كۆرۈش: 1934|ئىنكاس: 2

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى!

ئەسسالام ،مەرىپەت بېغىنىڭ ھارماس باغۋەنلىرى ،تۆھپىكار ئۇستازلار،كەلگۈسىنىڭ ئۈمىت يۇلتۇزلىرى ،بىلىمخۇمار سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار ،ياخشىمۇسىلەر!
      باھارنىڭ بەرىكەتلىك قەدىمى يېقىنلىشىشى بىلەن يەر جاھان ئىللىپ ،بارچە مەۋجۇدات تاتلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ ،تەبىئەتكە ئۆزگىچە ھۆسىن قۇشىۋاتقان ،مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى چاقىرلىپ ،ئېغىزلار بۇيىچە ياردەم بىرىدىغان ئۆلكە ،شەھەرلەر ھەر قايسى ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىپ ،خەلىقنىڭ تۇرمىشىنى ياخشىلاۋاتقان ،مائارىپنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ،ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى تۇلۇقلاپ ،مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتقان مانا مۇشۇنداق پەيتتە بىز بۇ يەرگە جەم بۇلۇپ ،2-مەۋسۇملۇق ئوقۇش باشلاش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز .
     ھەممىمىزگە مەلۇم ،دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى –مائارىپتا ،مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمۈدى- ئوقۇتقۇچىلاردا ،بىز ئوقۇتقۇچىلار –مائارىپنى زامانىۋىلىشىشقا دۇنياغا كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈشتىكى ئەڭ ئاساسلىق تايانچە كۈچ. ياش ئۆسمۈرلەر بولسا –مىللەتنىڭ ئۈمىدى،كەلگۈسىنىڭ خۇجايىنلىرى .
     ھازىر پارتىيە ھۈكۈمەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن سىرت ،ئوقۇتقۇچىلارغا قاتناش ياردەم پۇلى ،ئىسسىنىش پۇلى ،ئىسمىنا قۇشۇپ ئىشلەش پۇلى ،قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بىرىپ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى .ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپ ماتىرياللارنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى .ئوقۇش بەدەل پۇلىنى كەچۈرۈم قىلدى . ئائىلىسى يىراق ،ئىختىسادى قىيىنچىلىقى بار ئائىلە پەرزەنتلىرىگە تاماق ياردەم پۇلى بىرىپ ،ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى . ھازىر ھەممە ئوقۇغۇچىغا ئۇزۇقلىنىش پۇلى بىرىش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ .پارتىيە ھۈكۈمەت ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى خىزمەت شارائىتىغا ،ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئوقۇش مۇھىتىغا ئىگە قىلدى .ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلار ،ساۋاقداشلار ،ئوبدان ئويلۇنۇپ باقايلى ،شۇنچە ياخشى سارائىت يارىتىلغان تۇرۇغلۇق ،ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشمىساق ،ۋىژدانىمىزغا پارتىيە ھۈكۈمەتكە ،ۋەتەن خەلقىمىزگە يۈز كىلەلەمدۇق ؟يىگەن ئېشىمىز بىزگە سىڭەرمۇ ؟ياق ،ئەلۋەتتە يۈز كىلەلمەيمىز ،يىگەن ئاش نانمۇ ھەرگىز سىڭمەيدۇ .
       ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلار سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار بىز بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئۈزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ سىياسى مەيدانىمىزنى ،ماركىسىزىملىق غايا ئىتىقادىمىزنى تىخىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ،مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتىپاقلىقىنى جان تىكىپ قوغداپ مىللى بۆلگۈنچىلىككە ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قەتئى قارشى تۇرۇپ سىياسى جەھەتتە ئىشەنچىلىك ،ئىستىلدا دۇرۇس ،ئەخلاقى پەزىلەتتە نەمۇنە، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان ،تىرىشچان بۇلۇپ ،مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم –تەربىيە سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۈتۈرلىشى ئۈچۈن دادىل ئاتلىنايلى .
      بىزدە ‹‹ ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن ،يىلنىڭ بېشى باھاردىن ››دەيدىغان گە بار .مانا باھار پەسلى بىلەن تەڭ بىزنىڭمۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىمىز باشلاندى .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرچى ھەم شەرەپلىك .ھەم جاپالىق .ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايىسى ئىنتايىن بۈيۈك ھەم ئۇلۇغۋار. بىز ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار ئۆز-ئارا ئىتىپاقلىشىپ ،زىچ ھەمكارلىشىپ ،مىنۇت –سىكۇنۇت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەي ،مۇستەھكەم ئىرادە ،زور غەيرەت ،جاسارەت ،ئىشەنچ بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ ،ئەڭ يېڭى ،ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى !
   يول ئاچقۇچىلارغا ،نەتىجە ،غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2تۆھپە +2شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 2 + 2 + 2 + 2ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-24 03:10:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە !‹‹ كىرەكلىك تاشنىڭ ئىغىرى يۇق›› دەپتىكەن چۇشۇرۇپ ساقلاپ قوياي
ۋاقتى: 2015-4-10 11:41:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aynak يوللىغان ۋاقتى  2014-2-24 03:10
رەخمەت سىزگە !‹‹ كىرەكلىك تاشنىڭ ئىغىرى يۇق›› دەپتىكەن ...

ئەھمىيەتلىك ماتىريال ئىكەن چۈشۈرۋالدىم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش