كۆرۈش: 367|ئىنكاس: 4

بىكەت باشلىقى ۋە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گىپىم بەك تۈز ، نەسىر يېزىپ ئوتتاماي .
مۇشۇ ماتىرىيال ھەمبەھرىلىگەن ئاپتۇرلارنىڭ روھىغا پەقەت سوغوق سۇ سەپكىم يوقتى ، يوللىغۇچىلارنىڭ كۆزىنى يوغان ئېچىۋىتىپ ماتىرىيال مەزمۇنىغا بىر قارىۋېتىپ ئاندىن يوللىسا ، ۋە ياكى تىمىغا دىققەت قىلسا ، گەرچە بەك بىلىپ كەتمىسەممۇ ، مۇشۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يېزا-كەنىت قانۇن تەشۋىقاتلىرىدىن ئاز بولمىغان نەرسىلەرنى ئۆگنىۋالدىم ،  ھەرقانداق مەزمۇن بىلەن تىما بىردەك بولمىغان مەزمۇننىڭ ئۆزىلا تور بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش .
تىما تەستىقلىغۇچىمۇ دىققەت قىلىپ قويسا مۇنبەر باشلىقلىرىمۇ ئىتىبار بەرسە مۇشۇنداق ئىشلارغا ، تەستىقلاشتىن بۇرۇن ئۆزى كۆرىۋېتىپ ئۆلچەمگە لايىق بولسا ئاندىن تەستىقلىسا  (بۇلۇپمۇ قۇشۇمچە ھۆججەت) ، ناۋادا بىرەرسى  ياخشى تىما قۇيۇپ مەزمۇنى باشقىچە قانۇنسىز نەرسىلەر بولسا  ئۇ چاغدا  مۇشۇ توردىكى ھەممە كىشنى بالاغا تىقىدۇ ، بىر پۇتنى ئىككى ئۆتەككە تىقىدىغان ئىش چىقىپ قالمىسۇن .

بۇ مۇنبەر ئادەتتىكى مۇنبەر ئەمەس ،  مائارىپ مۇنبىرى ، بارىلىق جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ  ئىلىم-مەرىپەت تەھسىل قىلىدىغان سالۇن ، ھەرگىزمۇ مۇنبەر ئىچىدە دەرىجە ئۆستۈرۈش ، تىللا تېپىش ، جۇغلانما ئىرىشىش دەيدىغان ئىشلارنى مەقسەت قىلۋالمايلى ، مۇشۇ مۇنبەردىكى مەزمۇنلارنى ئون مىڭلىغان ئۇستازلار كۆرىدۇ . كۆرگىنى ئاڭلىتىدۇ ، ئاڭلىغىنى تارقىتىدۇ .....  جىق گەپ بىلەن ئانچە خوشۇم يوق ،  بۇ مەزمۇننى مەن   مۇشۇ  مۇنبەرنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنلا يوللىدۇم .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-8-25 20:27:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر بوپتۇ . رەھمەت سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ پىكىر يازالمىدىم. كېيىن يازارمەن .
ۋاقتى: 2016-8-25 22:58:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرىڭىزنى قوللايمەن .
ۋاقتى: 2016-8-26 08:33:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق پىكىر تەكلىپلەرنى بىرىپسىز . مەنمۇ تامامەن قۇشىلىمەن . بولسا باشقىلارمۇ سىزدەك ئەستايىدىل بولغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى . بىزنىڭ مائارپ چىللىرىمىز ئىچىدە تىما يوللىغاندا ئەستايىدىل بولمايدىغان . تىمىنى تىللا تېپىش ئۈچۈنلا پاخال تىمىلارنى يوللايدىغان . ھەم بىر مەزمۇندكى تىمىنى  قوش يوللايدىغان . تەپسىلاتىنى ئىنىق يازمايدىغان .قابىلىيەتسىز ئۇقۇتقۇچىللىرىمىزمۇ با. ھەم مەزمۇنىغا پەقەت دىققەت قىلايدىغان كەسىپداشلارمۇ بار . بۇلارنى ھەممىمىز بىرلىكتە تۈزتەيلى بىرسىمىز كۆرسەك دەر ھال تەندىقى تەربىيە بىرەيلى شۇنداق قىلغاندا مۇنبەرنىڭ تەرەققى قىلىشىنى يۇقىرى كۈتەرگىلى بۇلىدۇ
ۋاقتى: 2016-8-26 23:52:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر.
ساغلام تور مۇھىتىنى ساقلاش ۋە قوغداش بارلىق تور ئەھلى، جۈملىدىن مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق مائارىپچىلار بىلىشكە تېگىشلىك ئەقەللى ساۋات، شۇنداقلا ئۆتەشكە تېگىشلىق مەسئۇلىيەت!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش