مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 500|ئىنكاس: 13

نىمىشقا يېزا ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ روھى چۈشكۈن

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

416

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
70 سەر
تىللا
68 دانە
تۆھپە
57 سەر
شۆھرەت
66 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 20:02:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا يېزا ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ روھى  چۈشكۈن


رۇزى مۇھەممەدى تۇردى ئارتۇچ
(يوپۇرغا ناھىيلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ)


مەلۇم بىر مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىش يولى تىپىلمىغاندا ياكى ۋاقتى ئۇزىراپ كەتكەندە،شۇ ئىشىنى تاماملاش قىيىن تۇيۇلغاندا ئادەم روھى چۈشكۈنلۈككە ئۇچىرايدۇ.چوڭلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشىدىن بالىلارنىڭ چۈشكۈنلەشمىكى ھايالسىز بولىدۇ.ئادەتتە بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ ياكى ئۇستازىنىڭ ئانچىكىم خاپا ئارلاشقان سۆزىنى ئاڭلاپ قالسا ياكى ئەتىراپىدىكى مۇھىت ئۇلارغا پايدىسىز بولسا ئۆزىنى يۇقۇتۇپ باشقىلارنىڭ ئشەنچىسىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىپ ئاسانلا ئۆزىنى روھسىزلاپ قويىدۇ.شۇڭا بالىلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشىنىڭ سەۋەبىنى تىزراق تىپىپ دەل ۋاقتىدا تەدەبىرلەنمىسەك ، ناچار كەيپىياتتىكى ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسىلا ئەسلىدىكى كەيپىياتىغا قايتۇرۇش قىيىن بولۇپلا قالماي ئاقىۋىتىنىڭ يامانغا يۈزلىنىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.بۇ شۇڭلاچقىكى ھەممە ئادەم ھىسياتلىق،ھەممە ئادەم كۆڭۈلىنىڭ شاتلىقى ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ.بالىلار تىخىمۇ شۇنداق.بۇ مەنە بالىلار ئۆز دۇنيارىنىڭ تىخىمۇ كۆپ شاتلىق ۋە خۇشاللىققا،كۆڭۈل ئازادىلىكىگە چۈمۈلۈشىنى ئىستەيدىغانلىقىنى دەللەيدۇ.ئەمما بالىلار ئۆز قەلبى تەلەپ قىلغان شاتلىق ۋە مىھرى-مۇھەببەتكە ئىرىشەلمىسە ئاسانلا چۈشكۈنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ ئۆزى ئىزدىگەن،ئىنىتىلگەن نەرسىنى باشقا يولدىن،باشقا شەكىل ئارقىلىق ئىزدەشكە مەجبۇر بولۇپ يامان يول ۋە ناچار قىلمىشلارنى ئاسانلا ئۆزىگە يۇقتىرىۋالىدۇ. يىڭى خىزمەتكە چىقىپ مەن بارغان مەكتەپتىكى بىر ئىش ھەرۋاقىت مىنى ئارامسىزلايتى. يېزا بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار ئائىلە ئىشلىرىنى بىر ياقلىق قىلىشىپ بىرىپ مەكتەپكە سائەت 9،10لاردا كىلەتتى.بۇنى توغرا چۈشىنەتتىم،ئەمما كەلگەن خىلى كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار (بولۇپمۇ ئوغۇللار)دەرىسكە كىرمەي مەكتەپ قوروسىنى بويلىتىپ سېلىنغان قورشاۋ تام تۈۋىدە بىشىنى يەرگە سىلىشىپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى،بۇ ئىش ھەركۈنى تەكىرارلىناتتى.مەن ئۇلار بىلەن كۆپ قىتىم دوستانە ئەسىرالىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئائىلە ئىقتسادىنىڭ ياخشىلانمايۋاتقانلىقىدىن كۆڭلى دىلغۇلا بولۇپ دەرىسكە كىرمەيۋاتقان، ئاتا –ئانىسى ئاجىرىشىپ كىتىپ ياكى ئۆيدە جەڭگە–جىدەل قۇرىماي دەرىسكە كىرمەيۋاتقان،قىسمەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوغاق مۇئامىلىسى ياكى بەرگەن «قۇلاق چۆپى»يادىدىن كۆتىرىلمەي دەرىسكە كىرەلمەيۋاتقان،ئائىلە ئىشلىرى سەۋەپلىك مەكتەپكە كىلەلمەي يىتىشەلمىگەن دەرىسلەرنى ئۈگىنىشنىڭ بىسىم بولۇپ قىلىپ دەرىسكە كىرەلمەيۋاتقان، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئوقۇتمايمىز دەپ ناشتىلىق ئورنىغا بەرگەن دەشنىمىدىن ، ئائىلىنىڭ ئىشى ئىغىر كىلىپ مەكتەپكە يىنىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم.دەرسكە كىرىگەندە ۋە سىرتقى چاغلاردا شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە باشقا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى-سىتەملىرىگە ئىنچىكىلىك بىلەن زەن سالدىم،چۈنكى مەن ئىلگىرى شەھەردە بىر قانچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاچقا كۆڭلىمدە يېزا بىلەن شەھەر ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ روھى كەيپىياتىنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم.ئاقىۋەت مەن ئوقۇغۇچىلار روھىغا چىرمالغان بىر خىل ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز مەنىۋىي چاڭقاقلىقىنى،چۈشكۈنلىكنى،چىرايىدىن چىقىپ تۇرغان روھسىزلىق ۋە خۈنۈكلىكىنى كۆردۇم.بىر قانچە يىللار ئۆتۈپ خىزمىتىم ناھىيەگە ئالماشقاندىن كىيىنمۇ يېزا ئوقۇغۇچىللىرىدىكى ئەشۇ روھى-ھالەتلەر كۆز ئالدىمدىن نىرى كەتمەي مىنى تىنىمسىز ئۇھسىنىدۇرۇپ شۇ ھەقتە كۆپ ئىزدەندىم.مەن مەزكۈر يازمامدا يېزا ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئامال بار«ئىنچىكە»دىئاگۇنۇز قويۇشقا تىرىشتىم. يىزىلاردىكى كەسىپداشلىرىمنىڭ ئورتاقلىشىشىپ بېقىشىنى سورايمەن.

4. ئوقۇغۇچىلار كىچىك تۇرۇپلا كىلىدىغان بىسىم ھەددىدىن زىيادە ئارتىپ كەتكەن.ھەممىمىزگە مەلۇملۇق يىزىلاردا يەر كۆپ،ئەلۋەتتە ئۇ يەرلەرگە كۆپلىگەن ئەمگەك كۈچى سەرىپ قىلىپ مىھنەت قىلمىسا، ئىھتىراس بىلەن ئىتىزلارغا چىقىپ تەر تۆكمىسە ئويلىغان دارامەت قولغا كەلمەيدۇ.شۇنداق ئىكەن تىخى چىرايىدىن سەبئىيلىكى قاچمىغان،بىلى قىتىمغان،يىلىكى چىڭىمىغان بالىلار ئويناپ- كۈلۈپ يايرايدىغان شادىمان چىغىدا مەيلى خالىسۇن،خالىمسۇن قازان-قۇمۇش،كەتمەن-پالتىنىڭ پىشىنى تۇتۇپ ئىتىز-ئىرىق ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ.كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇلار پۈتىنلەي ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆزىلا ئۈستىگە ئالالايدىغان،ئاتا-ئانىلارنى ھاردۇرمايدىغان،18ياشتىن بۇرۇنلا ئائىلە ئىشلىرىغا پىشقان ئۆسمۈر دىھقانغا ئايلىنىدۇ،ئۇلار شۇ تەبىئى يۇسۇندا نۇرغۇن قارا ئەمگەك ۋە ئىشىنىڭ ھۆدىدىسىدىن چىقىشقا كۆنىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلسىرى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈز تۇتمايۋاتقان ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى قىزغىنلىقى توختاۋسىز ئۇرغۇپ تۇرغان بالىلارنى  بىشىچىلاپ شۇ ئىشقا كىرىشكە ۋە داۋاملىق ئۆزگەرمەيۋاتقان تۇرمۇش سۈپىتىگە نىسپەتەن نۇرغۇن تەگىسىز خىياللار قاينىمغا ئىتتىرىدۇ.ئۆزىدە سەل غۇرۇر يىتىلگەن بالىلار ئەشۇ ھالەتنى تىزراق ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئوقۇشىنى بىر ياققا قايرىۋىتىپ جان پىدالاشقا باشلايدۇ. قىسمەن ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلىرىنى ئامال بار ئوقماي ئۆز يىنىدا تۇرۇپ تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرنى قىلىشقا قايىل ھەم مايىل قىلىدۇ.ئۆزىدە تىخى مۇقەرەر قارار قىلىش ئىقىدارى ھازىرلانمىغان بالىلار«ئاتا-ئانام ھەرگىز خاتا گەپ قىلمايدۇ،ئۇلارنىڭ دىگىنى بويىنچە قىلسام بولغىدەك»دەپ قاراپ ئاستا-ئاستا ئوقۇشتىن ۋاز كىچىدۇ.چۈنكى ئۇلار كىچىك تۇرۇپلا بىشىغا يۈكلىنىپ قالغان ئىغىر بىسىمنى كۆتۈرەلمەي(شەھەر باللىرىدەك دوۋە-دوۋە تاپشۇرۇقلار، ئىتىز- ئىرىق ئىشى)،چۈشۈنۈكسىز سۇئاللار قاينىمدىن تىزراق قۇتۇلۇپ يا ئۇيان يا بۇيان بولۇشىنى ئويلايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەقەت مەجبۇرىيەت باسقۇچى تۈگىگىچىلا ئەپلەپ-سەپلەپ مەكتەپنى تاماملاپ ئاتا-ئانىسى كۆرسەتكەن يولىنى تاللايدۇ.شۇڭلاچقا ئادەتتە يىزىلاردا ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن تاپشۇرۇقنى سۈيلەش،ئۆتىلگەن دەرسىلەرنىڭ تەكرارىنى سىناش دىگەنلەر ئاساسەن مۇۋاپپەقىيەتلىك بىجىرلمەي كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يىزىلاردا يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئازىيىپ كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى پەقەت مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىۋالغۇچىلا داۋاملىشىدۇ. تۆۋەندە مەلۇم بىر ناھىيەنىڭ 2011- يىلدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئەھۋالغا قاراپ باقايلى:

يۇقىرىقى جەدىۋەلدىن بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يىزىغا قايتقانلىقىنى كۆرۈۋىلىپلا قالماي يەنە يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىدىمۇ بىر بۆلۈك مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بايقىۋالايمىز.دىمەك،بىر تەرەپتىن يىشىغا ماس كەلمىگەن جىسمانى ئەمگەك،يەنە بىر تەرەپتىن ئاندا-مۇندا مەكتەپكە بارماي دەرستىن كىيىن قىلىپ يىتىشەلمىگەندىكى ئۆمىدسىزلىك ئۇلار ئۈچۈن زور بىسىم بولۇپ ئۇلارنى چۈشكۈنلەشتۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزىدىن ئۈستىن كىلىپ ئۇلارنىڭ ئوقۇماسلىقىنى تاللىشغا مۇقەررەر سەۋەپ بولىدۇ.

2.ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاجىرىشىشىنىڭ ئىغىرلىقىدىن يىتىم بولۇپ كىتىۋاتقان بالىلارنىڭ كۆپلىكى.مەن بۇ ئىشىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆزۈم تەشكىللىگەن يىزىقىچىلىق كۇرسىدا بايقىدىم. كۇرجۇكىنى يىڭلا تەشىككىلەپ قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن ھازىرغىچە ئۇلارغا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر ئىش توغرۇلۇق ماقالە يىزىپ كىلڭلار دەپ ئورۇنلاشتۇرۇسام ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئاتا-ئانا ھەققىدە، يەنى ئايرىلىپ تۇرىۋاتقان،ئاجىراشقان ئاتا-ئانىللىرى تۇغرۇلۇق يىزىپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆز ياشلىرى تامغان ماقاللىرىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر باغرى تاش كىشىمۇ كۆز يىشى قىلماي قالمايتى.پىقىرمۇ بىر قانچە كۈنگىچە قايغۇرۇپ ھەم ئازاپلىنىپ يۈردۈم. دەرھەقىقەت پەرزەنت تەربىيىسدە ئائىلىنىڭ تەربىيەسىنى ۋە تەسىرىنى ھىچقانداق ئىلغار،ئۈنۈملۈك تەربىيە جەريانى باسالمايدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.شۇنداق ئىكەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر ئائىلىنى قورغاندەك مۇستەھكەم قوغدىشى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى، خاراكتىرى قاتارلىقلارنىڭ يىتىلىشىدە مۇھىم شەرىت قاتارىدا سانىلىدۇ.ئەمما يىزىلاردىكى(بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا)كونا،بالدۇر توي قىلىش ئادەتلىرى داۋاملىشىشتىن قالغىنى يوق.يەنى ئاجىرىشىش بەك ئىغىر بولغاچقا،يىتىم بالىلار خىلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ.ئىشلار مۇنداق داۋام قىلىدۇ،بالىلار يۇقىردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئوقۇماسلىقىنى، ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىشىنى قارار  قىلىپ مەكتەپتىن بىراقلا يىنىپ كىلىپ بىر يىل ئۆيىدە ئولتۇرغاندىن كىيىن قىز بالا بولسا ئىگە چىقىشقا،ئوغۇل بالا بولسا ئاتا-ئانىسى بىشىنى ئاغرىتىشقا باشلايدۇ. ئۇلار«دادىكام بىلەن ئانىكام 15يىشىمىزدا بىزنىڭ تويىمىزنى قىلىپ قويغان، سەن تىخى بىزدىن ئىككى ياش چوك بولۇپ توي قىلسەن»دەپ ئۇلارنى ئاسانلا يۇمىشىتىدۇ.ئائىلە ھەققىدە تىخى تولۇق ساۋاتقا ئىگە ئەمەس ئۇلار توي قىلغۇسى بولمىسىمۇ باش-ئاخىرىنى ئويلاشماي توي قىلىشقا قىزىقىپ قالىدۇ.بىللە ياشاشىنىڭ نىمىلكىنى،ئۆز- ئارا يول قۇيۇشىنىڭ،خۇي-پەيلىگە بىقىپ ئىش كۆرىشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتمىگەن،يۇرت ئارلىمىغان،تەجىربە-ساۋاقلىرى ۋايىغا يەتمىگەن بالىلار ئۆزى خالاپ قىلمىغان بۇ توينىڭ تۇرمۇشىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن پەقەت بىر قانچە يىلغىلا ئۇلاشتۇرالايدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا قانداق ئادەم بولشىدىن قەتئىنەزەر مەيلى ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغان بولسۇن كۆپ ئىشلاردا ئۆز خاراكتىرى بويىنچە ئىش كۆرىدۇ.ئەگەر بىر تەرەپتە يەنە بىر تەرەپنىڭ دىتىغا ياقمىغان بىرەر ئىش ياكى مىجەزى بولىدىكەن شۇ كۈندىن باشلاپ تۇرمۇشتىن رايى قايتىدۇ.چۈنكى تۇرمۇشتا تىخى پىشىپ يىتىلمىگەن خۇي- مىجەز، خاراكتىردىكى ئىككى ئادەمىنىڭ مىجەزىنى بىر- بىرىگە ماشلاشتۇرۇپ چاندۇرماي ئىلىپ مىڭىش ئۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ«ئالدىرىتىشى»بىلەن ئاللىقاچان بىر قانچە بالىلىق بولغان ياش ئەر- خۇتۇنلار بالىلارنى يىتىم قىلىپ ئاجىرىشىدۇ. مەن كۆپ قېتىم ئىستاستىكىلاپ باقتىم،تەرەققىياتى سەل ئالدىدا ماڭغان شەھەرلەردىن ئىقسادى،ئاڭ سەۋىيەسى سەل ئارقىدا قالغان يىزىدىكىلەرنىڭ ئاجىرىىشىش نىسپىتى بىر  قەدەر يۇقىرى،ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ مىجەزى چىقىشماي ئاجىراشقانلار كۆپ ئىكەن.ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ بوۋا- مۇمىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان بالىلار گەرچە قىلچە خىيىم-خەتەرسىز چوڭ بولسىمۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا مۇھەببىتىگە،ئائىلە مۇھەببىتىگە قېنىشى يىتەرلىك بولىمىغاچقا چىرايى سۇلغۇن، غەمكىن، باغرى مىھرى-مۇھەببەتكە چىلاشماي چاڭقاپ چوڭ بولىدۇ.ھەم يەنە يىزىلاردا ئوقىمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ سانى بىر  قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەچكە ھەم تۇرمۇش تەجىربىسى پىشىپ يىتىلمىگەن،ئاتا-ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بالدۇرلا توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولغان بۇنداق ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپنچىسى بالىلارنى قانداق تەربىيەلەشىنى،قانداق قىلغاندا ئۇلارغا مىھىرى-مۇھەببەت ئاتا قىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.ئادەتتە نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئاتا-ئانا،بالا-چاقا يىتىپ قوپۇشتا بىللە بولىدۇ،بالىلار سىلىق،يۇمشاق گەپنى ئاز ئاڭلايدۇ.بەزى ئاتا-ئانىلار ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت،قىلىن گەپلەرنى ئىشلىتىپ بالىلارنى تىللايدۇ،ئۇرىدۇ.بالىلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئاز بولىدۇ.ھەتتا بەزى چاغلاردا بالىلارنىڭ كىچىكىنە ئورۇنلۇق تەلىپىمۇ يولسىزلارچە رەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىگە كۆيۈنمەيدىغاندەك ھىس قىلىدۇ. ئاتا-ئانىلارئۆزلىرىمۇ ئوقۇمىغاچقا بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا سەل قارايدۇ.بالىلارغا توغرا نىشان تۇرغۇزۇش ھەققىدە ئىلمىي تەربىيە ۋە يىتەكچىلىك قىلالمايدۇ.يىڭىلا دەرىسگە كىرىگەن چىغىمدا ماڭا دەرىس تەخسىم قىلىنغان توققۇز سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىتىم.ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئاڭلاپ مەيۇسلەندىم، چۈنكى كۆپىنچىسى كەلگۈسىدە ئاشپەز،تىككۈچى،ساتىراچ،شوپۇر بولغۇسى بارلىقىنى ئىيتتى،يەنە بىر قانچە ئوغول ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ خۇتۇن ئىلىشتىن باشقا ئارزۇسى يوقلىقىنى،يەنە بىر قانچىسى ھەر بىر كۈنىنى ئوبدان يەپ ئوتكۈزىدىغانلىقىنى(بولسا كۆپرەك گۆش يەپ تۇرىشىنى) دىدى،قەلبىمدە مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغۇچى،ئوقۇتقۇچى،ساقچى،دوختۇر بولىمەن دەيدىغان ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئىستەكلىرى بولىدىغۇ دەپ ئويلايتىم. ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقىۋاتقان تۇرۇپمۇ ئۆزىگە مەڭگۈلۈك نىشان قىلىپ تىكلىگەن «ئارزۇ»لىرىدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلارنىڭ توغرا،يۈكسەك ئارزۇ-ئارمان تىكلىشىگە يىتەكچىلىك قىلمىغانلىقىنى ھىس قىلىدىم.چۈنكى ھىلىقدەك ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغان بالىلاردا نە ئارزۇ نە ئىستەك يىتىلمەيدۇ.يىتەكلەشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمىغان بالىلار گۆدەكلەرچە «كۈندە ئىتىز-ئىرىق ئىشىنى قىلسام،قورسۇقۇم ئاچسا تاماق يىسەم،مەكتەپكە بارسام، ياخشى ئوقىمىساممۇ ئاتا-ئانام گەپ قىلمايدىكەن،كىيىن توي قىلسام، كۈنلەر  مۇشۇنداق ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ»دەپ يەكتەكلىك بىلەن ئويلايدۇ.تۇرمۇشتا نىشان ۋە مەخسەت بولمىسا ئادەم ئاسانلا ھاياتتىن بىزارلىق ھىس قىلىپ بىخۇدلىشىدۇ.مەن ئادەتتە يىتىم بالىلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىشنى خالايمەن.يىتىم بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى ئۇلارنىڭ دىلى سۇنۇق،مىھىرى-شەپقەتكە تەشنا،ئاسانلا بىر ئىشلارنى ھار ئالىدىغان، كەيپىياتى ئەسلىگە كەلگۈچە ھەرۋاقىت ياخشى مۇئامىلە قىلىپ تۇرمىسا ئاسانلا يامان يولغا مىڭىپ كىتىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى نازۇك بالىلاردۇر. يىتىملىك ۋە مىھىر-مۇھەببەتكە تويماسلىق يېزا باللىرىنىڭ چوڭ جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىشىگە پىلتە بولىدۇ.بۇ مەسىلىدە شۇ نەرسە ئېنىقكى، يىزىلاردىكىلەرنى بالدۇر توي قىلمايدۇ دىگەن تەقدىردىمۇ بالدۇر ئاجىرىشىش مەسىلىسىنى ئويلاشماي بولمايدۇ،ئاجىرىشىش مەسىلىسى ئىغىر ئەمەس دىگەن تەقدىردىمۇ ياش ئاتا- ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى ساپاسى ۋە ئائىلە مۇھىتى يەنىلا بىزنى جىددى ئويلاندۇرىدۇ .

3.بالىلار ئۇچىراۋاتقان مۇھىت ئىجابى ئەمەس.گەرچە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە- ھۆكۈمەت يىزىلارنىڭ مائارىپىغا سىلىنمىنى كۆپلەپ ئاجىرتىپ قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ ،گەرچە باشلانغۇچ مائارىپى ئۈچۈن يىزىلاردا ئۈن-تىنىسىز قان- تەر تۆكىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۆز خىزمەت ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداپ چاپالىق ئىشلەۋەتقان بولسىمۇ ھازىرىغىچە باشلانغۇچ مائارىپى تازا كۆڭىلىدىكىدەك ياخشىلىنالمايۋاتىدۇ،نەتىجە شۇنىڭغا لايىق بولمايۋاتىدۇ،يەنى تولۇقسىز ئوتتۇرغا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيسى شۇ باسقۇچقا ماس كىلىپ يۇقىرى ئۆرلىمەيۋاتىدۇ،بىز ھەريىلى سىنتەبىردە ھەر بىر سىنىپتىن بەشتىن ئونگىچە ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلارنى تاپشۇرىۋالىمىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى جايلاردىكى باشلانغۇچتا ياخشى ئوقۇغۇچىلار تالىنىۋىلىپ ناچار بولۇپ « تاشلىۋىتىلگەن» بالىلاردا تەبىئىلا ئۆزىدىن ئۆمىدسىزلىنىش،چۈشكىنلىشىش كۆرىلىدۇ.يىزىلاردا بالىلار ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان ئائىلە مۇھىتى بىلەن قۇشۇلۇپ دىھقانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئادەتتىكىچە بولغاچقا ئۇلار «بارىدا بولدۇرۇڭ،بولدۇرۇڭ،يۇقىدا قاراپ ئولتۇرۇڭ»دىگەندەك تاپقاندا بولىشىغىچە يەپ كىيىنلىكىنى ئاز-تولا ئويلىمىغاچقا بالىلارغا زۆرۈر ئىھتىياجلىق يىمەكلىكلەردىن كىلىدىغان مادىلار ۋاقتىدا تولۇقلانماي بالىلاردا ئىنكاسى ئاستا بولۇپ قىلىش،ئەستە تۇتىۋىلىش ئىقدىدارى تۆۋەن بولۇش،ئوزۇقلۇق يىتىشمەي سالامەتلىكى ناچارلاپ پات-پات ئاغرىپ قىلىش قاتارلىقلار كۆرىلىدۇ،بۇ خىل مۇھىتتا يىتىلگەن بالىلار دەرىسىنى شۇنچە كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىسىمۇ فىزىلوگىيە جەھەتتىن باشقا بالىلارغا ئوخشىمىغاچقا ئوقۇشىتىن ئاسانلا بىزار بولىدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ روھىنى چۈشكۈنلەشتۇرىدۇ.مەن بىلىدىغان مەلۇم بىر يىزىدا ھەر بازار كۈنى نۇرغۇن ئەرلەر ھاراق ئىچىپ كۈندۈزدىلا باشقىلار ئالدىدا ئالا-تاغىل تولاپ،چوڭ يوللاردا كەلسە-كەلمەس چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ بەدقىلىقى ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە داۋام قىلاتتى.بۇ كىشلەر ئارىسدا مويسىپىتلارمۇ تىپىلاتتى،بۇنىڭ بازاردىن ئانچە يىراق بولمىغان،بازار كۈنى نورمال ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىۋاتقان باشلانغۇچ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىرىدىغان ئەكىس تەسىرى مۆلچەرلۈگىسىز ئەلۋەتتە.يەنە مەلۇم بىر يېزا تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نارازىلىقغا ئاساسەن مەكتەپ ئىلىمي،سىياسي مۇدىرىنى سايلام ئارقىلىق قايتا سايلاش ئىلىپ بىرىلىپتۇ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىلەت تاشلاش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ.ئەمما مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر تاشلانغان بىلەتلەرنى خۇلاسلەۋىتىپ ھەيران قاپتۇ.سەۋەبى بىلەت تاشلاشقا قاتناشقان 89 نەپەر ئوقۇتقۇچى 50 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن،قىزىقارلىقى كۆپ قىسىملىرى ئۆزلىرىنى سايلاپ بىلەت تاشلىغان.تىخىمۇ ھەيران قالارلىق يەنە بىر ئىش بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىنكىيىن يەنى ئاپتۇنۇم رايۇن ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىق بار ئوقۇتقۇچىلارغا 10000يۈۋەندىن ياردەم تۈر مەبلىغى چۈشۈرگەندە يۈز بىرىپتۇ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار شۇ مەكتەپكە بىرىلگەن ئالتە ساننى تالىشىپ بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈپ،نەچچە يىل بىللە ئىشلىگەننىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلىشماي مۇشتلىشىش ۋە چاچلىشىش دەرجىسىگە بىرىپ يەتكەن،بۇنى ئۇققان مائارىپ ئىدارسى قالغان تۆت ساننى ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ قىيىنچىلىقى ئالاھىدىرەك باشقا مەكتەپكە تەڭشەپ ئۇلارغا پەقەت ئىككى سان قالدۇرپتۇ.دىمەك،ئوقۇتقۇچىلاردىكى كۈنسايىن ئەۋجەۋاتقان ئاچكۆزلۈك ۋە مەنپەت ئالدىدا خۇدىنى يوقۇتۇپ بۇلغاۋاتقان مەرىپەت مۇھىتى ئوقۇغۇچىللىرىمىزغا ھامان زىيان قىلماي قالمايدۇ. بۇ ئىشىنى ئاڭلاپ ئىلگىرى مەن ئىشلىگەن شەھەردىكى بىر مەكتەپتە بولغان كىچىك ئىش يادىمغا كەلدى. شۇ چاغدا مەكتەپتە ئىككى ئوقۇتقۇچى قاتتىق زىدىيەتلىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغان، ئۇلارنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازى ئوقۇتۇش رايۇنىغا ئاڭلىنىپ قىلىشقا تاس-تاماس قىلىۋاتاتتى.ئەگەر ئوقۇغۇچىلار تالادا بولسا بۇ سەتچىلىنى ئاڭلاپ قالاتتى.دەل شۇ چاغدا داڭ چېلىنىشقا بىر مىنۇت قالغان بولۇپ ئىلىمى مۇدىر دەرھال داڭ چىلىشقا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىغا داڭ چالماي تۇرۇشىنى،سىنىپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى سىرىتقا چىقارماي ئۈگنىشكە تەشكىللەشنى ئورۇنلاشتۇردى. جىدەل تىزلىك ئىچىدە بىسىقتۇرۇلۇپ ئاندىن داڭ چىلىنغان ئىدى.گەپنىڭ نىگىزنى قىلىغاندا، ئوقۇغۇچىللىرىمىز مەنپەت ئۈچۈن جەڭگە-جىدەل، سوقۇ- سۆھبەت داۋاملىشىپ تۇرىدىغان تىنىچسىز مۇھىتتا قانداق خاتىرجەم بىلىم ئاللايدۇ؟بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەچچە يىلدىن بىرى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا تىكلىگەن يۈز- ئابرويىنى بىر يوللا يەر بىلەن يەكسان قىلغانلىق ھىساپلانمامدۇ ؟ئۇنىڭ تەسىرى بىرلا ئوقۇتقۇچى ياكى ئوقۇغۇچى بىلەنلا تۈگەپ كەتسە مەيلىتىغۇ!؟بەلىكىم بىزنىڭ ئەشۇ جىدەللىرىمىزنى كۆرگەن ئوقۇغۇچىلار شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە سۈكۈتتە تۇرغان ياكى بىزگە ھىسداشلىق قىلغان پوزىتىسىيەدە بولۇشى مۈمكىن.ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق ئويدا بولغانلىقىنى بىز پەقەت سىنىپقا كىرگەندىلا ئۇلار قەلبىدىكىسىنىڭ ھىسداشلىققا ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە ئۈلگىلەش ھىسداشلىقى ياكى شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئادىمىيلىكىگە قايتا قاراپ چىقىش ھىسداشلىقى ئىگەنلىكىنى بايقايمىز.مۇنداقچە ئىيتقاندا ئەتىراپتىكى مۇھىتىنىڭ تەسىرى چوڭلارغا قارىغاندا بالىلارغا بەك تىز،ئوڭاي تەسىر قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكى مۇھىت ئىجابى بولسا ياخشى يولغا يىتەكلىنىشگە، سەلبى بولسا يامان يولغا مىڭىشىغا يىشىل چىراق يىقىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈسىتىگە قىسمەن يىزىلاردىكى ھاشار ئەمگىكىنىڭ ئائىللىلەرگە تەڭ چىچىلىشى سەبىئى بالىلاردا تىخىمۇ تۈگىمەس سۇئاللارنى تۇغدۇرىدۇ.ئاتا-ئانىسىغا كىلىۋاتقان بەزى سېلىق ۋە ھاشارلار شۇنداقلا كىچىك تۇرۇپلا شۇ ئەمگەكلەرگە بىللە سۆرىلىپ كىرىش بالىلاردىكى چۈشۈنۈكسىز خىياللارغا باش بولۇپ ئۇنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشى بالىلارنى تەبىئىيلا روھى كەيپىيات مۈجىمەللىكىگە ئىتتىرىدۇ.مەن بالىلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن ئاممىۋي سورۇنلارغا يىزىلىدىغان«18ياشقا توشمىغانلار كىرىشكە بولمايدۇ!» دىگەن خەتلەرنى پەقەت بىر قانچە ئورۇندىلا كۆردۈم.ئەمما نىمە ئۈچۈن رىستۇرانلارغا،تورخانىلارغا،كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىغا بۇ خەتلەر يىزلمايدۇ؟بىز پايدا–مەنپەت قوغلىشىپ ياشاۋاتقان، چاكىنىلىققا تولغان ئىلىشاڭغۇ مۇھىتىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىلا بۇلغاپ قالماي ياش- ئۆسمۈرلىرىمىزنىمۇ بىلىندۇرمەي شۇ يولغا سۆرەپ قويىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمىز.نىھايەت بىز بۇ يەردە گىپىمىزنىڭ پوسكاللىسىنى جەمىئيىەتنىڭ ،قىسمەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەلبى تەسىرىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆز  ئىش- ھەرىكەتلىرىگە تەققاسلىمايدۇ، ياخشى،يامان بولسۇن ئۆزىگە ئۈلگە قىلمايدۇ دەپلا كىسىۋىتەلمەيمىز.

4.مەيلى ئاتا-ئانىلار بولسۇن ياكى ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىش ئىقدارى ئاجىز.يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلار تۈزۈك ئوقۇمىغان ياكى پەقەت ئوقىمغان،ئۇلار باللىرىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ تۇرۇشقا زىھىن ۋە ۋاقىت ئاجىرىتالمايدۇ.كۆپىنىچە ھاللاردا يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلاردىن پەرزەنتىلىرىنى ئىلھاملاندۇرىشتىن بەكرەك ئۇلارنى كەم سۇندۇرىدىغان،دەشكۈشلەيدىغان«چوڭ بولساڭ بىزگە نىمە قىلىپ بىرەسەن» دىگەندەك يۇقىرى بىسىملىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. شۇنداق ئىكەن ئۇلار بالىلىرىنىڭ روھى ھالىتىگە بىقىپ مۇئامىلىدە بولمايدۇ. يىزىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىلى كۆپ قىسىمى شۇ رايۇنلاردىكى ئوتتۇرا تىخنىكوم مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن،ياشىنىپ قالغان ئوقۇتقۇچىلار كۆپ بولۇپ ھازىرقى زامان ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ كۈنسايىن ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان مۇرەككەپ پىسخىكىلىق مەسىللىرىگە ئەتىراپلىق مۇئامىلىدە ماسلىشىش ئىقدىدارى يىتەرسىز.كۆپىنچە ئىشلاردا پايدا-زىياننى ئاساس قىلىپ مەسىلە بىر تەرەپ قىلىدىغان بەزەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خامالىيۇن مىجەزى ئوقۇغۇچىلاردا ئۇلاردىن ئاسانلا بىزار بولۇش،ئۇلاردىن كۆڭلى سۇ ئىچمەسلىك،قەلبى سوۋۇغاندەك ھىس قىلىش،ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلىق مىھرى- مۇھەببىتىگە قانماسلىق پىسخىكا ھالەتلىرىنى شەكىللەندۇرىدۇ.ئاتا-ئانىلار ياكى ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن بالىلار سەللا ئۆمۈدسىزلەنگەن ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالماي بالىلارنىڭ ئۆمىسىزلىنىپ تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ زىرىكىش،چۈشكىنلىشىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ قويىدۇ.دىمەك،ئۇلار ئائىلىدىن تىخى كۆڭلى سۇ ئىچمەي،دىلى مەكتەپتىن،ئوقۇتقۇچىلاردىن تىخى بەلەن سۇغۇرۇلماي كىچىك تۇرۇپلا ئۆزىنى تاشلىۋىتىدىغان(چاچلىرىنى ئۇزۇن قويىۋىتىدىغان،كىيىم-كىچەكلەرنى رەتسىز كىيىدىغان،شەخسى تازلىق قىلمايدىغان،خوش ياقسا دەرىسكە كىرىدىغان) ئەھۋاللار سادىر بولۇپ جەمئىيەتتىن،جاھاندىن،ئادەملەردىن ئاسانلا سەسكىنىپ بىزارلىق تۇيغۇسى چىكىگە يىتىدۇ.ئەگەر مۇشۇنداق داۋام قىلىۋەرسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى يىزىنى ئاساس قىلغان رايۇنىمىز جەمىئيتىدە بىر تۈركۈم روھسىز،چۈشكۈن ياشلار كۆپىيىپ باشقىلارغىمۇ،جەمىئيەت تەرەقىياتنىڭ ئالغا سىلىجىشىغىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

دىمەك،يۇقارقى بايانلىرىمىزغا چەكلىمە قويساق، ئاساسلىق مەسىلنىڭ يەنىلا بالىلارنىڭ مەكتەپتىن بالدۇر ئايرىلىپ بالدۇر توي قىلىشى ۋە شۇ سەۋەپ ئىلىپ كەلگەن ئەگەشمە مەسىلىلەر ئىكەنلىكى مانا مەن تۇرۇپتۇ.شۇنىڭغا يانداش ھالدا قىسمەن ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تاكامماللاشتۇرىشىغا سەل قارشى سەۋەپلىك پەيدا بولغان بالىلار خاراكتىرىگە سەل قاراش مەسىللىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىمىز،چۈنكى بالىلار ھىچقاچاندا ئاتا- ئانىنى، ئوقۇتقۇچىنى «سىزنىڭ مۇنداق ناچار تەرەپلىرىڭىز باركەن،سىز ئادەمىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنمەيدىكەنسىز»دەپ يۈزمۇ-يۈز ئىيتمايدۇ.پەقەت ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى سۇ ئىچمەسلىك بىزار بولۇشقا ئۇرۇن بىرىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بىزارلىق ئۆچ بولۇشقا، ئۆچ بولۇش بولسا ئاخىرىدا ئۆچمەنلىككە ئۆزگىرىدۇ.ئۆزىنى لاياقەتلىك ئاتا-ئانا،ئوقۇتقۇچى دەپ قارايدىغانلار بالىنىڭ خاراكتىرىگە ماس مۇئامىلە قىلماسلىق سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ ئۆچ ئىلىش ئۆبىكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.بۇنىڭغا ئائىت قاتىللىق دىلولىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. ئەگەر ئاتا-ئانا،ئوقۇتقۇچى ھەقىقى ساپالىق بولىدىكەن ھەرگىزمۇ ئۆز بالىسىنىڭ، ئوقۇغۇچىسىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ.شۇڭلاچقا يىزىلاردىكى ئاتا- ئانىلار،يېزا جەمئىيتىنى تەشكىل قىلغان كىشلەر،ئوقۇتقۇچىلار تەڭ ھەمكارلىشىش ۋە ئۆز-ئارا ئۇچىرىشىش پۇرسىتىنى يارتىپ چۈشۈنۈشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يېزا ئوقۇغۇچىللىرنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ۋاقىتىدا «دورا» ياساش كىرەك.بىز يىزىلاردىكى ئاللىبۇرۇن ئاتا-ئانا بولۇپ بولغانلارنى بىر يەرگە يىغىپ ياكى مەكتەپكە ئىلىپ كىلىپ تەربىيەلىيەلمەيمىز.ئەمما ئاتا- ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنى چىڭ تۇتالايمىز،توغرا ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ شۇ بويىنچە يىتەكلەپ ماڭالايمىز.بۇنىڭ ئۈچۈن كىچىكىپ توي قىلىش شۇئارىنى پەقەت پىلانلىق تۇغۇت،توي خىتى كىسىدىغان ئورۇنلاردىلا ئاغزىمىزنىڭ يىلى قاتارىدا دەپ قويماي،ئەڭ مۇھىمى مەكتەپلەردە،بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلىرىدە ئۈزۈلدۈرمەي، جانلىق توۋلاش كىرەك. ئوقۇغۇچىلارغا بالدۇر تۇرمۇشلۇق بولۇشىنىڭ مەيلى ئادەم فىزىلوگىيەسى ۋە ئىقتىسادى،بالا تەربىيەلەش جەھەتتىن بولسۇن ھازىرقى ۋاقتىنىڭ بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ،ئەگەر شۇنداق قىلسا ئۆزى ۋە باشقىلارغا ئىلىپ كىلىدىغان زىيىنىنىڭ ئىغىرلىقىنى تەلىم- تەربىيەگە سىڭدۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇر توي قىلىشىنىڭ ئالدىنى قەتئى توسۇش، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ غىمىغا كۆپرەك غەمخانە،دەردىگە دەرمانە،رەنجىگە شىپايە بولۇپ مىھرىمىزنى بىرىپ چۈشكۈنلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، ئۇلارنى يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشقا جەلىپ قىلىشمىز لازىم.ئوقۇتقۇچىلارنى داۋاملىق تەربىيەلەش سالمىقىنىمۇ بۇشاشتۇرماي ھازىرىقى زامان پىسخىكىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ماسلىشالايدىغان،پىسخىكىلىق سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق ،ساغلام پىسخىكىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ھەسسىلەپ زورايىتىش زۆرۈر. بەلكىم بۇ يازمامنى كۆرگەنلەر«قىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى شۇنچە چۈشكۈن دەپ كەتكىدەك بىرەر ئىش بولماپتۇ،يا بىرەر ئىش يۈز بەرمەپتىغۇ»دىيىشى مۈمكىن. بىرەر ئىشىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگىلا قاراپ شۇ ئىشنى ئىغىرلاپ كەتمەپتۇ دىگىلى بولمايدۇ.بولۇپمۇ بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىنساننىڭ خۇي- مىجەزىگە مۇناسىۋەتلىك بۇنداق ئىشتا.ئۇيغۇر  ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن«ئۆمۈر تەلقىنلىرى»ناملىق ماقالىسنىڭ بىر تىمىسدا«بىر مىللەت ئۈچۈن بىرىنجى زورۈرىيەت روھىنى پاكالاشتۇرۇش بىناكارلىقىدۇر» دەپ ئىيىتىپ« بىر مىللەت ئۈچۈن ئەڭ خۇرسىنىدى ئىللەت، ئۇنىڭ جاسارەتسىزلىكى ، ساختا ئىپتىخار ۋە بىكار تەلەپلىكى» دەپ قەيىت قىلغان ھەم يەنە«بىر مىللەت ياكى دولەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئۇنىڭ نىمىلەرنى تەشۋىق قىلغانلىقىدا ئەمەس،يەنە قانداق گۈزەل خاراكتىردىكى مىليۇنلىغان خەلق كوللىكتىپىنى ياراتقانلىقىدا گەۋدىلىنىدۇ»دىگەن.جەمىئيەتتە چۈشكۈن كىشلەر ئاۋۇسا بىكار تەلەپلەر كۆپلەپ تۇغۇلىدۇ.چۈشكۈن، بىكار تەلەپ كىشلەردە گۈزەل خاراكتىرنىڭ يىتىلىش- يىتىلمەسلىكى يەنىلا ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى تەربىيەلىنىشىگە باغلىق.ئەمەلىيەتتە يېزا باللىرى كىچىك تۇرۇپلا ئائىلە بىسىمى،ئىقتىسادى بىسىم، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئاجىرىششى، پۇل تىپىش، ئۈگىنىش بېسىمى قاتارلىق بىرمۇنچە روھى «بوپا» لارنى يۈدۈپ ماڭىدۇ.بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ئىش چىقمىغان تەقدىردىمۇ بالىلار قىلچە يىڭىلىق تەرەپتارى بولمايدىغان، قاچانلا قارىسا روھى سۇلغۇن ، بىسىم ئىچىدە ئۆتكەچكە چوڭ بولغاندىن كىيىن جەمىيەتكە ياراملىق،كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىللىرى بولىدىغان، ئىجاد قىلىدىغان،يىڭىلىق يارتىدىغان ئادەملەر توپىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ.ئۇلار جەمىئىيەت،ئائىلە،ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىگە ئايلىنىدۇ.«ياشلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشى دەۋىرنىڭ ئەڭ چوڭ پاجىئەسى» (تولىستوي). تىخى ياشلىق ماقامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك سەۋەپلەردىن چۈشكۈنلۈككە مۇپتىلا بولىشىدىنىمۇ ئىغىر مەسىلە بولمىسا كىرەك.خۇلاسەم كالامكى،يىزىلاردا ئوقۇمايدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى،ئوقىسىمۇ ئەپلەپ-سەپلەپ ئوقۇشى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ جاۋاپكارى،چۈنكى ئۇلار ئاتا- ئانا بولىدۇ، ئوقۇتقۇچى بولىدۇ،شۇنىڭدىنكىيىنلا ئۇلار قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ھىچقانداق خاتا يىرى يوق دەپ ئويلايدۇ.ئەمما ئۆزىنى ھازىرقى زامانغا، ئادەم تەربيەلشنىڭ ئاساسى خاراكتىر يىتىلدۇرۇشتە ئىكەنلىكىنى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزىنى ساپالاشتۇرۇپ ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەيۋاتقانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ. دىمەك،زور تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقىماي يىزىغا، ئائىلىگە، ئىتىزغا قايتىشى،يېزا ئاتا-ئانىللىرىنىڭ تا ھازىرغىچە مىڭىسىنى سىلكىمەسلىكى ھازىرقى يېزا ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ روھى سۇلغۇن،خۈنۈك بولۇپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتقان ئەڭ كونا ، كاتىباش،جىنايەت تىپىدىكى سەۋەپتۇر،ئاتا-ئانىلاردا، ئوقۇتقۇچىلاردا ساپا بولمىسا بالىلاردا سۈپەت بولمايدۇ. چۈنكى بالىلار ئۆزىدە ئىلگىرلەش، ئۆزگىرىش بولمايۋاتقانلىقىنى،باشقىلار بىلەن تەڭ ئالغا باسالمايۋاتقىنىنى بىلگەندىلا ئۆمىدسىزلىنىدۇ،چۈشكىنلىشىدۇ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

26

تېما

4

دوست

1641

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
302 سەر
تىللا
333 دانە
تۆھپە
281 سەر
شۆھرەت
330 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 20:24:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن يېزلاردىكى ئوقۇغۇچلارنىڭ تۇرمۇشى ئەينەن تەسۋىرلىنىپتۇ،

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7206 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7888 سەر
شۆھرەت
5848 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 00:54:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى كۈرۈپ  چىقتىم راستىنلا يېزا ئۇقۇتقۇچىللىرىنىڭ تۇرمۇشى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرلىپتۇ . راستىنلا يېزا ئۇقۇتقۇچىللىرنىڭ روھى قىياپىتى ناھيە ئۇقۇتقۇچىللىرىغا قارىغاندا بىر ئاز روھى چۈشكۈن كىلىدۇ دەپ قارايمەن . بولسا يېزا ئۇقۇتقۇچىللىرىنىمۇ مائارىپ تارماقلىرى ئويلىشىپ كۈرۈپ ھېچ بولمىغاندا 6 يىلدا بىر قېتىم ناھيە مەركىزىدە خىزمەتكە ئالماشتۈرپ سالسا بەك ياخشى بۇلاتتى
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

0

تېما

0

دوست

122

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
19 سەر
تىللا
7 دانە
تۆھپە
43 سەر
شۆھرەت
20 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 13:31:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن يىزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكا جەھەتتە يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلىرى بەك ئېغىر.شۇنداقلا مۇرەككەپ.

0

تېما

0

دوست

262

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
45 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
45 سەر
شۆھرەت
44 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 17:32:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزا ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يېزا مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئادەمنى بەكمۇ ئويلاندۇرىدۇ.ئائىلە باشلىقلىرى نىمە ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىنى ئەمەس،بۈگۈنىنىلا ئويلايدىغاندۇ؟ئائىلە باشلىقلىرىدىكى بۇ خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك پەرزەنتلەر،ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى ئاقىۋەت ئىلىپ كەلمەيدۇ

1

تېما

4

دوست

732

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
142 سەر
تىللا
19 دانە
تۆھپە
173 سەر
شۆھرەت
188 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 13:02:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانلارغۇ   ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىكسغا  ئاساسەن مۇئاملە قىلمسۇن ،بىراق ئۇقۇتقۇچىلارنى نىمە دەيمىز ؟بەزىلەر شۇنداق دەيدۇ   ياخشى كۈن كۈرۈپ قالساڭ  بەش مۇچەن بىرەمتىڭ ؟ئۇقۇ-ئۈگەن دسە ،ئۈگۈنسەڭلا بولدى.

0

تېما

0

دوست

164

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
37 سەر
تىللا
9 دانە
تۆھپە
36 سەر
شۆھرەت
35 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 14:08:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئىزدىنىپسىز . ماقالىڭىز ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن. دېمىسىمۇ بەزى مەسلىلەرنى دەرھال ھەل قىلمىسا بولمايدۇ. بۇلۇپمۇ مائارىپنىڭ ئادىللىقى مەسلىسىنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىش كېرەك.

1

تېما

0

دوست

75

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
16 سەر
تىللا
0 دانە
تۆھپە
15 سەر
شۆھرەت
15 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 11:24:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپىمىز قاچانمۇ تەرەققى قىلار.دىھقانلىرىمىز نىڭ  كاللىسى قاچانمۇ ئېچىلا.نادانلىق،يوقسىزلىق دىھقانلىرىمىزنى بۇگۇن ۋە ئەتىدىن باشقىنى ئويلىماس قىلىپ قۇيۋاتىدۇ.

6

تېما

14

دوست

1788

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
341 سەر
تىللا
58 دانە
تۆھپە
444 سەر
شۆھرەت
393 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 22:58:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ھەقىقەتەن ھەقىقى ئەھۋالنى ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ،توغرا ئىيتىپسىز.
ئادەم ياشلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تۇغرا نىيەت ۋە ياخشى ئەخل ...

0

تېما

6

دوست

443

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
85 سەر
تىللا
29 دانە
تۆھپە
82 سەر
شۆھرەت
91 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 13:42:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى توغرا ئېيتىپسىز .خۇددى ئەينەك بىلەن كۆرگەندەكلا .بۇنداق ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۈت مۇشۇ ئەھۋاللاغا قارتا تۈزىتىلىش تەدبىرى قاچان تۈزىلەر .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:54, Processed in 0.459017 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش