Word تا بەت ئايرىم ھەر قايسى بەتلەرگە ئايرىم-ئايرىم بەت نومۇرى سېلىش ئۇسۇلى بىز ئادەتتە ماقالە، سۇئال قاتارلىقلارنى تەھرىرلىگەندە بىر بەتنى ئىككىگە ياكى بىر قانچىگە ئايرىپ ئايرىم-ئايرىم بەت نومۇرى سېلىپ ئىشلىتىش ئىھتىياجى توغىلىدۇ. لېكىن بۈلۈنگەن بەتكە ئايرىم-ئايىرىم نومۇرى سېلىش Word نىڭ ئادەتتىكى تىزىملىك ياكى بۇيرۇقلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەمىنلەنمىگەن بولغاچقا قانداق قىلىش توغرىسىدا ئويلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. بۈگۈن ئىزدىنىپ يۈرۈپ بۇنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىۋالدىم. قېنى بىرلىكتە ئۆگىنەيلى!!
بەت نومۇرى قۇيۇپ بولغاندىن كىيىنكى كۆرۈنۈش:
ئۇسۇلى تۈۋەندىكىچە: مەن ھازىر ئىككىگە بۈلۈنگەن بەت ئۈستىدە توختىلىمەن.. 1.ئالدى بىلەن تەھرىرلىمەكچى ماقالىنى ئاچىمىز. 2. «视图»تىزىملىكىدىن «页眉页脚»نى تاللايمىز.
3.تۈۋەندىكى كۆزنەكتە كۆرسىتىلگەندەك «页脚» (بەت ئايىغى) قىسمىغا بىرىنچى بەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلاپ Ctrl+F9نى باسىمىز ۋە تۈۋەندىكى كودنى كىرگۈزىمىز. (كىرگۈزۈش ھالىتىنى چۇقۇم ئىنگىلىزچە ھالەتتە قۇيۇڭ، چوڭ تىرناقنى Ctrl+F9 نى ئىككى قېتىم بېسىپ ئارقىلىق چىقىرىپ ئاندىن باشقا خەت ۋە سانلارنى تولدۇرۇڭ)
1-بەتكە كىرگۈزىلىدىغان كود:4.يەنە ئوخشاشلا ئىككىنچى بەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلاپ Ctrl+F9نى باسىمىز ۋە تۈۋەندىكى كودنى كىرگۈزىمىز.
5.ئاندىن كىيىن Alt+F9نى بېسىپ، «页眉页脚» كۆزنىكىنى تاقايمىز.
6.ئەگەر 3 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بۈلۈنسە:- [code]{ ={ page }*3 } { ={ page }*3-1 } { ={ page }*3-2 }
- { ={ page }*4 } { ={ page }*4-1 } { ={ page }*4-2 } { ={ page }*4-3 }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش مۇشۇ بۇيىچە ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ.
سىناق ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ: 分栏页码baykax.rar(42.96 KB, چۈشۈرۈش سانى: 293) |