| ئەرلەر ئۆمرىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار دادىڭىزغا بىر پىيالە چاي تۇتۇڭ ئوغۇل ئاتىسىنىڭ نۇرغۇن غايىلىرىنى ئۆزئۈستىگە ئالغان،ئەمما سىز مەيلى ئاتىڭزنىڭ ئۈمىدىگە قارىشى يول تۇتۇڭ ياكى ئاتىڭىزنىڭ ئۈمىدىنى قانچىلىك ئاقلاڭ،غايە بىلەن رېئاللىق ھەمىشە مۇكەممەل بېرىكەلمەيدۇ.ئەمما ئاتىڭىزغا بىر پىيالە چاي تۇتۇڭ،ۋۇجۇدىڭىزدا ئېقىۋاتقىنى ئۇنىڭ قېنى،سۈرلۈك ئاتا مۇھەببىتى سىزنى كىشىلىك ھايات يولىغا باشلايدىغان قامچا،سىزگە ئەرلىك يەتكەندە ،ئاتىڭىزنىڭ كۆزلىرىگە مىننەتدارلىق نەزىرىدە بېقىپ،بىر پىيالە چاي تۇتۇڭ،ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ ئوغلى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىڭ . ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن قىزغا :‹‹سىزنى سۆيىمەن ››دەڭ بىز بۇ يەردە مۇھەببەت توغرىلىق توختالمايلى،سىز قانچە قىزنى ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز شۇنچە قېتىم ‹‹سىزنى سۆيىمەن››دەيسىز .بۇ سىز باشقىلارغا ھەدىيە قىلغان گەپ ئەمەس،ئۆزىڭىزنىڭ روھىڭىزغا بولغان مەجبۇرىيىتىڭىز .ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى .ھايات ۋاقتىڭىزدا بۇ گەپنى دەۋالمىسىڭىز ئۆلگەندە پۇرسەت بولمايدۇ . ئەرلەر بىلەن ئۇرۇشۇڭ بۇنىڭغا ھېچقانداق سەۋەب كەتمەيدۇ،سىز دېگەن ئەركەك،بۇ سىزنىڭ تەبىئىي خاراكتېرىڭىز،كىم سىزنى ئوغۇل بالا بولسۇن دەپتۇ!ئەگەر سىز ھازىرغىچە سىناپ كۆرمىگەن بولسىڭىز تەييارلىنىڭ،ئالدىڭىزدا يىرگىنىچلىك بىر چىراي پەيدا بولغاندا ،چەنلەپ تۇرۇپ قاتتىق بىر مۇشىت سېلىڭ ! ئاياللارنى ئۇرماڭ ئەقلى-ھۇشىڭىز نۇرمال بولغان ئەھۋالدا ئاياللارنى ئۇرماڭ،ئاياللار نازۇك ياكى قوپال بولسۇن،ئۇرسىڭىز بولمايدۇ .ھەقىقەتەن سىزنى يىرگەندۈرىدىغان ئىش قىلغان بولسا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەڭ،پەقەت بولمىغاندا ،جېنىدىن ئۆتكۈدەك سۆزلەر بىلەن تىللاڭ،ئەمما ھەرگىز ئۇرماڭ،ئۇرمىسىڭىز باشقىلار سىزنى ئوغۇل بالا ئەمەس،دېيىشى مۇمكىن،لېكىن ئاياللارنى ئۇرۇش ئوغۇل بالىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس . ئۆزىڭىزنىڭ بالىسى بولسۇن چوقۇم ئۆزىڭىز تاپقان بالا بولۇشى كېرەك،دېمەكچى ئەمەسمەن .چۈنكى بەزىبىر فىزىئولوگىيلىك سەۋەبلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.ئەمما سىزنىڭ ئۆزىڭىز بېقىپ چوڭ قىلغان بالىڭىز بولۇشى كېرەك .نۇرغۇن ئارزۇلىرىڭىز تېخى ئەمەلگە ئاشمىدى،سىزگە بىر ئىزباسار تولىمۇ كېرەك.ئۇ مەن سىزىپ بەرگەن يولدا ماڭىدۇ،دەپ بەك ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەڭ .بىز ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلى،نۇرغۇن ئىشلاردا ئاتىمىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدۇق.ئەمما بالىڭىز چوقۇم سىزنىڭ تەربىيىڭىزدە چوڭ بولىدۇ.ئەگەر دېگەن يېرىڭىزدىن چىقىپ،ياراملىق بولۇپ قالسا باشقىلارغا:‹‹ئۇ مېنىڭ بالام››دېسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر ئادەتتىكىدەك بولسا ئۆز-ئۆزىڭىزگە :‹‹ھەئە،بۇ مېنىڭ بالام››دېسىڭىز بولىدۇ . ياشلىقىڭىزىدا سەرسان بولۇپ بېقىڭ ياشلىقىڭىزدا ئۆيىڭىزدىن بىرقەدەم بولسىمۇ ئايرىلىپ،بىرمەزگىل سەرسانلىقتا يۈرۈپ بېقىڭ.ئۆزىڭىز يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈپ،تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكىنى تېتىپ باقسىڭىز،قېرىغاندا ئەسلىگۈدەك تېخىمۇ قىزىقارلىق ئىشلار بولىدۇ.ئادەمنىڭ ئەسلىگۈدەك بىرەر ئىشىنىڭ بولماسلىقى تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋال . ھېسىداشلىق قىلماڭ ھېسىداشلىق ئۆزىدىن ئاجىزلارغا ئىپادىلەيدىغان،ئەڭ كارغا كەلمەيدىغان بىر خىل ھېسىيات.ھېسىداشلىقنى كۆيۈنۈش دەپ قالماڭ،كۆيۈنۈش ئادەمنىڭ يۈرىكىدىن چىقىدۇ،ھەرقانداق ئادەمنىڭ غورۇرىغا تەگمەيدۇ ،ئەمما ھېسىداشلىق ئۆزىدىن .اجىزلارغا قىلىنىدۇ،ھېسىداشلىق ھەىمىشە ئىچ ئاغرىتىشتىن بولىدۇ،ئۇ ياردەم قىلىش نىيىتىڭىز بولسىمۇ قولىڭىزدىن كەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ،سىزنىڭچە بۇ خىل ھېسىياتنىڭ پايدىسى بارمۇ؟شۇڭا باشقىلارغا ھېسىداشلىق قىلماڭ،باشقىلارنىڭ ھېسىداشلىقىنىمۇ قوبۇل قىلماڭ . ئۆزىڭىزنىڭ بىر كەسپى بولسۇن دۇنيا ئەممە ئادەمگە نىسبەتەن ئوخشاشلا چوڭ،ئۆلگەندىن كېيىن ھەممە ئادەم بۇ دۇنيادىن قۇرۇق قول كېتىدۇ،شۇڭا تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەڭ.مەغلۇب بولامسىز ياكى غەلبە قىلامسىز،سىزگە كېرىكى نەتىجە ئەمەس ،بەلكى جەريان .
|
|