كۆرۈش: 340|ئىنكاس: 1

دېڭىز سەپىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
10.   ھەپتە  2013 -يىلى   -ئاينىڭ  - كۈنى   تولۇق 1-يىللىق سىنپلارغا  2سائەت ئۆتۈلىدۇ.
   دەرس ماۋزۇسى:                           دېڭىز سەپىرى
     دەرستىن ئاۋالقى سىناق :
. 1 سىز نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ "كۈچ ئۇلاپ يۈگرەش كالتىكى "،جۇزىچىڭنىڭ "نىلۇپەر كۆلىنىڭ ئايدىڭدىكى مەنزىرىسى"دېگەن نەسىرلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئىپىك،لىرىك نەسىر ھەققىدە قانداق چۈشەنچىگە ئېگە بولدىڭىز؟
. 2نەسىر نېمىلەرنى ئۆلچەم قىلىپ قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟
. 3ئىپىك نەسىر دېگەن نېمە؟
    ئوقۇتۇش نىشانى :
    مۇھىم نۇقتا
  1)ئەسەرنىڭ ئاپتورى ۋە ژانېرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش .
  2)ئەسەرنى ئىپادىلىك توغرا ئوقۇش ،
  3)ئېپىك نەسىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش،
4)ئېپىك نەسىرلەرنىڭ ۋەقەلىكنى بايان قىلىش بىلەن ھېسىياتنى ئېزھار قىلىش قېلىشنى چۈشىنىش ئاساسىدا مەركىزى ئىدىيىنى ئىگىللىتىش،
  5 ) ئەسەردىكى «مەن» نىڭ مايمۇن بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرغاندىكى  تۇيغۇسىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش.
         ھەل قىلىش ئۇسۇلى
     ئىپىك نەسىرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىگى چۈشەندۈرۈلۈپ بايان ماقالىسى بىلەن ئېپىك نەسىرنىڭ پەرقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ مۇھىم ، قىيىن نوقتىلار ھەل قىلىنىدۇ. سوئال قويۇش ۋە جاۋاپ بىرىشكە يېتەكلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.  
  قىيىن نۇقتا: نەسىرنىڭ ھېسسىيات قاتلىمىنى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشىنى چۈشىنىش.
يېزىلىش ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش.
      قىيىن نۇقتىنى ھەل قىىلش:سۆھبەت ،مۇلاھىزە ،كىچىك سۇئاللار ئاساسىدا ھەل قىلىنىدۇ.
      ھېسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى:
      بۇ نەسىرنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئادەم بىلەن ئادەم ،ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىش ۋە ھاياتلىققا  ئاكىتىپ پوزىتسىيەتۇتۇش،توغرا قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇش ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلىدۇ .  ئوقۇتۇش ئۇسۇلى.
     بۇ دەرىسنىڭ بايان قىلىنىش ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا نەسىردە تەبىئەت تەسۋىرىگە ھېسسىيات تەبىئىي سىڭدۈرۈلۈپ ئىپادىلىگەن. ئادەم بىلەن ئادەم ،ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى مىھرى مۇھەببەت،ۋە ئىشەنچ ھېس قىلدۈرۇلىدۇ.ئوقۇتقۇچى يىتەكلەشنى ئاساس قىلىپ ئەسەردىكى دىتاللارنى تەھلىل قىلغۇزۇش،بۇنى كۆنۈكمە تەلىۋى بىلەن باغلاش ئارقىلىق خۇلاسە چىقىرىش،ئۇسۇلى قوللىنىلسا ياخشى دەپ قارايمەن .
.2ئوقۇتۇش قۇراللىرى:   
پېلاستىنكىدىكى ھەرخىل كۆرۈنۈشلەر،كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى، دەرسلىك كىتاب ۋە باشقا پايدىلانمىلار.
    ئۆگىنىش ئۇسۇلى.  
.1    ئوقۇغۇچىلارنى دېڭىز سەپىرىدىكى ئىككى ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنىھېس قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش،
.2    مەن بىلەن ماتروس ،مەن بىلەن مايمۇن ئوتتۇرسىدىكى ھېسسىيات ئۆزگىرىشى ئاساسىدا مۇلاھىزە نۇقتىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.  
      
       ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :
   بۇ دەرس ئىككى سائەت ئۆتۈلىدۇ.
.1سائەتتە:نەسىرنىڭ ئاپتورى تونۇشتۇرىلىدۇ، ۋەقەلىكنى ئىگەللەش،يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ،مۇھىت تەسۋىرىنى ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ھېسسىياتنى  چۈشىنىش ،باش تېمىسىنى ئېگەللەش تەلەپ قىلىنىدۇ.تەھلىل سۇئاللىرى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ.ئاخىرىدا  تېكىست ھېسسىياتلىق ئوقۇلۇپ تەھلىلگە يېتەكلىنىدۇ.
.2سائەتتە: مۇھاكىمە ۋە مەشق سۇئاللىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھلىل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ،ئاخىرىدا مەشق ئىشلىنىپ خۇلاسە چىقىرىلىدۇ.
1.سائەتتە:
    يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش :
   ئوقۇتقۇچى:سىز ئۆزىڭىزنى دېڭىزدا ياكى چۆلدە پەقەت بىر مويسىپىت بىلەن سەپەر قىلىۋاتىسىز ،سىلەرگە بىر ئېشەك ياكى بىر مايمۇن ھەمراھ دەپ بىلەيلى ئەگەر سىسنىڭ ھەمرايىڭىز بولمىش ھېلىقى مويسىپىت ئادەم جىمغۇر بولۇپ سىزگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلسا سىزگە ئەتراپتىكى مۇھىت قانداق بىلىنەر؟سىز قانداق تۇيغۇغا كېلەرسىز ؟بۇنى قەغەز يۈزىدە ئىپادىلىيەلەمسىز؟
  ئوقۇغۇچى:بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشقا يېتەكلىنىدۇ.يېزىپ چىقىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ.بىر ئىككىسىنى ئوقۇتۇپ بېقىلىدۇ.
   ئۇنداقتا بۇ سائەتتە ئەنە شۇنداق دېڭىزدىكى سەپەر ئىپادىلەنگەن نەسىرنى كۆرۈپ باقايلى ئۇ ھېسسىياتىنى بىۋاستە ئىپادىلىگەن سۆز جۈملىلەرنى ئۇچرىتالامدۇق يوق،شۇنداقتىمۇ ئۇ ھېسسىياتنى قانداق ئىپادىلەپتۇ؟شۇ ئاساستا دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
     ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش
ئاپتورىنى تونۇشتۇرۇش :
  ئۇسسۇل:سۆھبەت ۋە بايان قىلىش.
  تۈر گېنېف (1818- 1883) رۇسىيە يازغۇچىسى، دىراماتورگ ۋە شائىرى. «ئوۋچى خاتىرىلىرى»، «رودىن»، «ئاتىلار ۋە بالىلار»، «ئاقسۆڭەك ئائىلىسى»، «ھارپا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. تۈرگېنېفنىڭ يەنە بىر قىسىم درامىلىرى ۋە 82 پارچە نەشرىي شېئىرى بار. تۈرگېنېف فىرانسىيەدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردە شۇ يەردە ئەۋج ئالغان سىمۋولىزم ئېقىمى ئۇنىڭغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن، شۇڭا ئۇ «مۇھەببەت يولى»دىكى نۇرغۇن نەسرىي شېئىرلاردا سىمۋولىزملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
    ئەسەرنى ئوقۇش: ئوقۇتقۇچى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئوقۇپ بېرىدۇ  .3~5كىچە ئوقۇغۇچى تەلەپ بويىچە ئىپادىلىك ئوقۇيدۇ.كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ۋاقتىدا تۈزىتىلىدۇ.ئوقۇش جەريانىدا تەھلىل نوقتىلىرىغا ئاساس سېلىش ئۈچۈن مۇھىم ئورۇنلارغا بەلگە سېلىپ ماڭىدۇ.
  يېڭى ئۇچرىغان سۆزلەرگە ئىزاھات:
  كاپىتان-
  ماتروس-
پالوبا-
كېمە ماچتىسى-
   تەھلىل باسقۇچى:بۇ دەرسنى ئوقۇتۇشتا مەشىقتىكى سۇئاللارنى تەھللىل قىلىشقا يېتەكلەش بىلەن بىر گە ئىجادى سۇئاللار چىقىرىلىپ ئادەم بىلەن ئادەم ،ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى مىھرى مۇھەببەت،ۋە ئىشەنچ ھېس قىلدۈرۇلىدۇ، تەھلىل جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشكە يېتەكلەش ئۇسۇلى قوللىنىلدۇ
ئوقۇتقۇچى: يوقارقى جاۋاپلاردىن مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق ، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بېقىڭلار.
      ئوقۇتقۇچى: نەسىردە << مەن >> مايمۇنغا قانچە قېتىم قول بەردى ؟ بىرىنچى قېتىم قول بەرگەندىكى << مەن>> نىڭ ھېسياتىنى ئىيتىپ بېرەلەمسىز ؟
     ئوقۇغۇچى: تېكىستنىڭ بېشىدىلا مايمۇن بىلەن «مەن»نىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر بايانلار بېرىلگەن. ئۇزۇن زەنجىر بىلەن پاراخوتنىڭ پالۇبىسىدىكى بىر ئورۇندۇققا باغلاپ قويۇلغان، تىنىم تاپماي ئۇيان- بۇيان قاتراپ خۇددى قۇشلارنىڭ سايرىشىدەك ئېچىنىشلىق چىرقىراۋاتقان مايمۇن «مەن» ئۇنىڭ يېنىدىن ھەر بىر ئۆتكەندە ھەم قارا، ھەم سوغۇق كىچىك قوللىرىنى ئۇنىڭغا سوزىدۇ، غەمكىنلىك چىقىپ تۇرىدىغان كىچىك كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىدۇ، «مەن» مايمۇننىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە جاۋابەن ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم قولىنى تۇتۇپ قويىدۇ. بىرىنچى قېتىم مايمۇن قول بەرگەندە «مەن» مايمۇنغا ئىچ ئاغرىتىش، ئۇنىڭ قەدىر- قىممىتىگە ھېسداشلىق قىلىش، ئۇنىڭ بىچارىلەرچە ھالىتىگە ئېچىنىش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ. گەرچە «مەن» مايمۇنغا ئىچ ئاغرىتقان، ھېسداشلىق قىلغان، ئېچىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئانچە نەزەرگە ئالمايدۇ.
    ئوقۇتقۇچى: . مەن كىم بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى بولدى ؟ ئاقۋىتى قانداق بولدى ؟
    ئوقۇغۇچى:مەن ماتروس بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى بولدى ،بىراق ماتروس بىپەرۋا پوزىتسىيەدە بولدى
مەن يەنىلا يالغۇز سىراش،ئىچى تىتىلداشتىن قۇتۇلالمىدى.

     ئوقۇتقۇچى:"مەن " نىڭ ئىككىنچى قېتىم مايمۇنغا قول بەرگەندىكى ھېسياتىنى ئىيتىپ بېرەلەمسىز ؟
     ئوقۇغۇچى: «مەن»نىڭ بۇ قېتىمقى ھېسسىياتى بىرىنچى قېتىم مايمۇن ئۆزىگە قول بەرگەن چاغدىكى ھېسسىياتىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ مايمۇننىڭ قېشىغا ئۆزى كېلىپ ئولتۇرىدۇ. مايمۇن بىلەن ئۆزىنى بىر قورساق قېرىنداشلاردەم ھېس قىلىدۇ. مايمۇننىڭ خۇددى يېقىن تۇغقىنىغا ئوخشاش ئۆزىگە يېپىشقانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ. ئىككىنچى قېتىم مايمۇنغا قول بەرگەندە «مەن»دە پەيدا بولغان ھېسسىيات مايمۇن بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتتىن تۇغۇلغان مەمنۇنلۇق ھېسسىياتى، «ھەر ئىككىمىزلا بىر ئانىنىڭ بالىلىرى ئىدۇق.» دېيىش ئارقىلىق ھامبورگدىن لوندونغا بارغۇچە سەپەرداش بولغان بىرى تىللىق، بىرى تىلسىز جانلىقنىڭ ۋەتەنداشلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ ئارقىلىق مايمۇننىڭ سەۋەبىدىن «مەن»دىكى غېرىبسىنىش، مىسكىنلىك ۋە تەنھالىق تۇيغۇلىرىدىن قۇتۇلۇشتىن ھاسىل بولغان خۇشاللىق ھېسسىياتى ئىپادىلىگەن.   
   ئوقۇتقۇچى: 4 . بۇ ئىككى قېتىملىق قول بېرىشتىن كېيىن << مەن >> بىلەن مايمۇن ئوتتۇرسىدىكى دوستانە مۇناسۋەتنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار قايسى ؟
   ئوقۇغۇچى:1) «مەن»نى چىرمىۋالغان غېرىپ، مىسكىنلىك ۋە تەنھالىق تۇيغۇسى. «مەن» بۇ خىل غېرىبلىق تۇيغۇلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كېمە باشلىقىنىڭ يېنىغا پاراڭلىشىشقا بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى يوققا چىقىدۇ. شۇڭا «مەن» ئاخىرى مايمۇننىڭ قېشىغا بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
2 )مايمۇننىڭ تەشەببۇسكارلىقى. ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتماي، يالغۇز قالغان مايمۇن «مەن» ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە «مەن»گە قولىنى سوزىدۇ. «مەن» ئۇنىڭ قولىنى تۇتسا، چىرقىراشتىن، قاتراشتىن توختايدۇ. مايمۇننىڭ بۇ خىلدىكى ئىلتىجالىق ئىش- ھەرىكەتلىرى ۋە ئادەمخۇمارلىقى «مەن»نى مايمۇنغا يېقىنلاشتۇرىدۇ.
3 )كېمە باشلىقىنىڭ بىپەرۋالىقى. «مەن» ئۇزۇن سەپەردىكى بۇرۇقتۇرمىلىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن كېمە باشلىقى بىلەن پاراڭلىشىش مەقسىتىدە بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بىپەرۋا مۇئامىلىسى ۋە «مەن»نىڭ سوئالىغا ۋايساش بىلەن جاۋاب بېرىشى «مەن»نى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «مەن» ئۈمىدنى مايمۇنغا باغلايدۇ. ئادەمنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى بىلەن مايمۇننىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى «مەن»نىڭ ئېڭىدا روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ مايمۇنغا بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئوقۇتقۇچى: پاراخۇتتا كىملەر بار ؟ مەن بىلەن پاراخۇت باشلىقى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەتنى كىم بىلەن كىم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەت دېيىشكە بولىدۇ ؟<< مەن >> بىلەن مايمۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىچۇ ؟
   ئوقۇغۇچى: ماتروس،مەن ،مايمۇندىن ئىبارەت ئۈچ جانلىق بار،ماتروس بىلەن مەن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت،مايمۇن بىلەن مەن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت دەپ چۈشىنىش مۇمكىن
.7  ئاپتۇر بۇ خىل مۇناسۋەتلەرنىڭ قانداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ؟
    دۇنيادا ئادەملەر ياشىغان ئىكەن، ئۆز ئارا بىر- بىرىنى چۈشىنىشكە، بىر- بىرىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىشقا، بىر- بىرىگە ياردەم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا بۇ خىل مۇئامىلىدىن يىراقلاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى مەنىسىزدۇر. چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇئامىلە، پەرۋاسىزلىق كىشىلەرنى بىر- بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، تەنھالىق تۇيغۇلىرىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇ خىل ھالەت كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇرىدۇ
      ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئالغاندا، تەبىئەت – ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتى تەبىئەت ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئادەملەر بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا بارلىق جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئەت ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى. شۇڭا ئادەملەر بىلەن بارلىق مەۋجۇداتلار قېرىنداشتۇر. ئادەملەر تەبىئەت دۇنياسىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، تەبىئەت بىلەن قارشىلاشماسلىقى، ئەكسىچە تەبىئەتكە دوستانە مۇناسىۋەتتە مۇئامىلە قىلىشى زۆرۈردۇر.
دەرستىن كېيىنكى سىناق:
     ئوقۇتقۇچى:نەسىردىكى << مەن >> بىلەن << مايمۇن >> نىڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشىشىدىن ئىلگىركى ئومۇمىي مۇھىت قانداق ؟
     ئوقۇغۇچى: بىرخىل زېرىكىشلىك بۇرۇختۇملۇق مۇھىت ئىدى.
     ئوقۇتقۇچى:بۇ خىل مۇھىت بىلەن << مەن >> نىڭ كەيپىياتى ئوتتۇرسىدا قانداق باغلىنىش بار؟
    ئوقۇغۇچى: زىچ ئىچكى باغلىنىش بولۇپ . ئەنە شۇ مۇھىت مەندە يالغۇز سىراش،ئىچى تىتىلداشنى پەيدا قىلغان.بۇخىل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنى ئۈچۈن ئادەمدىن ياردەم ئىزدەپ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ.
     ئوقۇتقۇچى:سىز ئاپتۇرنىڭ << مەن >> نىڭ روھىي دۇنياسىنى ئىپادىلەشتە قانداق ئۇسۇل قوللانغانلىقىنى ھېس قىلالىدىڭىز ؟
     ئوقۇغۇچى:مەنزىرە تەسۋىرىگە بىردە زېرىكىش ،يالغۇزسىراش تۇيغۇسىنى سىڭدۈرسە بىردە روھى ئىجىللىقنى يوشۇرۇن ئىپادىلەيدۇ.بۇ ھېسسىياتنى ،كەيپىياتنى بىۋاستە ئىپادىلىمەستىن مۇھىتقا سىڭدۈرۈپ ئىپادىلەشتىن ئىبارەت بەدىئى ماھارەتنى نامايەن قىلىدۇ.
   تاپشۇرۇق :
  1  . كۆنۈكمە سۇئاللىرىنى مەشىق دەپتەرگە ئىشلەپ كېلىڭلار
.2 ئەسەردىكى << بىز بىر ئانىنىڭ بالىلىرى ئىدۇق >> دېگەن جۈملە مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىپ كېلىڭ .
3.ئەنئەنىۋىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئائىت ماقال-تەمسىلدىن بىر قانچىنى توپلاپ كېلىڭ .  



دوسكا لاھىيىسى:
                                       دېڭىز سەپىرى
                       (ئىپىك نەسىر)               تۇرگىنىف



                                                                    
                                                                                             



گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكىرى:
                                                      

دەرىستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:


گۇرۇپپا باشلىقى پىكىرى:

                                                                    يىل     ئاي        كۈن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-11 00:34:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا بىر ماۋسۇملۇقنى بىر توپلام قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز نادىرلاشقا تىگىشلىك تېما ئىكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېرىياللىرى تورىمىزدا سەل كەمچىل شۇڭا كۆپرەك قوللاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش