بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-16 23:09
فونېتىكا ھەققەدە ئومۇمى چۈشەنچە
5.ھەپتە 2013 -يىلى 9-ئاينىڭ 16 - كۈنى تولۇق 1-يىللىق سىنپلارغا 1سائەت ئۆتۈلىدۇ دەرس ماۋزۇسى: فونېتىكا ھەققەدە ئومۇمى چۈشەنچە
ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ئۈگىنىش نىشانى،
ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نوقتا ئاتالغۇ ۋە قائىدىلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئەستە تۇتۇش ۋە چۈشىنىش مۇھىم تاۋۇشلاۋنىڭ چۈشۈپ قېلىش،قوشۇلۇپ قېلىش قانونىيىتى ھەققىدىكى بىلىملەرنى چۈشىنىش ھەل قىلىش ئۇسسۇلى: مىسالدىن قائىدىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ قىيىن نوقتا نەزىرىيەنى مىسال ئەمىلىيىتىدىن چۈشىنىش ھەل قىلىش:كۆپلەپ مىسال ئېلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ ئوقۇتۇش ۋاستىسى ۋە ئوقۇتۇش شەكلى: كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش:جەدۋەل كۆرسىتىلىدۇ ھېسىيات،پوزىتسىيە،قىممەت قارىشى ئاناتىلنى سۆيۈش،ئانا تىلنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىش ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈش ماھارەت ئىقتىدار نىشانى 1.سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش،قوشۇلۇپ قېلىش قانونىيىتى ھەققىدىكى نەزىرىيەنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ئىقتىدارىغا ئاساس سېلىنىدۇ. ئوقۇتۇش جەريانى(تەييارلىق سىناق) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانونىيىتى قايسىلار؟ دەپ بېرەلەمسىز؟ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش قانونىيىتى قانداق بولىدۇ؟مىسال ئېلىڭ. يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش: سىلەر "كۆڭۈل ،ئوغۇل،ئىلىم"قاتارلىق سۆزلەرگە "ى"تاۋۇشى قوشۇلغاندا قانداق ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ يۇقارقى سۇئاللار ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئىلگىركى دەرىسلىرى ئەسلىتىش ئاساسىدا يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ ئوقۇتۇش جەريان لاھىيىسى: ئوقۇتۇش مەزمۇنى:1)سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ،قوشۇلۇپ قېلىشى ئۇسسۇل : سۇئال – جاۋاپ،سۆھبەت،بايان قىلدۇرۇش. ئوقۇتقۇچى:تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى دېگەن نېمە؟ مىسال. تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، قانداق تاۋۇش ئۆزگىرىشى بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. سىڭىل + ىم = سىڭلىم (سىڭلىسى) ئىملا + ىم = ئىملايىم (ئىملايىڭ) ۋاقىت + ىڭلار = ۋاقتىڭلار (ۋاقتى، ۋاقتىمىز) ئوغۇل + ۇڭ = ئوغلۇڭ (ئوغلى، ئوغلىمىز) نەسىل + ى = نەسلى (نەسلىڭلار، نەسلىمىز) قىسىم + ى = قىسمى ھۆكۈم + ى = ھۆكمى يېپىق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان ئىككى بوغۇملۇق بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى «ئى، ئۇ، ئۈ» تاۋۇشلىرى شۇ سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا چۈشۈپ قالىدۇ. مەسىلەن: كۆڭۈل + ى = كۆڭلى ئورۇن + ۇم = ئورنۇم جىسىم + ى = جىسمى ئۆمۈر + ى = ئۆمرى ئىلىم + ى = ئىلمى زېھىن + ى = زېھنى ئوقۇتقۇچى: تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى قانداق ھادىسە؟ مىسال. ئوقۇغۇچى: ئوچۇق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان بەزى سۆزلەرگە بىرىنچى، ئىككىنچى شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، قوشۇمچىنىڭ ئالدىغا بىر «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ. ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى ئۈچۈن ئوخشاشلا «سى» قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: ئىملا + ىم = ئىملايىم، ئىملايىڭ، ئىملاسى پولو + ۇم = پولۇيۇم، پولۇيۇڭ، پولۇسى توخۇ + ۇم = توخۇيۇم، توخۇيۇڭ، توخۇسى بىنا + ىم = بىنايىم، بىنايىمىز، بىنايىڭ، بىنايىڭلار، بىناسى سۇ + ۇم = سۈيۈم، سۈيۈڭ پەقەت ئوچۇق بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، قوشۇمچىلار ئالدىغا «ي» تاۋۇشى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن: دە + ىش = دېيىش يە + = يېيىش يە + ىلدى = يېيىلدى يۇ + ۇش = يۇيۇش سۇ + ى = سۈيى يۇ + ۇلدى = يۇيۇلدى ئارزۇ + ۇم = ئارزۇيۇم ئوقۇتقۇچى: ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملا قائىدىسى قانداق؟ مىسال. ئوقۇغۇچى:ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشتا پەيدا بولىدىغان تەلەپپۇزدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش يېزىقتا ئىپادىلەنمەيدۇ. مەسىلەن: ئاتاق + لىق = ئاتاقلىق (ئاتاغلىق ئەمەس) كېرەك + لىك = كېرەكلىك (كېرەگلىك ئەمەس) چىرايلىق + راق = چىرايلىقراق (چىرايلىغراق ئەمەس) ساق + لا = ساقلا (ساخلا ئەمەس) ئاچ + قان = ئاچقان (ئاشقان ئەمەس) ئاخىرى «ق، ك، پ» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، سۆز ئاخىرىدىكى «ق، ك، پ» تاۋۇشلىرى ئېغىزدا «غ، گ، ۋ» تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، ئەمما يېزىقتا «غ، گ، ۋ» تاۋۇشلىرىغا ئۆزگەرتىلمەي، «ق، ك، پ» بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن: قوشاق ـــ قوشىقى (قوشىغى ئەمەس) تىلەك ـــ تىلىكى (تىلىگى ئەمەس) تەكلىپ ـــ تەكلىپى (تەكلىۋى ئەمەس ) ئېرىق ـــ ئېرىقى (ئېرىغى ئەمەس) يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، ئاخىرى «غ» ۋە «گ» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە يەنە «غ» ۋە «گ» تاۋۇشلىرى بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچىلارنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىش ئەپسىز بولغاچقا، «ق» ۋە «ك» بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ، بۇ چاغدا سۆز ئاخىرىدىكى «غ، گ» تاۋۇشلىرى «ق، ك» تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، ئەمما يېزىقتا يەنىلا «غ، گ» بويىچە ئۆزگەرتىلمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن: باغ ـــ باغقا (باققا ئەمەس) چوغ ـــ چوغقا (چوققا ئەمەس) ئەگ ـــ ئەگكەن (ئەككەن ئەمەس) تۈگ ـــ تۈگكەن (تۈككەن ئەمەس) بوغ ـــ بوغقان (بوققان ئەمەس) چىگ ـــ چىگكەن (چىككەن ئەمەس) بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «د،ب» تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا «ت، پ» ئېيتىلسىمۇ، ئەمما شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، يەنىلا «د، ب» بولۇپ ئېيتىلسا، يېزىقتا «د، ب» قىلىپ يېزىلىدۇ، بۇ قوشۇمچىلارنىڭ تەسىرى بىلەن سۆز ئاخىرىدىكى «د، ب» تاۋۇشلىرى «ت، ۋ» بولۇپ ئېيتىلسىمۇ، يېزىقتا يەنىلا «د، ب» بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن: مۇراد ـــ مۇرادقا ئىقتىساد ـــ ئىقتىسادقا ھېساب ـــ ھېسابقا، ھېسابتا، ھېسابى بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ت» تاۋۇشى قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا پەيدا بولسا، چۈشۈرۈلمەي يېزىلىدۇ، پەيدا بولمىسا، چۈشۈرۈپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: دوست ـــ دوستى (دوس ئەمەس) راست ـــ راستىڭنى (راس ئەمەس) گۆش ـــ گۆشى (گۆشت ئەمەس) -1 كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئوقۇپ، سۆزلەر تەركىبىدىكى تاۋۇشلارنىڭ قايسى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ. بىلىم بەرگەن ئۇستازىڭنى ئاتاڭدىنمۇ ئارتۇق بىل، ئۇنىڭغا دىلىڭدىن ئىززەت، ئىكرام قىل. جاۋاب: بۇ مىسرالاردىكى سۆزلەر تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن. مەسىلەن «بەرگەن» تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچە ئۇلانغان؛ «ئۇستازىڭنى، ئاتاڭدىنمۇ، ئارتۇق، ئۇنىڭغا» دېگەن سۆزلەر تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار بولۇپ ئۇلىنىپ كەلگەن. باشقىلىرى ئارا سوزۇق تاۋۇش جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن. 2.كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى توغرىمۇ؟ توغرا بولغانلىرىدا «√» بەلگىسىنى، خاتا بولغانلىرىغا «×» بەلگىسىنى قويۇڭ. جاۋاب: ئائىلىلەرگە (√ )، ئائىلىمىزدە (√ )، ساپاگە ( × )، يوقسۇللارغا (√ )، سەنئەتكە (√ )، ئۈمىدلىق ( × )، ئارزۇلەرگە ( × )، دۆلەتلارغا ( × ). 3.كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى قائىدىگە ئۇيغۇنمۇ؟ ئۇيغۇن بولمىسا، توغرىلاپ كۆچۈرۈڭ. ئۆگىنىشكە، ئۆگۈتۈش، پۇتلۇرۇم، كۆرسۈتىمەن، سائەت بەشدە، ئەۋلاددىن، كىتابغا، ئەگگەن، تۈزۈتۈڭ، قۇلۇقۇم، ئۈنلەر، مىڭلار، سانسىزلىگەن، تاپشۇرمەيمەن، قوزغۇلۇش جاۋاب: «ئۆگىنىشكە ـــ ئۆگەن + ىشكە » ئۆگىتىش ـــ ئۆگەت + ىش پۇتلىرىم ـــ پۇتلار + ىم كۆرسىتىمەن ـــ كۆرسەت + ىمەن سائەت بەشتە، ئەۋلادتىن، كىتابقا، ئەگكەن تۈزىتىڭ ـــ تۈزەت + ىڭ قۇلىقىم ـــ قۇلاق + ىم ئونلار، مىڭلار، سانسىزلىغان، تاپشۇرمايمەن قوزغىلىش ـــ قوزغال + ىش 4.كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئوقۇپ، «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى ئاجىزلاشقان تاۋۇشلارنىڭ ئاستىغا سىزىڭ. ئائىلىمىزنىڭ، مەملىكىتىمىزگە، ساۋاقداشلىرىڭ، بېشىمغا، كېلىۋاتىدۇ، ئىشلىمىدى، ئېتىڭىز، كۆڭلىكى، قائىدىسى، كۆزلىرىم، يېزىۋاتىمەن، كېتەمسىز، كۆز يېشى، ئۆگىنىش، سېلىنمىدى، يوقىلىپتۇ. جاۋاب: ئائىل ىمىزنىڭ، مەملىك ىتىمىزنىڭ، ساۋاقداش ل ىلىرىڭ، ب ېشىمغا، ك ېلىۋاتىدۇ، ئىشل ىمىدى، ئېتىڭىز، كۆڭلىكى، قائىدىسى، كۆزلىرىم، يېزىۋېاتىمەن، كېتەمسىز، كۆز يېشى، ئۆگىنىش، سېلىنمىدى، يوقىلىپتۇ. 5.كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرگە بېرىلگەن قوشۇمچىلارنى ئۇلاپ يېزىڭ، ئۇلاردا قانداق تاۋۇش ئۆزگىرىشى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ. ئوغۇل + ۇم = ئوغلۇم («ئۇ» چۈشۈپ قالغان) ئەزا + ىم = ئەزايىم («ي» قوشۇلۇپ قالغان) ئورۇن + ۇڭ = ئورنۇڭ («ئۇ» چۈشۈپ قالغان) تاپشۇرۇق:2. ۋە 5.كۈنۈكمىلەرنى ئىشلەپ كېلىش
دوسكا لاھىيىسى: فونېتىكا ھەققەدە ئومۇمى چۈشەنچە يېپىق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان ئىككى بوغۇملۇق بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى «ئى، ئۇ، ئۈ» تاۋۇشلىرى شۇ سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا چۈشۈپ قالىدۇ. ئوچۇق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان بەزى سۆزلەرگە بىرىنچى، ئىككىنچى شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، قوشۇمچىنىڭ ئالدىغا بىر «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ . پەقەت ئوچۇق بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، قوشۇمچىلار ئالدىغا «ي» تاۋۇشى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ.
دەرىستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:
مەسئۇل خادىمنىڭ پىكىرى:
يىل ئاي كۈن
|