كۆرۈش: 1464|ئىنكاس: 11

ئاۋات ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-6 23:05  

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!

QQ截图20140304211149.png



  2014- يىلى  3- ئاينىڭ 4 – كۈنى « ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى »ئاۋات ناھىيە غوروچۆل بازار قارداش كەنت يۇلغۇن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى، ئوقۇش قوراللىرى، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى جەھەتتە ياردەم بېرىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى .
بۇ قېتىمقى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە  ئاقسۇ  ئاۋات ناھىيەلىك  قىزىل كىرىس جەمىيىتىدىن ئېزىز  ھۆشۇر بىلەن شىياۋ چىڭ قاتنىشىپ ،  ئۇيۇشما  پائالىيىتىگە  يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلدى .  ئۇندىن باشقا  ئاۋات ناھىيىلىك   مائارىپ ئىدارىسىدىن زورىگۈل،  ئاۋات ناھىيە غوروچۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەركىن نىياز  بىلەن ئوسمان  جېلىل     ھەم شۇ كەنتتىكى ئوقۇغۇچىلارنى  ئاتا – ئانىلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيۇشما ئەزالىرىمۇ قاتناشتى .
ئالدى بىلەن « ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى»دىن ئەخمەتجان  موللا  « ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى » نى تونۇشتۇردى ۋە  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەخسىتى ، خاراكتىرى شۇنداقلا « ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشما » ئەزالىرىنىڭ  ئوقۇغۇچىلاردىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە ئوتلۇق تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى   . ئۇندىن كېيىن   قىزىل كىرىس جەمىيىتى ، مائارىپ ئىدارىسى  ۋە  مەكتەپ رەھبەرلىرى  « ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى» دىكى بارلىق ساخاۋەتچىلەرگە بولغان  ھۆرمىتى ۋە  رەھمىتى   بىلدۈردى .  ئۇلار يەنە پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتا – ئانا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ، ياخشى ئوقۇپ ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بەردى .  ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار   « ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى» دىكى ساخاۋەتچىلەرگە رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولۇپ يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ، ھەر ساھا كىشىلىرى ، ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەسىرلەندۇردى .
  پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر






]







باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-4 21:56:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيەت ياخشى ئىلىپ بىرىلىپتۇ . بارلىق مىھرىبانلارغا كۆپ رەھمەت . ئاللا ئەجرىڭارنى بەرسۇن .
ۋاقتى: 2014-3-4 22:32:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەكمۇ خەيىرلىك ئىش بولۇپتۇ.قەلىپلەردىن قەلىپلەر سۇ ئىچىدۇ،ئۇلار كەلگۈسىدە مېھرىبانلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا مېھىر چىرىقىنى يەتكۈزىدۇ.
قەلىبتىن قەلىبكە ئۆتەر بۇ مېھىر،
مېھىردىن ئىللىيدۇ بۇ سوغۇق زېمىن.
قۇياشنىڭ تەپتى ئۇ يەرنى ئىللىتقان،
ئىللىتالماس مېھىردەك قەلىبنى ھامان.

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە تارام ئەپەندىم . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-7 11:28
ۋاقتى: 2014-3-6 11:40:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ سەبىيلەر چېھرىدىكى كۈلكە ئۇيۇشمىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ خوشاللىقى، بۇ جەرياندا پائالىيەتكە باشتىن ئاخىر ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان، قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن قېرىنداشلارغا، ئۇيۇشما رەئىسىگە، ئۇيۇشما ھەيئەتلىرىگە، ئۇيۇشما ئەزالىرىغا، مائارىپ رەھبەرلىرى، مەكتەپ رەھبەرلىرىگە ، قىزىل كىرىست جەمئىيىتىدىن قاتناشقان ۋەكىللەرگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى، بۇنداق ئەھمىيەتلىك ۋە ساۋاپلىق پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ۋاقتى: 2014-3-6 22:11:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى ئاۋات ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت بوپتۇ ، بۇ پائالىيەتتىن شۇ ھەبىيلەرلا  ۋە شۇ سەبىيلەرنىڭ ئاتا ئانىلىرىلا خوشال بولۇپ قالماي ، پۈتكۈل ئۇيۇشمىمىزدىكى بارلىق مېھرىبانلىرىمىز ، قېرىداشلىرىمىزمۇ خوشال بولىدۇ ، سۈيۈنىدۇ ، ھەمدە شۇ سەبىيلەرنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۈگىنىپ ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ . شۇنداقلا جەمىيىتىمىزدىكى ۋە تور دۇنياسىدىكى تېخىمۇ كۆپ مېھرىبانلىرىمىزنىڭ ، ساخاۋەتچىلىرىمىزنىڭ بۇ ئۇيۇشمىغا قاتنىشىپ ،دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ كەڭ ، يىراق يىراقلارغىچە يەتكۈزىشىنى ،تېخىمۇ كۆپ سەبىيلىرىمىزنىڭ چېھرىگە كۈلكە يېغىشىنى ،تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ، رەھمەت سىلەرگە جاپا چېكىپسىلەر
ۋاقتى: 2014-3-7 11:28:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TARAM يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 22:32
بۇ بەكمۇ خەيىرلىك ئىش بولۇپتۇ.قەلىپلەردىن قەلىپلەر سۇ  ...

رەھمەت سىزگە تارام ئەپەندىم .
ۋاقتى: 2014-3-8 20:35:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئىنتايىن ياخشى ئېلىپ بېرىلىپتۇ،مۇشۇنداق پائالىيەتلەر  كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلسا ،كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسە جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولغان بولاتتى.
ۋاقتى: 2014-3-10 00:26:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىتىمقى پائالىيەتنى كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈندۈم
ۋاقتى: 2014-3-10 15:58:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ. « ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشما » ئەزالىرىغا كۆپ رەخمەت.
ۋاقتى: 2014-3-12 20:16:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ مەزمۇننى ئۇندىدار سالۇنغا يوللاپ بولدۇم

باھا سۆز

كۆپ رەھمەت سىزگە؟  ۋاقتى: 2014-3-13 00:58
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش