مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 142|ئىنكاس: 3

ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئەقىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

416

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
70 سەر
تىللا
68 دانە
تۆھپە
57 سەر
شۆھرەت
66 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 14:19:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
artuq.jpg

                                    
(ئەقىدە ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بايلىق،ئەقىدە-ئىتقادنى يوقىتىپ قويغان ئادەم ھايۋاندىنمۇ بەتتەردۇر)
- ئابدۇقادىر دامۇللام


«ئەقىدە-ئىتقاد»دېگەن سۆزنى كىشلەر كۆپىنچە ھاللاردا كەڭ مەنىدە ئويلىۋىلىپ ئۇنى ناھايىتى چوڭ گەپتەك، ئۇنىڭغا يەتمەك قىيىندەك قارايدۇ.شۇڭا بەزىلەر ئۇنى ئۆز تۇرمىشىغا تەتبىقلىغاندا تار دائىرىدە ئىستىمال قىلىدۇ.پەقەت ھال كۈنى ياخشى بولسىلا،بارىغا شۈكۈرى قىلىپ ماددى تويۇنۇش بىلەن ياكى دەبى-دۇنياغا ئىرىشىپ خۇشال ياشاشىنى بىرخىل ئەقىدە دائىرىسىدە ئويلايدۇ.شۇڭا بۇنداق كىشلەرنىڭ ئەقىدسى پۈچۈك بولۇپ ئۇزاق مەزگىللىكە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ.تار ئەقىدىگە مىراپ بولۇپ ياشاۋاتقانلارنىڭ قولدىن چوڭ ئىشلار چىقمايلا قالماستىن تۇزۇنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغان،ئىككى يۈزلۈمچى كىشلەر،پەقەت ئۆزىنلا ئويلايدىغان ،ئەتىراپىدا باشقىلار يوقتەك ياشايدىغان ئادەملەرمۇ چىقىدۇ.ئەتىراپىمىزدا ئەقىدە چۇقانى باش كۆتۈرۈپ پېقىرنىمۇ چۇقان سىلىشقا ئۈندەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە«شىنىجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنى كۆرىۋىتىپ ئىزىزئاتاۋۇللا سارتىكىننىڭ«2112-يىلدا...»ناملىق ماقالىسىدىن بۇ يىل ئۇلۇغ مائارىپچىمىز ئابدۇقادىر دامۇللام تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ گۆھەر تىپىۋالغاندەك شاتلىنىپ كەتتىم.چۈنكى مەن ئىزدىگەن ئەقىدىنى جان بىلەن كىرىگەن خۇي جان بىلەن چىققاندەك دەل ئەشۇ تارىخى شەخسلىرىمىزنىڭ روھىدىن،ئىش- ھەركىتىدىن ئەينەن تاپقىلى بولاتتى.نەچچە ۋاقىتىن بىر ئۆزۈمگە غايىبانە ئۇستاز تۇتۇپ كەلگەن،قەلبىم تۆرىدىن مۆھتىرەم ئۇرۇن ئالغان بۇ ئەقىدە پىشۋايىمىز ھەققىدە بىرەر پارچە ماقالە يىزىشنى ئويلاۋاتاتتىم. شۇڭا دەرھال بۇ زات ھەققىدە يىزىلغان باشقا كىتاپلارنى ئىزدەپ كۆرۈش ئۈچۈن كىتاپخانىغا ماڭدىم.ئەمما كىتىۋاتقاچ بىر قانچە ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇنۇ پاراڭ قۇلۇقىمغا چۈشۈپ قالدى :
-قايسى كىتاپنى كۆرىۋاتسىز؟
-«يىپەك يولدىكى توققۇز ھېكىمەت»
-ھە،كىم بۇ ئابدۇشكۈرمۇھەممەتئىمىن دىگەن؟
-ۋوي،بۇ بىزنىڭ ئويغۇرلاردىن چىققان ئالىم،پازىل كىشى،يىتۈك ئۇستاز ،كۆپ قىرلىق داڭلىق ئالىمىمىز، شۇنىمۇ بىلمەمسىلەر؟!
-ۋاي ئاداش بىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغاندىنكىيىن نىمە قىلىمىز ئارتۇق ئىشىنى بىلىپ.....
«ئۆز تارىخىدىن لەنەت ۋە شۆھرەت نامايەندىللىرىنى داۋاملىق بايقاپ تۇرمىغان مىللەت خامۇش مىللەتتۇر.»بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇر تارىخىنى شانلىق ئىزلىرى بىلەن نەقىشلىگەن مىللىتىمىز تارىخى شەخسلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا تونۇتۇشتا رولىمىز شۇنچە چوڭ،مەسئۇلىتىيىمىز شۇنچە ئىغىر.ئەمما بۇ داڭلىق كىشللىرىمىزنى ئوقۇغۇچىلار تۈگۈل خىلى كۆپ ئوقۇتقۇچىلارمۇ بىلمەيۋاتسا؟؟ ئابدۇشكۈرمۇھەممەتئىمىننى بىلمەيدىغان مۇنۇ ئوقۇتقۇچىلار ئابدۇقادىر دامۇللامىنى ئەسلا بىلمەسلىكى مۈمكىن دېگەن ئاچچىق سۇئاللار كاللامىنى مۇنۇپۇل قىلىپ ئوي-خياللىرىمىنى تىنىمىسىز پارچىلاپ تۇرغاچقا كىتاپخانىدىن ئالغان كىتاپلىرىمىنى ئالدىمىغا يېيىپ يەنە قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ مەنىۋي يىتەكچىسى،مەشھۇر ئۇيغۇر ئىسلاھاتچىسى ئابدۇل ۋارىس بىننى ئابدۇقادىر دامۇللام 1862-يىلى ئاتۇش شەھەرىنىڭ مەشھەت كەنتىدە تۇغۇلغان.(يالقۇن روزىنىڭ«20-ئەسىرىدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى»ناملىق ماقالىسىدە 1870-يىلى دەپ شەرھىلەنگەن)ئوقۇشقا ھىرىسمەن ئابدۇقادىر دامۇللام ئائىلە تەربىيەسى ۋە باشلانغۇچ تەربىيەسىنى ئۆز يۇرتىدا ئەلا تاماملىغاندىكىيىن قەشقەر خانلىق مەدىرسىگە كىرگەن.بۇ جەرياندا نۇرغۇن داڭلىق مۇتەپپەككۇرلانىڭ ئىلغار ئىدىيىسى بىلەن ئۇچراشقان ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن يەنىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ بۇخارا كۈكۈلتاش مەدىرىسى،دىھلى ئۈنۋىرسىتىتىدەك ئىلىم كاندىن ئۇنچە-دۇرلارنى قازغان،ئىلىمۇ- ئىرپان ساھىبلىرىنى ئۆزگە دوس-يار قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن يىڭى ئىدىيە توپلىغان.ئوقۇش پۈتتۇرگەن بولسىمۇ ھىجاز، مەدىنە، مىسىر، ئىستانبول،ئوفالاردا زىيارەت ۋە ساياھەتتە بولۇپ نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتكەن.يۇرتقا قايتىقاندىنكيىن بارلىق ئىخلاسى بىلەن خەلىقىنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن دىنى ئىسلاھات،مەرىپەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە بىر قىسىم نامى ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يىزىپ سائادەت شاراپىتىنىڭ ياخشى ئەمەللەردىن بولىدىغانلىقىدەك بۈيۈك ئەقىدىنى ئەل ئارىسىغا چوڭقۇر يىلىتىز تارتقۇزغان.بىلىمىنى ئۆزىگە قۇرال قىلغان ئابدۇقادىر دامۇللام تالاي-تالاي مىللەتپەرۋەر،مەرىپەتپەرۋەر ئالىم- ئۆلىمالارنى يىتىشتۇرۇپ ۋەتەننى،مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشتەك بۈيۈك نىشان يولدا ئاخىرقى بىر تامچە قىنى قالغۇچە كۈرەش قىلغان.مانا بۇ ئۇنىڭدىكى مىللەتكە تۇتقان يۈكسەك ئەقىدە ، خەلىقىمىزنىڭ ۋۇجۇدىنى ئۆرتىگەن ۋولقان ئىتقاد ئىدى.
ئۆز-ئارا سىلىشتۇرما قىلغاندا پەرقنى ئۇڭاي تېپىۋالغىلى بولىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ھازىر ئادەم مىجەزى ۋە خۇي پەيلىگە تالىق نۇرغۇن نەرسىلەر ئىلىگىرىكى بىلەن سىلىشتۇرۇلۇش ئارقىلىق تەربىيە ئۈنۈمى ئاشۇرىلىۋاتىدۇ.شۇڭا مەنمۇ تۈۋەندە ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى بىلەن ھازىرىقى ئادەملىرىمىز قىلىۋاتقان «ئۇلۇغ»ئىشلارنى سىلىشتۇرما قىلىپ ئۆتىمەن :
1.شۇنچە كۆپ جايلاردا بىلىم ئالغان ئابدۇقادىر دامۇللام يەنە شۈكۈرى- قانات قىلماي ئارقا- ئارقىدىن نۇرغۇن جايلارغا بىرىپ ئىلىم توپلايدۇ.ھەتتا«ئۇسۇلى جەدىت ھارام،ئۇنى ئوقۇش دەھرىلىك»دېگەن بىر جۈملە كۆيدۇرگە پەتىۋانىڭ ناتوغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇخاراغا بىرىپ پىشىۋا ئۇستازلارنىڭ تەلىمىدىن«ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىپ،ئۇنى ئوقۇش زۆرۈرۈ»دېگەن ئادىل پەتىۋانى ئىلىپ كىلىپ ئامما ئارىسىغا بولۇپمۇ مائارىپىنى قوللىمايۋاتقان ئىشان-سوپىلارنىڭ كۆزىگە تىقىدۇ.ئەگەر ئۇ شۇ چاغدا شۇ بىر جۈملە سۆزىنى ئىسپاتلاپ ئىلىپ كەلمىگەن بولسا مىللىتىمىزنىڭ نادان ھالىتى قانچە ئۇزۇن ئارقىغا سۈرۈلگەن بولاتتى؟!ئەمما تولىمۇ ئەپسۇس بىرەر يەرگە ئوقۇشقا سان كەپتۇ،دىسە خۇددى زىندانغا ئىتتىرىۋاتقاندەك بىر-بىرىنى ئالدىغا ئىتتىرىشىۋاتقان ھازىرقى بۇ مەنزىرە ئابدۇقادىر دامۇللامدەك«ئوقۇشىنى ئەلا بىل، ئۈگىنىشنى ئۇلۇغ»دېگەن ئەقىدىدىكى كىشلەرنى ئاچچىق ئازاپقا مۇپتىلا قىلىدۇ.بىز ئابدۇقادىر دامۇللامدەك بىرەر جۈملە سۆزىنى ئىسپاتلاش ئەمەس ئوقۇغۇچىلار بىزدىن سورىسا جاۋاپ بىرەلمەي قالغان بىر سۇئالنى ئىزدىنىپ كۆرمەكتە يوق ئوقۇغۇچىلارغا دوق قىلىمىز ياكى ئۇنى ئۇ ئايدىن بۇ ئايغا سۆرەپ ئوقۇغۇچىلار كاللىسىدىن يوق قىلىمىز،شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى چىڭىش تىخىمۇ چىگىلىدۇ.ئۇقۇشقا بولغان قاراش مەسىلىسى،كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ تۇرغۇن ئىدىيىسىنى ئېچىش ھىلىھەممۇ ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ ئىدىيسىدىكى جىددى ھەل قىلىمىسا بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ تۇرىۋىرىۋاتىدۇ...
2.ئەنە شۇنداق كۆپ جايلاردا ئىلىم تەھسىل قىلىپ كەلگەن ئابدۇقادىر دامۇللام يىڭىچە مائارىپىنى ئىلىپ كىرىپ خەلىقىمىزنى نادانلىقىتىن يۆلەپ تۇرغۇزغان ئىدى.گەرچە بىز يىڭىچە مائارىپىنى ئىلىپ كىرەلمىسەكمۇ بىزدە يىڭى دەرىس ئىسلاھاتى بار،ئوقۇش ئىدىيىسىنى زور دەرىجىدە «رىمىنۇتلىمىساق»بولمايدىغان سەبىئىلىرىمىز بار،ئۇلار بىزدىن نۇرغۇن يىڭىلىقلارنى روياپقا چىقرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.خىزمەت ئورنىدا يىڭىلىق يارتىش خىزمەتكە بولغان يۈكسەك ئەقىدە ئارقىلىق ئۆز قىمىتىنى تاپىدۇ.گەرچە نادان كىشلىرىمىز شۇ زاماندىكىيىدىن ئازايغان بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنى نادانلىق دەرۋازىسىغا ئۇرىۋاتقان يەنى مەكتەپكە ئەكىلىپ قويسا بىردەمدىنكىيىن قاچىدىغان،ئۇ يىلدىن بۇ يىلغىچە مەكتەپكە دەسلەپ باقمايدىغان ئوقۇغۇچىللىرىمىز،قەستەن قىرىشقاندەك باللىرىنى مەكتەپكە بارغۇزمايدىغان ئاتا-ئانىلىرىمىز بار، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىدىيسىنى ئوقۇشقا بۇراش،يىڭىلىق ئىجاد قىلىپ بىز تەرەپلەردە ئومۇملىشىپ قالغان داۋام مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش يەنىلا بىزنىڭ ئەقىدىمىزنى سىنايدىغان،يىشىشتە ئىزچىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان تۈگۈن.ئابدۇقادىر دامۇللام نادان خەلىقىنى نادانلىقتىن ئويغاتقان ۋە يۈلەپ تۇرغۇزغان بولسا قىسمەن جاھىل ئاتا-ئانا ۋە ئەقىدىسز ئوقۇتقۇچىلار يەنە ئۇلارنى نادانلىق پاتقىقىغا ئىتىرىۋاتىمىز،گەرچە بۇ كەڭ ۋە كۆپ دائىرىلىك بولمىسىمۇ رايۇنلىشىپ تۇرىۋاتقىنىغا خىلى مەزگىل بولۇپ تەلتۈكۈس تۈزۈلۈپ كىتەلمەيۋاتىدۇ.
3.ئۇ يىڭىچە ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىشنىڭلا كۇپايىلەنمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەنە يىتىملەرنىڭ بىشىنى مىھرىبانلىق بىلەن سىلىغان،ئۇلارنى ئۆيىگە ئىلىپ كىلىپ ئىللىق ئائىلىنىڭ مىھىر- مۇھەببىتىنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى.ھەتتا ئۆز باللىرىدەك ئۇلارنى چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ئىدى.ھازىر بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە ئۇخشىمغان تارىخى كۆرىنىش بىلەن(ئىلىگىرى ئاچارچىلىقتىن بالىلار يىتىم قالغان بولسا ھازىر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەخمەقلىقى،چۇس مىجەزى بىلەن يىتىم قىلىۋاتىدۇ)ئوخشاش تەقدىرگە مۇپتىلا بولىۋاتقان مەسۇم، يىتىم بالىلار ئىنتايىن كۆپ.ئائىلە ئىللىقلىقىدىن مەھرۇم سەۋەپلىك مۇرەككەپ رۇھى بوپىلارنى يۈدۈشكە مەجبۇرى بولىۋاتقان بىغۇبار بالىلار ئۆيىمىزگە ئىلىپ كىلىشمىزگە ئەمەس بىشىنى مىھرىبانلىق بىلەن سىلىشىمىزغا مۇھتاج، چەتئەللەرگە ئىلىپ چىقىپ ئوقۇتۇشىمىزغا ئەمەس،ھەربىر سائەتلىك دەرىسىنى بىجاندىل ئۆتۈپ مەكتەپكە جەلىپ قىلىشىمىزغا ،ئادىميىلىك جەھەتلەردە ئۈزۈكسىز تەربىيە ئىشلەپ ياراملىق ئادەم قىلىشىمىزغا مۇھتاج.
4.ماددى ۋە مەنىۋي جەھەتتىن زارلىنىۋاتقان يىتىم باللارنىڭ ئىھتىياجىنى ھەل قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئەقىدە ئىرىقىغا ئۆزىمىزنىڭ پاكپاكىزە ئەركەك سۈيىنى باشلىماق زۆرۈر ئىدى،چۈنكى شۇ چاغدا چەتئەل ئەقىدەكەشلىرى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن نادان باللىرىمىزنى ۋە خەلىقىمىزنى ئالدىماقتا ئىدى،ئەقىدىسى ئەللامىغا يەتكەن ئابدۇقادىر دامۇللام ئەقىدىمىزنى ئوغۇرلاۋاتقان ئەنگىليە ۋە شىۋىد ئەجنەبىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان،شۇ زاماندا شىۋىتلار بىزنىڭ ئەقىدىمىزنى ئوغۇرلىغاندا ئابدۇقادىر دامۇللام قاتارلىقلار نامايىش تەشكىللەپ ئۇلارنىڭ قارا ئۇۋىسىنى پاچاقلاپ ئەقىدە كۆرىشىدە غەلبە مارشىنى ياڭراتقان،ئەمما ھازىر بىز نىمە ئۈچۈن روھىتىمىزنى چىرمىۋىلىۋاتقان شەخسى مەنپەئەت قاتارلىقلارنىڭ ئالدىدا بۇيۇن قىسىپ ئۇلارنى پاچاقلاپ تاشلىيالمايمىز؟نىمىشقا ماددى مەنپەئەتىنىڭ ئىتقادىمىزنى ئوغۇرلىشىغا يول قۇيىمىز؟نىمىشقا ئۇنىڭغا قۇل بولۇپ ھارماي كەينىدىن سوكىلداشنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىمىز؟!سۇس ئەقىدىلىكىمىزدىن كىلىپ چىققان چوڭ گۇناھلار ئالدىدا نىمىشقا ۋىجدانىمىز ئۆرتەنمەيدۇ؟! بەلىكىم ئۇنىڭ روھى بىزنىڭ ھازىرقى پۇل ئالدىدا ئەقىدىسزلىشىپ ھەممىنى شۇنىڭغىلا ئاتىۋەتكەن،ماددى نەرسىلەرگە كانىدەك چاپلشىپ ئىتقادىمىزنى يوقىتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ قورىنىپ قىلىۋاتقاندۇ.بەلكىم بىزنىڭ بۈيۈك ئەجدادىمىز بولغان ئابدۇقادىر دامۇللامدىكى مىللەت ئۈچۈن گۈلخان بولۇپ يانغان ئەقىدە ھازىرغا كەلگەندە مال- دۇنيا،پۇل- پۈچەكنىڭ قۇلى بولۇپ قىلىۋاتقىنىدىن ئوھسىنىۋاتقاندۇ؟!
5.ئۇ ئەقىدىمىزنى قوغداشتىن ئىبارەت ئەلەم كۆرشىنى مۇۋاپىقيەتلىك تاماملاش بىلەنلا قالماي كىشلەرنى ئويغۇتۇشىنىڭ يەنە بىر يولى بولغان قەلەم كۆرىشىنىمۇ توختاۋسىز داۋاملاشتۇرىدۇ. ئابدۇقادىر دامۇللام ئۆزىنىڭ سەمەرلىك ئەمما سۈيقەستكە تولغان شانلىق ھاياتىدا «مورفىلوگىيە ۋە سنتاكىس»،«ئەدەبىياتتىن مۇقەددىمە»،«ئۆسمۈرلەر مائارىپى»،«مۇھىم قائىدىلەر»،« ھەقىقەتلەر جەۋھىرى»قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يىزىپ «سائادەت شاراپىتى ياخشى ئەمەللەر بىلەن بولىدۇ» دېگەن بۈيۈك ئەقىدىنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نىجاتلىق يولىغا ماياك قىلغان.ئەمما ھازىرىقى ئادەملىرىمىزدىن بىرەر پارچە ماقالىمۇ يازمايدىغان،ئىككى قۇر گەپىنى ئوڭشاپ تۈزەلمەيدىغانلارمۇ كۆپ،ئانچە – مۇنچە بىر نەرسە يىزىپ خىزمەت ھاياتىنى مەنالارغا بىزەۋاتقان كىشلەرنى مازاق قىلىپ ياقتۇرمايدىغان كىشللىرىمىزمۇ يوق ئەمەس.ماقالە دەردىدىن ھەر قېتىم ئۇنۋان باھالاش مەۋسۇمى يىتىپ كەلگەندە بولۇپ كىتىدىغان پالاقچىلىق بىزنىڭ ئەشۇ ئاجىزلىقىمىزنى يۈزىمىزگە توختىماي سېلىۋاتقان بولسىمۇ بىز يەنىلا بىمۇۋاپىق يوللار ئارقىلىق ماددى يولىمىزنى يۇرىتىۋىلىۋاتىمىز،بىرەر نەرسە يىزىپ ھازىرىقى ھالەتتە تۇرىۋاتقان ئاممىنى ئويلاندۇرۇش مەسئۇلىيىتى يوق ئەشۇ كىشللىرىمىز ئەگەر ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىنى باشقىلارغا قىلدۇرۇپ ئۇنى يەنە ئۆزىمىزگە ئىشلىتىپ جان باقارمۇ دېگەن تەشۋىشلىك ئويلار ھەر ۋاقىت قۇزىچاقىنىڭ ئالدىدىكى بۆرىدەك خياللىرىمىزنى گادىرماچ قىلىۋىتىدۇ.
دىتى بار بىر دوختۇرنىڭ بىمارنى مۇۋاپپىقيەتلىك ئوپراتسىيە قىلىشقا ئىشەنچىسى بولمىسا ھەرگىز بىمارنى ئوپىراتسىيە قىلمايدۇ.ۋۇجۇدىنى مەسئۇلىيەت چىرمىغان بىر ئوقۇتقۇچىدىمۇ ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكە چىن ئەقىدە ۋە ئىشەنچ بولمىسا مۇنبەرگە خالىغانچە دەسلىمەيدۇ ۋە دەسلىيەلمەيدۇ.ئەپسۇس ئۆزىنىڭ چىن ئەقىدىسى بىلەن ئەمەس ئۇ يەر بۇ يەردىن توپلىۋالغان ياماق ئىتقادى بىلەن مۇنبەرنى كاساتلاشتۇرىۋاتقان،كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ پارلاق مەزىلىنى سۇئال دوۋىسى بىلەن توسۇپ قويىۋاتقان قىسمەن مۇئاشچى مۇئارىپىچىللىرىىمىز كاللىسىنى مۇزدەك سۇغا تىقىپ سەكىتىمىسە بولمايدىغان زاماننىڭ قاچان كىلىدىغانلىقىدىن بىخەۋەر يەنىلا راڭۋازلىقىنى توختاتمايۋاتىدۇ.زامان بۇنداق كىتىۋەرمەيدۇ،ئىنىقكى ئەمدى ئۇلارنى چەكلەيدىغان زامان كەلدى. مىنىڭچە ئۆز ئەقىدىسى ۋە مەسئۇليىتىنى ئۇنتۇغان قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار يىڭى مائارىپ بايراقدارى ئابدۇقادىر دامۇللام،مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق مائارىپ پىشىۋالىرىمىز ھەققىدە يىزىلىغان بىباھا كىتاپلارنى،نادىر ماقالە-ئەسەرلەرنى يىلدا بىر قىتىم ئوقۇپ تۇرسا بولغىدەك.ئابدۇقادىر دامۇللامدىكى ئەقىدە - ئىھتىراس تار دائىرە ۋە مەزمۇندىكى پۈچەك ئەقىدە بولماستىن كەڭ دائىرىدىكى مىللەت ئۈچۈن لاۋۇلداپ يانىدىغان ھەقىقي ئەقىدە ۋە تاغ چوقىسىدىكى قار لەيلىسىدەك ئىتقاد ئىدى.بىز ھازىر دەل ئەنە شۇ خىل ئەقىدىگە چۆلدە قالغان ئاشىق كەبى زار بولۇپ،تۇتىيا كەبى كۆزىمىزگە سۈرتكىدەك بولىۋاتىمىز.زارا بولىۋاتقىنى يەنىلا بىزنىڭ خەلقىمىز. گەرچە بىز شۇ خىل روھ ۋە ئىتقادقا شۇنچە تەقەززا بولساقمۇ«ئاغزىدا كۈلكە-چاقچاق،قويىندا پالتا-پىچاق»دېگەندەك ئەشۇ روھ بىلەن تىنىم تاپماي ئىشلەۋاتقانلارنىڭ پۇتىغا ئامال قىلىپ بىر يوللار بىلەن چەمەك سىلىۋاتىمىز.قارىغاندا قاپاق ئەمەس باراڭ بازار تاپقان مۇشۇ كۈنلەردە قولىنىڭ ئۇچىدا ئىش قىلىش مودىغا ئايلىنىپ نورماللىشىپ كىتىۋاتقاچقا ئەقىدە ئىتقادىمىز خۇددى ئەنقا تۇخۇمى غايىپ بولغاندەك ئارىمىزدىن، روھىيتىمىزدىن سارقىپ كىتىۋاتقان ئوخشايدۇ.
بىز مائارىپچى تۇرۇپ ئۆز مىللىتىمىز مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى بايراقدارلىرىمىزنى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى بىلمىسەك تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.مەن توۋەندە مۇنۇلارنى تەنەپپۇسلۇق ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەن.
★ئۇيغۇر ھازىرىقى زامان پەننى مائارىپىنىڭ تۇنجى ئاساسچىللىرى ھەم ماددى ۋە مەنىۋي يىتەكچىللىرى ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلاردۇر. ھۆسەيىنباي(1884-1926)،باھاۋۇدۇنباي (1851-1928) لار ئۆزىىنىڭ سودىدىكى ماھىرلىقى،زىھىنى-زىياتىنىڭ ئۆتكۈرلىكى،يىراق مۆلچەرلىكى بىلەن ھازىرقى زامان پەننى مائارىپىغا ئۇل سالغان.يىڭىچە زاۋۇت قۇرۇپ ، مەكتەپ سالغان.مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋىتىپ يىڭىچە پەننى مائارىپىنىڭ ھەممە يۇرتتا تەڭ بىغلىنىشىغا پەرۋىشكار بولغان.
★ئۇيغۇر پەننى مائارىپىنىڭ مەشھۇر سەركەردىسى،داڭلىق پىداگوك، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پۇتبول ھەركىتىنىڭ ئاساسچىسى تۇرسۇن ئەپەندى (1886-1937). ئۇ ھەرخىل تەنتەربىيە تۈرلىرىنى تەشەبۇس قىلىپ رايۇن،ۋىلايەتلەرنىڭ ئامىۋىي پائالىيىتىگە ئايلاندۇرغان،ئۇ تەشكىللىگەن ئىكساق پۇتبۇل كاماندىسى ئەنگىليىە كاماندىسىنى بىرگە قارشى ئىككى،شىۋىتسىيە كاماندىسىنى نولگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان.
★ئاياللار ئازاتلىقىنىڭ يول باشچىسى،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پەننى مائارىپىدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى راھىلە خانىم(1860-1917)شۇ دەۋىردىكى ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىس مۇنبىرىگە چىقىپ دەرس ئۆتمەسلىك تارىخىغا خاتىمە بىرىپ ئەشۇ ئەقىدىسدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغان ۋە نۇرغۇن مۇئەللىمەلەرنى يىتىشتۇرگەن.
★ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى،مەرىپەت مەشئىلى،دىداكتىك شائىر مەمتىلى ئەپەندى(تەۋپىق)(1901-1937)ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىنى ئۇيغۇر مىللى مائارىپىغا بىغىشلىغان ،ئۆز ئەقىسىنى تەۋپىقلىقتا ئىپادىلەپ قەستىگە ئۇچىرىغىچە بولغان تىنىقىغىچە مەرىپەت دۇشمەنلىرى بىلەن تىغىمۇ-تىغ ئىلىشقان.
★ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى مەكتەپ«ھۆسەينىيە مەكتىپى» 1885- يىلى ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان.ئەيىنى چاغدا ئۆزىنىڭ ئىلغار،زامانىۋي،ئەسىلىھەلىرى تولۇق بۇ مەكتەپ تەڭرى تىغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى يىگانە مەرىپەت بۆشىكىگە ئايلانغان.
★ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى پىداگوگىكا مەكتەپ«قەشقەر دارىمۇئەللىمىن »مەكتەپ 1907-يىلى قۇرۇلۇپ ئىككى يىل ئىچىدە40تىن ئارتۇق مۇئەللىمنى تەربىيلەپ قەشقەر ،خۇتەن،گۇچۇڭ ،قۇتۇبى قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىپ يىڭىچە پەننى مائارىپىنىڭ ھەممە يەردە تەكشى بىغلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
مەيلى قانداق ئىش قىلايلى ئادەمدە مەلۇم مۇددا ۋە نىيەت بولىدۇ.ئەقىدە دەل ئەشۇ ساپ نىيەتىنى روياپقا چىقىرىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ھەركەتلەندۇركۈچى كۈچ .ئەمما ئەقىدە - ئىخلاسى ساپ بولمىغان ئادەمىنىڭ دۇرۇس ياشىمىقى مۈشكۈل ئىش.بۇنداق كىشلەرنىڭ نىيەت ئىقبالىنىڭ قىسمىتى گۇڭگا بولىدۇ.ئالىملىرىنى ئۆز تىغى بىلەن ئۆلتۈرۈپ يوقىتىدىغان خەلق جاھالەت ۋە نادانلىق ئاسارىتىدىن مەڭگۈ قۇتىلالمىغىنىدەك ئۆز يۇرتىدىن،پۇشتىدىن،ئۆز مىللىتىدىن،ئۆز قانۇ-قىرىنداشلىرىدن بولغان ئەۋلادلىرىغا ئۆزىنىڭ يىمىرلمەس ئەقىدىسى،ئىخلاسى بىلەن مۇئامىلە قىلالمىغان مىللەتمۇ ئۇزۇنغا بارماي ھالاكەت گىردابىغا بىرىپ زۇۋال تىپىشتىن قۇتۇلالمايدۇ.بىز ئابدۇقادىر دامۇللام بىلەن بىر قان سىتىمىسدا ئىدۇق،ئۇ بىزنىڭ پەخىرلىك، شۆھرەتلىك ئەجدادىمىز ئىدى.ئەمما ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى غاپىللىق،روھىدىكى پارتىلاش، ئىرادىسىدىكى سۇنماسلىقنى ئۆردەككە سۇ يۇقىمىغاندەك ئۆزىمىزگە يۇقتىرالماي كەپتۇق. يۇقانلىرىمىزنى يۇقىمىغانلار ھەرخىل ھىلىيە-نەيرەڭ،غەيۋەت-شىكايەت بىلەن چۆكۈرۈشىنى ئويلاپتۇ.خۇددى ئابدۇقادىر دامۇللام ئىيتقانداق«كىشلەرنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى ھەجىۋەي قىلدىغان كىشى پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ھەجىۋي بىلەن يارا قىلغانلاردۇر،بۇنداقلارنىڭ ھەجىۋىيسىگە تۈكۈرمەك كىرەك.»مەن بەزىدە گەرچە شەكىلىدە ئۆزگىرىش بولغان بىلەن ماھىيەتتە قىلچىمۇ ئۆزگىرىش بولمىغاندەك ھىس قىلىمەن.نىمىشقا دىگەندە شۇ دەۋىرىدىمۇ بىلىم ئىگىلىرىنى قوللىمايدىغان ئىش باركەن،ھازىر بىلىم ئىگىللىرىنى مەنسىتمەيدىغان ئىش بار،بىلىم ئىلىشىنى خالىمايدىغانلار شۇ چاغدىمۇ بارئىكەن،ھازىرمۇ بار،ئۇقۇشىنى خالىمايدىغان كىشلەر بۇرۇنمۇ بار ئىكەنتۇق،ھازىرمۇ تىخى تەلتۈكۈس يۇقىغىنى يوق.شۇ چاغدىكى قىسمەن نادان، ئەخمەق كىشلەر ئازغىنە پايدا مەنەپئەتىنىڭ قۇلى بولۇپ ئىلمۇ – ئىرپان بۇلاقلىرىنىڭ كۆزى بولمىش ئەشۇ ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ بۇلدۇقلاۋاتقان كۆزىگە نادانلىق توپىسىنى چېچىپ ئابىھايات مەنبەلىرىمىزنى قۇرۇتقان،ئۆزىمىزنىڭ ئالىم،پازىللىرىمىزنى ناپاك قولى بىلەن قەستەن ئۆلتۈرگەن، گەرچە بىز ھازىر داڭلىق كىشلەرنى ئۆلتۈرمىگەن،ھەركىتىمىزدە قەستەنلىك بولمىسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ قىلدەك مەنپەتىنى دەپ مىللەتىنىڭ روھىنى ئەينى چاغدا ئابدۇقادىر داموللام بالىلارنى ياندۇرۇپ چىققان گۈلەخلەرگە قايتىباشلاتىن كۆمىۋاتىمىز.مەن شۇنىڭغا قاراپ 150 يىلدىن بىرى ھىچقانداق ئۆزگىرىش ياسالماپتۇق دەپ ئويلاپ قالدىم.شۇنداقلا يەنى شۇنى جەزىملەشتۇردۇم، 150يىلدىن بىرى ئابدۇقادىر دامۇللامدەك يىقىلماس ئەقىدە ۋە يىمىرلمەس ئىتقاتتا ياشاپ كەلگەن ئادەملەر يىلسىرى كۆپەيمەكتە يوق ئازىيىشقا باشلاپتۇ .
ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ ئۆلۈمدىكى بەھەيۋەت بىزنى قايىللىقىمىزنى قانچە ئاشۇرساقمۇ ئازلىق قىلغاندەك ھىسقا كەلتۇرىدۇ.يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ئۇنىڭ جىنازىسىنىڭ بىر ئۇچىنى بولسىمۇ تۇتۋىلىشقا ئالدىرىغان خەلق دەل بىزنىڭ خەلقىمىز ئىدى،ھازدار بولغان ئامما ئۈچۈن ھەقسىز نان يىقىپ ئۈلگۈرتەلمىگەن خەلقمۇ دەل بىزنىڭ خەلىقىمىز ئىدى،تاكى كۈن ئولتۇرغىچە ئۇنىڭ مىيىتىنى بىشدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۇپ كوچىمۇ-كوچا ئايلاندۇرغان، دەرقەمتە قەبرىستانلىققا ئىلىپ بىرىپ نامىزنى چۈشۈرگەن خەلىقمۇ دەل بىزنىڭ خەلىقىمىز ئىدى. خەلق ئەشۇنداق ئۇلۇغلىقى بىلەن دەل ئابدۇقادىر دامولامدەك يۈكسەك ئەقىدە ۋە ئىخلاستا بارلىقىنى ئەل ئۈچۈن ئاتىغان ئەزىمەتلەرنى بىشىغا ئىلىپ كۆتۈرىدۇ.ماماتىدىن كىيىنىمۇ چوڭقۇر ئاۋرىيىنى ۋە قەدىرىنى قىلىدۇ. ھامان بىر ئۆلۈم ،شۇڭا ياشىغان ئىكەن دەل ئەنە شۇنداق ياشىماقلىق كىرەك.بىز ئابدۇقادىر دامۇللامدەك كىتاپ يازمايلى،يىتىم-يىسلارنىڭ بىشىنىمۇ سىلمايلى،باشقا ئىشلانىمۇ قويۇپ تۇرايلى،ئۆزىمىزگە بىرىلگەن بىر سائەتلىك تەربىيە پۇرسىتىنىمۇ چىڭ تۇتمايمىز،دەرسىنى زىھنىياتىمىز بىلەن،جان دىلىمىز بىلەن ئۆتمەيمىز.ئەقىدە بولمىغان ئادەمدە ۋىجدان بولمايدۇ.ۋىجدان بولمىغان ئادەمدە نۇمۇس بولمايدۇ.نۇمۇسىز ئادەمىنىڭ قولىدىن ھەر-ھەر بالالار كىلىدۇ.ئەقىدە بابىدا كامالەتكە يەتكەن،مىللەتكە يۈكسەك مەسئۇليىەت بىلەن قارايدىغان ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ نىيەت،مۇستەھكەم ئىتقاتلىق كىشلەر ئۆز ئەقىىدىسى بىلەن تارىخ يازىدۇ. يىمىرىلمەس ئىتقاد ۋە ئەقىدە بىلەن يىزىلغان تارىخ مەڭگۈ ئۆچمەي پارلايدۇ.ئەقىدە پارلىغان جايدا ئامەت قۇشى توختىماي قانات قاقىدۇ.ئۇ ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىمىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ھاياتىدا ئەقىدىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىنى بىزگە نامايەن قىلىپ كۆرسىتىپ ئۆتتى، ئەقىدىسى سۇسلارغا ئەقىدە مەلھىمى ياساپ قالدۇردى.ئۆز ئەقىدىسىدىن زۇۋۇلا ئۈزۈپ خىمىتۇرۇچ قىلىپ ئەقىدە – ئىتقادى ئويغاقلارغا ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ پارلاق يولىنى ئىچىپ بىرىپ كەتتى.ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ھايات كەچمىشلىرىدىن شۇنى چۈشەنمەك كىرەككى سۇنماس ئەقىدە،يىرىلمەس ئىتقاتلا مىللەت مەنىۋىيىتىنى ياشنىتىدۇ.مىللەتىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ نىجاتلىق يولى ئاتا قىلىدۇ.
ئادەمنىڭ كاللىسىدا نىمە ئوي بولسا شۇ نەرسە گەپ- سۆز، ئىش- ھەركىتىدە ھەتتا چۈشلىرىدە زايىر بولىدىغان گەپ ئىكەن.ئابدۇقادىر داموللام ۋە بىزنىڭ ھازىرىقى ئەقىدىمىز ھەققىدە ئويىلغانلىرىمغا خاتىمە يىزىۋاتقان كۈنلەردە مۇنداق بىر چۈشىنى كۆردۈم : تاغ ئۈستىدە پۈتكۈل زىمىنغا نۇر چىچىپ تۇرغان بىر نەرسە پەسىتىكى نۇرغۇن كىشلەرنى جەلىپ قىلىپتۇ.نۇرغۇن كىشلەر ئۇنى چوقۇم ئالتۇن دەپ ئويلاپ تاققا يامىشپتۇ،ئەمما قىسمەن زىيالى سۈپەت كىشلەر ئۇنى چوقۇم ئىنسانلارغا بەخىت كەلتۇرگۈچى نۇر بولىشى،ئۇنىڭغا يەتكەن كىشىنىڭ چوقۇم بەخىت ئىقبالى زىيادە بولىشى،مۈمكىن دەپ ئويلاپ نىشانغا قاراپ ئاتلىنىپتۇ.ئالتۇن ۋە بەخىت نۇرى دەپ ئىككى خىل مۇددادا ماڭغان كىشلەر جان-جەھىلى بىلەن يامىشىشقا باشلاپتۇ.ئەمما تۇيۇقسىز قاران بوران چىقىپ ئۇنى ئالتۇن دەپ نىيىتىنى بۇزۇپ ماڭغان كىشلەرنى شامال ئۇچۇرتىپ كىتىپتۇ.گەرچە بۇ بىر چۈش بولسىمۇ  مىنى خىلى تەرلەتتى.بىز ئۇزۇن يىل مائارىپ ئۈچۈن ئەجىر-مىنىتىنى تامدۇرغان،ئەقىدىسىدىن مىنىتمۇ ئىغىشماي مەسئۇليىەت تۇيغىسدا مائارىپ ھاياتىنى مەپتۇنكار گۈلدەستىلەرگە پۈركىگەن ۋە پۈركەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىنى تاغلاردىن يۈكسەك،چوقىلاردىن ئۇلۇغ قىلىپ تەرىپلەيمىز.شۇنى ئويلاپ يەتتىمىكى بۈركۈتكە ئوخشاش يۈكسەك ئىرادە ۋە چىدامچانلىق بىلەن ئۆزنىڭ پاك ئەقىدىسى يولىدا تىنىمىسز ئالغا ئىلگىرلىگەن ئۇستازلارنىڭ تۇرار جايى ئەنە ئاشۇنداق ئەڭ ئۇلۇغ،ئەڭ يۈكسەك جاي بولىدۇ.
(ئاپتۇر:يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 15:45:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن،مەن بۇنىڭىدىن خىلى كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرشتىم دەپ ئويلايمەن.رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 18:04:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4.ماددى ۋە مەنىۋي جەھەتتىن زارلىنىۋاتقان يىتىم باللارنىڭ ئىھتىياجىنى ھەل قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئەقىدە ئىرىقىغا ئۆزىمىزنىڭ پاكپاكىزە ئەركەك سۈيىنى باشلىماق زۆرۈر ئىدى،چۈنكى شۇ چاغدا چەتئەل ئەقىدەكەشلىرى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن نادان باللىرىمىزنى ۋە خەلىقىمىزنى ئالدىماقتا ئىدى،ئەقىدىسى ئەللامىغا يەتكەن ئابدۇقادىر دامۇللام ئەقىدىمىزنى ئوغۇرلاۋاتقان ئەنگىليە ۋە شىۋىد ئەجنەبىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان،شۇ زاماندا شىۋىتلار بىزنىڭ ئەقىدىمىزنى ئوغۇرلىغاندا ئابدۇقادىر دامۇللام قاتارلىقلار نامايىش تەشكىللەپ ئۇلارنىڭ قارا ئۇۋىسىنى پاچاقلاپ ئەقىدە كۆرىشىدە غەلبە مارشىنى ياڭراتقان،ئەمما ھازىر بىز نىمە ئۈچۈن روھىتىمىزنى چىرمىۋىلىۋاتقان شەخسى مەنپەئەت قاتارلىقلارنىڭ ئالدىدا بۇيۇن قىسىپ ئۇلارنى پاچاقلاپ تاشلىيالمايمىز؟نىمىشقا ماددى مەنپەئەتىنىڭ ئىتقادىمىزنى ئوغۇرلىشىغا يول قۇيىمىز؟نىمىشقا ئۇنىڭغا قۇل بولۇپ ھارماي كەينىدىن سوكىلداشنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىمىز؟!سۇس ئەقىدىلىكىمىزدىن كىلىپ چىققان چوڭ گۇناھلار ئالدىدا نىمىشقا ۋىجدانىمىز ئۆرتەنمەيدۇ؟! بەلىكىم ئۇنىڭ روھى بىزنىڭ ھازىرقى پۇل ئالدىدا ئەقىدىسزلىشىپ ھەممىنى شۇنىڭغىلا ئاتىۋەتكەن،ماددى نەرسىلەرگە كانىدەك چاپلشىپ ئىتقادىمىزنى يوقىتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ قورىنىپ قىلىۋاتقاندۇ.بەلكىم بىزنىڭ بۈيۈك ئەجدادىمىز بولغان ئابدۇقادىر دامۇللامدىكى مىللەت ئۈچۈن گۈلخان بولۇپ يانغان ئەقىدە ھازىرغا كەلگەندە مال- دۇنيا،پۇل- پۈچەكنىڭ قۇلى بولۇپ قىلىۋاتقىنىدىن ئوھسىنىۋاتقاندۇ؟!
بۇ قۇرلارنى  ئۆزىنى ئۇيغۇرمەن دەپ يۇرىۋاتقان ئەمما    ئاشۇ ئۇيغۇرلارغا  خاس خىسلەتلەرنى يوقاتقان ئەركەكلەر يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ ئۆز كەچمىشلىرى توغرىسىدا ئويلىنىپ باقسا بولغىدەك .   بىزدىكى ئۇيۇشقاقلىق  ، پاك - دىيانەتلىك ھەم ئەخلاقى - پەزىلەتلىك ،دىنىي ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولۇشتەك  ئېسىل خىسلەتلىرىمىز نەگە كەتتى ھەم كېتىۋاتىدۇ .
رەھمەت سىزگە
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 01:14:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز .  ئابدىقادىر جالالدىننى مائارىپ سېپىدىكى ھەر بىر ئۇقۇتقۇچى تۇلۇق بىلىدۇ دەپ قارايمەن . دىمەك ئابدىقادىر جالالدىننى قانچىلىك تەرىپلىسەكمۇ ئەرزىيدۇ.
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:22, Processed in 0.481054 second(s), 41 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش