| 5.ھەپتە 2013-يىلى 9 -ئاينىڭ 16 - كۈنى تولۇق 1-يىللىق سىنپلارغا 1 سائەت ئۆتۈلىدۇ. . 13بىر ئادەمگە نۇرغۇن زىمىن لازىممۇ لېف تولىستوي دەرستىن ئاۋالقى سىناق : .1لىف تولىستوي كىم ؟قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ؟ 2.باخۇم قانداق ئوبراز؟ 3.ئالۋاستى ۋەسۋەسىسى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئوقۇتۇش نىشانى : مۇھىم نۇقتا ①پىرسۇناژلار خاراكتىرى ۋە پىسخىكىسى كۆپ تەرەپلىمە تەسۋىرلىنىپ پىرسۇناژلار ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەت ۋە توقۇنۇشنىڭ مۇكەممەل ئىپادىلىنىدىغىنىغا ئېگەللەش. ②ئالۋاستىنىڭ ۋەسۋەسىسنى چۈشىنىش ئاپتورنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالۋاستىنىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئارزۇ-ئارمان ۋە رىقابەتكە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى چۈشىنىش ③ ئەنئەنىۋىي ۋەقە پىروزا ئەسەرلىرىدە ۋەقە، مۇھىت، پىرسۇناژلارنىڭ جانلىق ئېنىق تەسۋىرلىنىدىغانلىقىنى، زىدىيەت – توقۇنۇشلارنىڭ مۇكەممەل بولىدىغانلىقىنى، ھازىرقى زامان زامان يېڭىچە پىروزا ئەسەرلىرىدە پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىش بەكرەك تەكىتلىنىدىغانلىقنى، ۋەقەلىكمۇ سۇسراق بولىدىغانلىقىنى ئېگىلەش. ھەل قىلىش:ئوقۇش جەريانىدا سۇئال بىرىپ ئويلىتىش،مۇھىم نوقتىلارغا بەلگە قويۇش ،تەھلىلدە كىچىك سۇئاللارنى بىرىپ تەھلىلگە يېتەكلەش ئاساسىدا ھەل قىلىنىدۇ قىيىن نۇقتا : (1) پىروز ئەسەرلىرىنىڭ تىلدىن پايدىلانغاندا بايان تىلى بىلەن پىرسۇناژ تىلىنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ پىرسۇناژنىڭ خاراكتىرى، ئالاھىدىلىكى ۋە سالاھىتى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش. (2) ئوبراز يارىتىشتىكى ئۇسۇلىنى ھېس قىلىش ۋە ئوبرازلارنىڭ رەڭدارلىقى ۋە خاسلىقىنى چۈشىنىش. ھەل قىلىش: مۇھىم ئۇچۇرلاردىن پارچە بىرىپ تەھلىلگە يېتەكلەش ئاساسىدا ھەل قىلىنىدۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : سۆھمەت مۇلاھىزە ،مەشىق خۇلاسە. جەريان لاھىيىسى: بۇ دەرس بىر سائەتتە ئۆتۈلىدۇ. ئوقۇتقۇچى:ھاياتنىڭ قىزىقى توختاۋسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئارزۇ –ئارمان، رىقابەتتە بولىدۇ. شۈكۈر- قانائەت ئاجىزلارنىڭ تەسەللى دەستۇرى.پۇل تاپقانلار ۋە بېيىغانلار رىقابەتتە ئۈزۈپ چىققانلار''-مېنىڭچە بۇ ئاپتورنىڭ كۆزقارىشى ئەمەستەك قىلىدۇ. سىز ئاپتورنىڭ ئىدىيىسىنى تەھلىل قىلىش بىلەن بىللە ئۆزىڭىزنىڭ كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ. (1) ھېكايىدىكى ئالۋاستىنىڭ ۋەسۋەسىسى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟نېمە ئۈچۈن ئالۋاستىنىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئارزۇ-ئارمان ۋە رىقابەتكە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ؟ (مۇھىم نوقتىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى سېلىنىدۇ) ئوقۇغۇچى: ئەسەردىكى باخۇمنى نەپسىگۇيلۇققا سالغان كۈچ ئالۋاستى تەرىقىسىدە تەسۋىرلەنگەن. ئادەمنى ھالاكەتكە باشلايدىغان رەزىل كۈچ يەنىلا ئادەمنىڭ ئۆزىدە. ئەسەردىكى ئالۋاستى ئۇيغۇرچە ئەقىدە بويىچە ‹‹شەيتان›› بولۇشى مۇمكىن . خەلقىمىز نەپسىگە ئەگىشىپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىش ھادىسىسىنى ‹‹شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭ›› دەپ تەسۋىرلەيدۇ. شەخسىيەتچىلىك ئادەمنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.شۇڭا ھەرقانداق شارائىتتا قەۋمى-قېرىنداش ، كەڭ خەلق مەنپەتىنى ئويلاش،ئۇلار بىلەن جاپا-مۇشەقەتتە ،ھالاۋەتتە بىرگە ئۆتۈش، ئۆز مەنپەئەتىنىمىزنى كۆزلىمەي، باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ياششىغاندىلا ئاندىن ئارزۇ-ئارمان ۋە رىقابەتكە توغرا مۇئامىلە قىلغىلى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى: ئاپتور ھېكايىدە يەنە باخومنىڭ باشقىرتلارنىڭ كىگىز ئۆيىدە كۆرگەن چۈشىنى قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ ۋە ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئىپادىلەشتىكى بىر ئۆزگىچىلىك .ئاپتور ھېكايە راۋاجىنىڭ ئالدىغا نېمە ئۈچۈن بۇ چۈشنى قىستۇرىدۇ؟ بۇ ئارقىلىق باخۇمنى نېمىگە دەۋەت قىلماقچى؟ ئوقۇغۇچى:باخومنىڭ باشقىرتلارنىڭ كىگىز ئۆيىدە كۆرگەن چۈشى يامانلىقنىڭ بىشارىتى .ئۇ سۇژىتنىڭ دراماتىك خۇسۇسىيىتنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. باخۇم خەۋپ –خەتەرنى ئالدىن سەزگەن بولسىمۇ نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ،بۇ چۈشكە سەل قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېكايە ۋەقەلىكى كولمىناتسىيىگە قاراپ يۈزلىنىدۇ.ئاپتور بۇ ئارقىلىق باخۇمغا يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەردىن ئالدىن بىشارەت بېرىدۇ. باخۇم نەپسىنىڭ ئازدۇرۇشى ،ئاچكۆزلىكى بىلەن ئاقىبەتتە ئىككى مېتىر يەرگىلا كۆمۈلىدۇ. مۇستەھكەملەش باسقۇچى : تاپشۇرۇق: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ئاقچۇق سېيىدا››دېگەن پارچىنى ئوقۇپ 59ــ 60-بەتتىكى كۆنۈكمە سۇئاللىرى بويىچە تەھلىل قىلىپ كىلىڭ. دوسكا لاھىيىسى: 13. بىر ئادەمگە نۇرغۇن زىمىن لازىممۇ لېف تولىستوي تەنقىدى رىيالىزىملىق ھېكايە 19-ئەسىردىكى روسسىيە يانچىلىق تۈزۈلمىسىنىڭ ئادەمخور ماھىيىتىنى پاش قىلغان. ئىجادىيەتتىكى ئالاھىدىلىك: چۈشنى يېزىش-سۇژىتنىڭ دراماتىك خۇسۇسىيىتنى ئاشۇرۇش. ئەل ئارىسىدىكە ھېكايىدىن پايدىلىنىپ ئوبراز ياراتقان. دەرستىن كېيىنكى تەسىرات:
زۇجاڭنىڭ تەستىقى:
يىل ئاي كۈن
|
|