشۇ كەسىپىنىڭ نىنىنى يىگەن ۋە يەۋاتقاندىكىيىن مەيلى قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئوقۇتقۇچى بولىدىكەنمىز مۇنبەرنى تاشلاشقا،ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىشكە بولمايدۇ.ھىيىت پەتىسى جەريانىدا 70ياشتىن ئاشقان بىر پىنىسىيەدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ «مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن مىنى بالدۇر پىنىسىيەگە چىقىرىۋەتتى،مىنىڭ ھازىرمۇ مۇنبەردە دەرىس ئۆتكۈم ۋە ئۆتكۈچىلىكىم بار ئىدى»دىگىنىنى ئاڭلاپ بەكمۇ قايىل بولدۇم.دىمەك ،مۇنبەرنى تاشلىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى يەنى مۇنبەردىكى ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ شەرەپلىك مەسئۇلىيەت ۋە ھۇقۇق مەجبۇرىيىتىڭىزنى رەھىمسىزلەرچە بوغۇپ تاشلىغىنىڭىزدۇر.كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماددى نەرسىلەرنى قوغلىشىپ كۆپ پۇللۇق ئورۇنلارغا ھەۋەسلىنىدىغان،تەلمۈرىدىغان بولۇپ قىلىشى،قىسمەنلەرنىڭ شىركەتلەرگە ئالماشقانلىقى،ئادەم باشقۇرۇش خۇمارى كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق تەمەسىدە كىرمىگەن كوچىسىنىڭ ،قاتىرىمىغان يولىنىڭ قالماسلىقى،قىسمەن مەكتەپلەردە تۈرلۈك يوغان سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ خىزمەتكە كەلمەي مۇئاش ئالىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن ئانچە-مۇنچىسىنىڭ بارلىقى ماھىيەتتە شۇلارنىڭ قەلبىدە ئىلگىرى مەزكۇر كەسىپكە چالا-بۇلا يىلىنچىغان ئوتسىز ئىشتىياقىنىڭ پۇل-مالنى كۆرۇش بىلەنلا سۇسلاپ ئۆچۈشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىندۇر،قەلبىنى مىللەتنىڭ كىلەچەكلىرىگە ئۆزىنى بىغىشلاش ئەمەس پۇل-پۈچەكتىن ئىبارەت قارا قول مۇجۇپ پۈچەكلەشتۇرىۋىتىۋاتقانلىقىدىندۇر.ئوقۇتقۇچىلار بىر يەرگە يىغىلىپ پاراڭلىشىپ تۇرغان بىر كۈنى بىر ئوقۇتقۇچىمىز ئەسكى تامادىن ھۇشۇ چىققاندەكلا«مەكتەپكە كىلىشىتىكى مەخسەت قورساق بىقىش ئۈچۈن،ئەگەر مۇئاش بەرمىسە بىرمۇ ئادەم مەكتەپكە كەلمەيدۇ»دىۋىدى باشقا ئوقۇتقۇچىلار بەس-بەستە پىكىر قاتناشتۇرۇپ ئۇنىڭ گىپىنى قۇۋەتلىدى. مەن سۈكۈت ئىچىدە تۇردۇم،چۈنكى مىنىڭ قارىشىم ئۇلارنىڭكىدىن پەرقلىنەتتى.بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر قانچە قىز ئسىتودىنت ئايدا بىرىدىغان 300يۈەن پۇلىدىن ئارتۇق كىرا تۆلەپ ئۆيدىن مەكتەپكە قاتناپ ئىشلەپ تۇرغانتى،ئەمما قورسىقىنىڭ تويغىنىدىن توپاقتەك سەمىرىپ كەتكەن كۆزى تويماس مەكتەپ مۇدىرى «ئەگەر بىكارغا ئىشلەپ بەرسەڭلار كىلىڭلار، بولمىسا بىز سىلەرنى چاقىرىپ كەلمىدۇق» دەپ 300يۈەننىمۇ بىرىشكە ئىچى ئاغرىغاندا بىر قانچە كۈن ئۆيىدە تۇرۇپ قالغان قىزلار يەنىلا «بىكارغا بولسىمۇ ئىشلەپ تۇرايلى،بالىلارغا كۆزىمىز قىيمىدى، ئۆگەنگەنلىرىمىز ئۇنتۇلۇپ قالمايدىكەن»دەپ بىكارغا ئىشلەشنى تالاشقانلىق مەنزىرىسىنى ئۆز كۈزۇم بىلەن كۆرۇپ تۇرغاچقا بەكلا تەسىرلەنگەن ئىدىم.شۇڭا يىنىمىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا «مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئويلاپ بىكارغا بولسىمۇ ئىشلەيدىغان ۋىجدانلىقلار يەنىلا قوشۇنىمىزدىن تېپىلىدۇ»دەپ بۇ ھىكايىنى ئىيتىپ بىرىشىنى ئويلاشتىميۇ، بىراق، بىر ئادەم ئوخشىمغان بىر پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بولغۇچە تەڭلا شاڭخو قىلىپ تالاپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئاغزىمىنى شۈك قىلدىم. مەن تۇنۇيدىغان بىر ئىلىمى مۇدىر بار،ئۇنى بارلىقىنى پۈتۈنلەي مائارىپقا ئاتىۋەتكەن دىسەك تىخى كەم بولۇپ قالىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ كىچە –كۈندۈز ئويلايدىغىنى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى،ئوقۇتۇش سۈپىتى.ئوقۇتقۇچى خۇشال بولسا ئۇمۇ خۇشال بولىدۇ.مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردىن ئوقۇغۇچىلار شاتلىققا چۈمۈلسە ئۇمۇ سۆيىنىپ پىلانى ۋە ئىرادىسى تىخىىمۇ موللايدۇ.«بۈگۈن مەكتىپىمىز باللارغا قانچىلىك بىلىم ۋە شاتلىق ئاتا قىلىدى؟»دىگەن سۇئال ئۇنىڭ ھەركۈنى ئىشتىن چۈشكەندە ئۆزىدىن سورايدىغان سۇئالى.ئىشتىن چۈشۈپلا يىرىم سائەتتىن كىيىن ئۇنى يەنە مەكتەپتە كۆرگىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ كىچە ئىشلەپ قاچاندا ئۆيىگە قايتىدىغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.سەھەردىمۇ ئەڭ بالدۇر مەكتەپكە چىقىدىغىنى يەنىلا ئۇ.شەنبە-يەكشەنبىلەردە باشقا ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپتە ئۇچىرتىش نورمالسىزلىق بولغان بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن نورمال ئىش.ئۇنىڭ بىر كىچىك خاتىرىسى بولۇپ ئەتىسى قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىن يىزىۋالاتتى،ھەركۈنى كەچتە شۇ ئىشلارنىڭ قىلىنىپ بولغانلىرىغا بەلگە ئۇرۇپ ماڭاتتى.مىنىڭچە ئۇنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىشى ھەققى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ۋاقىتنى قەدىرلەش مەيلى مەكتەپتە،مەيلى ئارام ئىلىشلاردا بولسۇن ھەققى يىتىشكەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ خاراكتىرىگە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ.ھەر شەنبە ، يەكشەنبە كەلگەندە باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاشلا خۇشال بولىمەن.سەۋەبى مۇشۇ ئىككى كۈندىن پايدىلىنىپ مەكتەپتە تۈگىتەلمىگەن ئىشلىرىمىنى قىلىۋىلىش بىلەن بىرگە ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئۇل سىلىۋىلىش شۇنداقلا يىزىقچىلىق ئىشلىرىمىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ تۈگىتىۋىلىش ئۈچۈن.كۆپىنىچە ھاللاردا پىلانلىغان ئىشىم كۆپ بولۇپ قېلىپ ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى يەتمەي قالىدۇ. ئادەتتە ئۆيۈم مەكتەپ ئالدىدا بولغاچقا ئەتىلىك ئىشلارنىڭ تەييارلىقىنى كەچتە قىلىۋىلىش ئادىتىم بار ئىدى.شۇڭا كەچتە مۇزاكىرە يىتەكچىسى بولمىساممۇ مەكتەپكە چىقىش ئادىتىمگە ئايلىنىپ كەتتى.شۇنداق ئىكەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر ھالدا بىرەر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاچ ھاردۇقىنى ئالىدىغان شەنبە، يەكشەنبىسى،يىلدا ئىككى قىتىم تەتىلى بار بولغاچقا خىزمەتداشلىرىمىنىڭ مەمۇرىي ئورۇنغا يۈتكىلىپ كىتىش توغرىسدىكى ۋەز-نەسىھەتلىرى مىنى قىزىقتۇرالمايدۇ.ئۆزۈمىنىڭ كەلگۈسى پىلانىدا مۇشۇ سەپتىن ئايرىلماي مەڭگۈ ئىشلگۈم بار.ھەر بىر مىنوت ۋاقىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن قەدىرلەش، ئۆزىنى ھەقىقى بىر ئوقۇتقۇچى دەپ بىلىدىغان ھىلىقى ئىلىمى مۇدىردەك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىزگە بىرىدىغان ئۆزگىچە تەسىرى.ئۇنداقتا قەدىرلىك ئوقۇتقۇچى ئويلىنىپ بىقىڭ،سىزنىڭ ھەققى بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىڭىز، ئۆزلىكىڭىز يادىڭىزدا بارمىكىن قانداق؟ ئۆتكەندە مەكتىپىمىزگە ئىچكىردە ئوقۇشقا ئىككى سان كىلىپ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ ئوقۇشقا بارىدىغان ئادەم چىقماي مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاچىچقلانغانلىقى يادىمدا تۇرۇپتۇ.شۇ چاغدا مەن شۇنداق ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ ئوقۇشقا بارىدىغان كەسىپ ماڭا ماس كەلمەي داغدا قالغان ئىدىم.يىقىنىقى بىر قانچە يىلدا قوش تىلدا تەربىيلەش،ئوقۇتقۇچىلارنى ئىچكىرىگە ئۈگىنىش ۋە ئىكىسكۈرسىيەگە ئەۋەتىش،ئىچكىردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش يىتەكچىسى بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە رەسىمى،ئەمەلىي تۈردە ئەھمىيەت بىرىلدى.شۇ جايلارغا بىرىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مائارىپ ۋە مەمۇرى جەھەتلەردە خىلىلا ئارقىدا قالغانلىقى،رىقابەت ئىڭىنىڭ سۇسلىقى،خىزمەت ئاكتىپچانلىق سىلىشتۇرمىسىنىڭ ئۇلارغا قارىغاندا ئاجىز ئىكەنلىكى قاتارلىق بىۋاستە ھىسلىرىنى ئىلىپ قايتىشىتى.ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيلىنىپ كىلىش ئىدىيسى تازا يۇقىرى بولمايۋاتىدۇ،كۆپ قىسىم مەكتەپلەردە مەجبۇرى ئوقۇشقا ئەۋەتىش مەسىللىرى ساقلىنىۋاتىدۇ.ئوقۇتقۇچىدا ھازىرقى رەھىمسىز رىقابەتكە تاقابىل تۇرىدىغان ئىزدىنىش روھى ۋە بىلىمىنى يىلىسىرى يىڭىلاپ تۇرىدىغان روھنىڭ بولىشى تولىمۇ مۇھىم . ئۇنداقتا قەدىرلىك ئۇستاز،ئۆزىڭىزنى ھازىرقى رىقابەتنىڭ تارازىسىغا سېلىپ بىقىڭ،سىز دەۋرىمىز بىلەن تەڭ مىڭىۋاتامسىز ياكى كەينىدە قېلىۋاتامسىز؟ مەن ئىزچىل چەتئەللىكلەرنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگىلى 12يىل بوپتۇ،بۇ جەرياندا 15 چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىمنى ئاپتىمەن. چەتئەللىكلەرنىڭ ۋاقىت قارشى، ۋاقىتنى قەدىرلىشى،ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىشى گەرچە گىزىت- ژورنال، رادىئو- تېلىۋىزىيە، ئىشقىلىپ بارلىق مىدىيە ۋاستىللىرىدا توختاۋسىز تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ بىزنىڭ ئۇلارنى دوراپ بولىشىمىز خىلى بىر مەزگىللىك ئىش ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن.بولۇپمۇ ماڭا ئۇلارنىڭ ۋاقىتقا ساختىلىق قىلماسلىقى،كەسپىنى جىنىدىن ئەۋزەل كۆرىشى ئىزچىل تەسىر قىلىپ كەلدى.ئۇلار مەيلى قانداق كۈن بولىشىدىن قەتئىنەزەر دەرىسكە ئىككى مىنۇت قالغاندا يەردىن ئۈنگەندەكلا سىنىپ ئالدىغا تەييار بولاتتى.ھەرقاچان ئۇلارنىڭ سومكىسىدن بىر پارچىدىن كىتاپ ياكى گىزىت ئۈزۈلمەيتى.ئىلىمگە ھۆرمەت قىلاتتى،بىزنىڭ ئوخشىمايدىغان پىكىرلىرىمىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلمايتى ۋە يىڭىچە تەرەپلىرىنى خاتىرىلۋالاتتى.ھەر بىر سائەتلىك دەرىستە كەم دىگەندە ئىككىدىن دەرىس مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيۇن ئوينىتاتتى. دەرىسىنى ئەستايىدىل، قىزىقارلىق ئۆتۈشىنى ئۆزىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى ۋە مەسئۇلىيتى دەپ قاراپ قىلچە بىخەستەلىك قىلمايتى،تەييارلىقىسىز دەرىس سۆزلىمەيتى. شۇنداقلا دەرىس ئۆتۈشىنى ئۆزىنىڭ بىر تۈرلۈك قىزىقىشىغا ئايلاندۇرىۋىلىپ ئۇنىڭىدىن خۇشاللىق تېپىشقا ماھىر ئىدى.مەيلى قانداق ئىش قىلىشدىن قەتئىنەزەر شۇ ئىشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا شۇ قىلغان ئىشىدىن خۇشاللىق ئىزدەشىنى مەخسەت قىلاتتى.ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقى، نىمە قىلماقچى بولغانلىقى، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ نىمە بولىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتى.ھەر ۋاقىت ئۆزىنى شۇ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئەھلى دەپ قارايتى ياكى شۇ ئىشىنىڭ ئەھلى بۇلالىشىغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ ياشايتى. بىر كۈنى كەچتە كەچلىك مۇزاكىرە دىسە ئالدىراپ كەپكەتمەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچى«مەكتەپ دىسە جىنىڭىزنى بىرىسىز-ھە!»دىدى تەنە قىلغاندەك. ئۆز- ئۆزۈمگە سۇئال ياغدۇردۇم،ئوقۇتقۇچى خەقنىڭ مەكتەپتىن،ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا نىمىسى بار؟ئەگەر بىز مەكتەپتىن،ئەشۇ مەسۇم بالىلاردىن بالدۇرلا بىزار بولساق بىزگە مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان ئىلتىجالىق كۆزلەر،تالاي ئىلتىجالار بىلەن قوشۇنىمىزدىن زور ئۆمىدلەرنى كۈتىۋاتقان جەمىئىيەت قانداق ھالغا كەپ قالىدۇ؟بىز مەكتەپنىڭ، ئوقۇغۇچىنىڭ غىمىنى يىيىش ئارقىلىق يەۋەتقان نىنىمىزنى ھالال ھەزملىمىسەك قانداق بولىدۇ؟بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بالا تەربىيلەشلا ئەمەس جەمىئيەتنىمۇ يىتەكلەش مەسئۇلىيىتى بار ئەمەسمۇ؟مەيلى ۋاقىتنى قەدىرلەش،مەيلى تىنىمسىز ئۈگىنىش ۋە ياكى كەسىپىنى چىن دىلىدىن سۆيۈش جەھەتلەردە بولسۇن بىز باشقا ساھەدىكىلەرگە، ئۆزىمىز تەربىيەلەۋاتقان قارا كۆزلەرگە ئۈلگە بولۇپ يول باشلىشىمىز زۆرۈر ئىدى، ئەمما بىز تىخى جەمىئىيەت ئۈچۈن تۆھپە كۆرستىش ئۇياقتا تۇرسۇن كۆزى كۆزىمىزگە تىكىلىپ تۇرغان مەسۇم بالىلارنىمۇ تەستە ئويلايدىغان بولۇپ كىتىۋاتساق! ھەي، قارىغاندا مىنىڭ ھىلىقى ئىلگىركى مەكتەپ مۇدىرىمنىڭ زەنجىرسىمان ياشايسىز دىگەن تەلىماتى قىسمەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كىتىۋاتقان ئوخشايدۇ. خەلقىمىزنىڭ نەزىرىدە بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھامان ئاڭلىق، تىرىشچان، ۋاقىت قارشى ئۈستۈن،ھەربىر نەرسىنى قەدىرلەشنى بىلىدىغان، ئىسراپچىلىقىنى خالىمايدىغان،ئۈزۈكسىز ئىزدۈگۈچى،جاپادىن قورقماي ئۆز ئىتقادىدا چىڭ تۇرۇپ كەسىپنى سۆيىدىغان روھتا مەۋجۇتلىقىمىز ساقلىنىدۇ.بۇ خىل تەسىر ئەلۋەتتە كۆپ قىسىم كىشللىرىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار توپىنى ئۇزاق كۈزىتىشىنىڭ مەسئۇلى.شۇنداقلا خەلىقىمىزنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ توپتوغرا ، يۈكسەك باھاسى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خاراكتىرى يۇقارقى سۈپەتلەر بىلەن خاراكتىرلىنىپ تۈگەللەنگەچكىلا يۇقىردەك خاراكتىر ئۆزىدە مۇجەسسەم كىشلەرنى باشقىلار ئوقۇتقۇچى ئوخشايدۇ دەپ تۇنۇيدۇ. ئەمما خەلقىمىزنىڭ بىزگە بەرگەن بۇ ئىسىل، قىممەتلىك باھاسىغا مۇخالىپ ھالدا ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە رەھبەرلەر ئايدا، يىلدا بىر نەچچە نۆۋەت ھەرخىل ئۇسۇللاردا ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى سەمىگە سىلىپ تۇرمىسا ئۆزىنى بىلمەي ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشەلمەيۋاتقان قىسمەن ئوقۇتقۇچىللىرىمىز تەسىردىن خەلىقىمىزنىڭ بىزگە بەرگەن يۇقارقى بىباھ تەرىپلەشلىرىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ.مىنىڭچە ۋاقتىنى قەدىرلەش،ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈش ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جېنى.ئەمما ھەممە ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەم ۋاقتنى قەدىرلەيدىغان،ھەم ئۈگىنىشىنى بوشاشتۇرمايدىغان ،ھەم كەسىپ سۆيەر بولۇپ كىتىشى ناتايىن.بەزىلەر ۋاقتىنى قەدىرلەيدۇ،ئەمما ئۇ ۋاقتىنى ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىشقا سەرىپ ئىتىدۇ.بەزىلەر ئۆگىنىدۇ،ئەمما شەكىلگە، باشقىلارنىڭ زورى بىلەن ئۈگىنىدۇ.ئىچىدىن قايناپ ئۆگىنىدىغانلار ئاز.بەزىلەر تىرىشىپ ئىشلەيدۇ،ئەمما ئۇزۇنغا بارمايدۇ،ئىلغارلىقنى،ئۈنىۋاننى ئىلىپ بولغاندىكيىن ئۇلارنىڭ باھارنىڭ ئۆتكۈنچى يامغۇردەك قىزغىنلىقى مانا مەن دەپ ئاشكارلىنىدۇ. ئەمما بارلىقىنى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بەخىت-ئىقبالى ئۈچۈن مۇنبەردىن ئايرىلماي، بارلىق ئۈنۈملۈك تەربىيەلەرنى ئۇلاردىن ئايىماي بىغىشلاۋاتقان ئەلسۆيەر،كەسىپسۆيەر جاپاكەشلىرىمىز بۇنىڭ سىرتىدا.نىمىلا بولسۇن بىز خەلقنى،مىللەتنى،ئەۋلادلارنى توغرا يولغا يىتەكلەشتە باشقىلارغا يول باشچى بولۇپ خىزمەت قىلىشىمىز كىرەك.ئۇنداقتا ، قەدىرلىك ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى، سىزنىڭمۇ ئانچە-مۇنچە يامان تەسىرىڭىزنىڭ باشقىلاردا ئىككىلىنىش پەيدا قىلىپ قويغان تەرەپلىرى بارمۇ؟ۋاقتىڭىز بىھۇدە ئىشلارغا سەرىپ بولۇپ كىتىۋاتامدۇ- قانداق؟ئۆزىڭىزنى بىلىم ئارقىلىق كۈچلەندۈرۈش ئەمەس،يامان ھەۋەسىنىڭ قۇلى بولۇپ بىتايىن ئىشلارغا مەغۇل بولۇپ قىلىۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا ۋىجدانى تۇيغۇڭىزنى سەگىتىپ ئۆزىڭىزنى بىر دەڭسەپ كۆرۇڭ، ئەگەر قويغان دىئاگىنۇزىڭىزدا ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىڭىز باشقىلارنى ئويلاندۇرۇپ قۇيغۇدەك بولسا دەرھال ئۆزىڭىزگە قايتىڭ ياكى ئۆزىڭىزنى «ئوپراتسىيە» قىلىڭ. چۈنكى، سىز خەلقنىڭ،بىر مىللەتنىڭ يىتەكلۈگۈچىسى،يولباشچىسى،ئىلىم ئۈگەتكۈچىسى، يۈكسەك مەسئۇلىيەتنىڭ ئىجراچىسى.شۇنداق ئىكەن ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىڭىز، زىممىڭىزدىكى ۋەزىپىنىڭ ۋەزىنى ئەسلا ئىسىڭىزدىن كۆتۈرلۈپ قالمىسۇن. كەسپى ئەخلاقىڭىزنىڭ ئەڭ گۈزەل نامايەندىسى بولغان بارلىقىنى خالىس بېغىشلاشتەك تۇتىياھ روھنى ۋۇجۇدىڭىزغا مۇجەسسەملەپ ئوقۇتقۇچى دىگەن ئىلغار ئىدىيەنىڭ ئوبرازىنى مەڭگۈ پارلىتىڭ.بارلىق ئىلغارلىقىنى قاناتلاندۇرۇشتا ئۆزىڭىزنىڭ يولباشچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. |