كۆرۈش: 990|ئىنكاس: 23

يازغۇچى مۇھەممەد باغراش ۋاپات بولدى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يازغۇچى مۇھەممەد باغراش ۋاپات  بولدى


تالانتلىق يازغۇچىمىز، بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، مۇھەممەت ئوسمان باغراش كېسەللىك سەۋەبى بىلەن بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6:40 مىنۇت ئۆتكەندە بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرىۋالغىلى بولمايدىغان زور يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.   
ئىزدىنىش روھىغا باي، تالانتلىق يازغۇچىمىز مۇھەممەت باغراش، 1952 – يىلى قارا شەھەر ناھىيىسىنىڭ بازار ئىچىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قارا شەھەردە تاماملىغاندىن كېيىن، 1965 – يىلىدىن 1981 – يىلىغىچە ئاقسۇ سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس، شىنجاڭ قاتناش نازارىتىنىڭ تۆتىنچى شىركىتىدە شوپۇر، تەشۋىقات بۆلۈم كادىرى، 1982 – يىلىدىن 1987 – يىلىغىچە ‹‹شىنجاڭ ئىشچىلىرى›› گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1988 – يىلى 6 – ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان. ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ئىدى.   
مۇھەممەت باغراشنىڭ بالىلىق دەۋرى قايدۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قانىتىدىكى گۈزەل بوستانلىقتا ئۆتكەن. ئۇ مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ھەر كۈنى دېگۈدەك دوستلىرى بىلەن دەريا بويىغا بېرىپ قوي باققان، مالچىلار، سالچىلار ۋە بېلىقچىلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ شادلىق بىلەن قايغۇ، قەيسەرلىك بىلەن جاپا – مۇشەققەت، ئوڭۇشلۇق بىلەن ئوڭۇشسىزلىق ئارىلىشىپ كەتكەن ئەمگەك تۇرمۇشىغا قىزىققان. ئۇلارنىڭ ئېتىز – ئېرىق، دەريا بويلىرىنى چاڭ كەلتۈرىدىغان كۈلكە – چاقچاقلىرى، مۇڭلۇق ناخشا – كۈيلىرى ۋە قىزىقارلىق چۆچەك، لەتىپىلىرىگە مەپتۇن بولغان. مانا بۇلار مۇھەممەت باغراشنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ھايات، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجادىيەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان.   
  
مۇھەممەت باغراش 1980 – يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىدا ‹‹سەپداش›› ناملىق تۇنجى ھېكايىسى بىلەن ئىجەدىيەتكە قەدەم قويغان بولۇپ، بۇ ھېكايە ئېلان قىلىنىپلا كىتابخانلار ئىچىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا كۈچلۈك ئىلھام بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ ‹‹ساۋاب››، ‹‹رىزقى››، ‹‹ئالمىچى››، ‹‹ئادەملەر››، ‹‹ئېگىز بىناغا يانداشقان بوتكا››، ‹‹مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت››، ‹‹ئاقساق بۇغا›› قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، نەسىر ۋە ئوچېرىك ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەگەك قەلب، ئۆتكۈر كۆزلۈك تىرىشچان يازغۇچى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. 1983 – يىلى ‹‹ساۋاب››، 1987 – يىلى ‹‹يادىكار›› ناملىق ھېكايە توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى ‹‹سوۋغات››، ‹‹سەھەر››، ‹‹يېشىل ۋادا›› قاتارلىق كوللېكتپ توپلاملارغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن. ‹‹سەپداش›› ناملىق ھېكايىسى 1981 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ ‹‹ساۋاب›› ناملىق ھېكايىسى 1982 – يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ 2 – دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا؛ ‹‹ئادەملەر›› ناملىق ھېكايىسى 1986 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ ‹‹گۈزەل ۋادا›› ناملىق ھېكايىسى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېيجىڭدا نەشر قىلىنىدىغان ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ ‹‹شەندەن›› ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ‹‹ئاقساق بۇغا›› ناملىق پوۋېستى يېڭى دەۋر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گېزىت – ژۇرناللارغا بېسىلغان ھەمدە ھاياتى، ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. بەزى ئەسەرلىرى ھەققىدە خەنزۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىرى تەرىپىدىن بىر نەچچە پارچە باھا، ئوبزورلار ئېلان قىلىنغان. ‹‹ئادەملەر››، ‹‹رىزقى›› قاتارلىق ھېكايىلەر ياپون، ھىندى، تايلاند، رومىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەت ئەل كىتابخانلىرىنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىغان.  
  مۇھەممەت باغراش ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى يېڭى، ئاكتىۋال بولۇپ، ئۇلاردا دەۋر روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. مۇھەممەت باغراش كۆپ قاتلاملىق مۇرەككەپ تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىپادىلەش ئۈچۈن، رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بېيىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا كۆرۈنەرلىك يېڭىلىق ياراتقان يازغۇچىمىز ئىدى.   
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابات ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز!

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-12-4 17:36:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى ئۇلۇغ ئاللاھ جەننەتتە قىلغاي ، بىزنىڭ ۋە شۇ مەرھۇمنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغاي ، قىرىنداشلىرىمىز ، شۇ ئەزىز ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەپ قويايلى ......................
ۋاقتى: 2013-12-4 17:57:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى مۇھەممەد باغراش ۋاپاتىدىن چەكسىز قايغۇردۇق ، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي !
ۋاقتى: 2013-12-4 20:04:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايغۇلۇق خەۋەركەن .ياخشى يازغۇچىتى .
ۋاقتى: 2013-12-4 20:36:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تالانتلىق يازغۇچىمىز مۇھەممەت ئوسمان باغراشنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.
ۋاقتى: 2013-12-4 22:07:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد باغراش ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھىكايىچىلىقىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان، ھەم ئاز ھەم ساز يازىدىغان ئېسىل يازغۇچىمىز ئىدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ھەقىقەتەنمۇ يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالدى.
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.
ۋاقتى: 2013-12-4 23:17:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى مۇھەممەد باغراش ۋاپاتىدىن چەكسىز قايغۇردۇق ، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي !  ھەمىمىز بىرلىكتە شۇ مەرھۇمنى يات ئىتەيلى مەرھۇم ئۈزى ۋاپات بولغان بىلەن ئۇنىڭ روھى قەلبىمىزدە مەڭگۈھايات
ۋاقتى: 2013-12-5 12:02:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!
ۋاقتى: 2013-12-5 16:22:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!بەك ياخشى ئەسەرلەرنى يازاتتى.
ۋاقتى: 2013-12-5 22:22:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى مۇھەممەد باغراش ۋاپاتىدىن بەك قايغۇردۇم ، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش