baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 445|ئىنكاس: 18

ئانىنىڭ ئۆمرىدە ئېيتقان 8يالغان سۇزى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئانىنىڭ ئۆمرىدە ئېيتقان 8يالغان سۇزى
    1-بىر بالا كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولغاچقا ،دائىم تويغۇدەك تاماق يىيەلمەيتتى . بۇنداق چاغلاردا ئاپىسى قاچىسىدىكى تاماقنى بالىلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ ،بالىلىرىم ،تېز يەڭلار ،مېنىڭ قوسىقىم ئاچمىدى دەيتتى ----------بۇ ئانىنىڭ ئېيتقان بىرىنچى يالغان سۆزى .
   2- ئوغلى ئۆسۈۋاتقان چاغدا ،جاپاكەش ئانا ئارام كۈنلىرىدە بالىلىرىغا كالتسىي تولۇقلاش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى دەريالاردىن بېلىق تۇتۇپ كېلەتتى ، بېلىق بەكمۇ يېيىشلىق ،شورپىسىمۇ بەك تەملىك ئىدى ، بالىلىرى بېلىقلارنى يەۋاتقاندا ،ئانا بىر چەتتە ئولتۇرۇپ ئۇستىخىنىنى غاجىلايتتى ، ئوغلىنىڭ ئىچى ئاغرىپ ،قاچىسىدىكى بېلىق گۆشىنى قاچىسىغا سېلىپ بەرگەندە ،ئانا ئۇنى يىمەي ،بالىسىنى چىنىسىگە قايتا سېلىپ ،بالام ،تېز يىگىن ،مەن بېلىق يىيىشنى ياخشى كۆرمەيمەن دەيتتى-----------بۇ ئانىنىڭ ئېيتقان ئىككىنچى يالغان سۆزى .
    3-بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ،تىككۈچىلىك قىلىدىغان ئانا بالىلىرىنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى غەملەش ئۈچۈن ،ئاھالىلەر كومىتىتىغا بېرىپ سەرەڭگە قېپى ئەكىلىپ ،كەچلىرى ئۇنى چاپلاپ ياساپ نەچچە تىيىن بولسىمۇ پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى قامدايتتى ،قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ،ئوغلى يېرىم كېچىدە ئويغۇنۇپ كېتىپ ،ئانىنىڭ جىنچىراق ئالدىدا مۈكچۈيۈپ ئولتۇرۇپ سەرەڭگە قېپىنى چاپلاۋاتقانلىقىنى كۆردى ،ئوغلى ،ئاپا بولدى ئۇخلاڭ ،ئەتە سەھەردە يەنە ئىشقا بارىسىز ،دىگەندە ،ئانا كۈلۈپ تۇرۇپ ،بالام ئۇخلاۋەرگىن ،مېنىڭ ئۇيقۇم كەلمىدى دىدى-----------ئانىنىڭ ئېيتقان ئۈچۈنچى يالغان سۆزى.
    4-بالا ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن يىلى ،ئانا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىۋاتقان ئوغلىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئىشىدىن رۇخسەت سوراپ كېلىپ ،ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ئالدىغا كەلدى ،ئانا تومۇز ئىسسىقتا ئۇدا بىرنەچچە سائەتلەپ تۇردى ،ئىمتىھاندىن چىقىش قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا ،ئانا قېنىق دەملەنگەن بىر قاچا چاينى ئوغلىنىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈپ كەلدى ،قېنىق دەملەنگەن بۇ چايغا چوڭقۇر مىھرى -مۇھەببەت سىڭدۈرۈلگەنىدى ، ئوغلى ئانىنىڭ قۇرۇپ يېرىلىپ كەتكەن لەۋ ۋە تەرگە چۆمگەن چېھرىگە قاراپ ،قولىدىكى چاينى ئانىغا ئۇزاتتى ،بۇ چاغدا ئانا ،بالام ،تېز ئىچىۋال ،مەن ئۇسسۇمۇدۇم دىدى--------------بۇ ئانىنىڭ ئېيتقان تۆتىنچى يالغان سۆزى.
    5-جۆرىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ،ئانا ھەم ئاتا ،ھەم ئانا بولۇپ ،تىككۈچىلىكتىن تاپقان ئازغىنە پۇلى بىلەن بالىلىرىنى ئوقۇتۇپ ،جاپالىق تۇرمۇش كەچۈردى ،كوچا دوقمۇشىدا سائەت رىمونت قىلىدىغان ئۇستام بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ،ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ ،كۆمۈر ۋە سۇلىرىنى ئەكىرىشىپ ،ئازراق پۇل ۋە ئاشلىق بېرىپ ،ئۇلارنى قامداپ تۇردى ،خوشنىلار بۇنى كۆرۈپ ،ئانىغا ئۇ كىشىنى سايە قىلىپ ،بۇنداق جاپا تارتقۇچە توي قىلىۋېلىشنى نەسىھەت قىلدى . لېكىن ئانا ئۇزۇن يىلغىچە قايتا ياتلىق بولمىدى ،باشقىلار قايتا -قايتا نەسىھەت قىلغاندا ،ئانا، مەن ئۇنى ياقتۇرمايمەن دەيتتى--------------ئانىنىڭ بەشىنچى يالغان سۆزى.
    6-بالىلىرى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ،ئىشسىز قالغان ئانا يېقىن ئەتراپتىكى دىققانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا كىچىك بىر يايما ئېچىپ تۇرمۇش كەچۈردى ، سىرتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان بالىلىرى ئانىغا دائىم پۇل ئەۋەتىپ تۇرغان بولسىمۇ ،لېكىن ئانا بالىلىرىنىڭ پۇلىنى زادى ئالماي ،قايتۇرۋېتىپ ،پۇلۇم بار! دەيتتى-----------ئانىنىڭ ئالتىنچى يالغان سۆزى.
     7-بالا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،ئىككى يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى ،كېيىن ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق ئامىرىكىدىكى بىر داڭلىق ئۇنۋىرسىتېتقا دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى ،مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئامىرىكىدىكى مائاشى يۇقۇرى ،شارائىتى ياخشى بىر تەتقىقات ئورگىنىدا ئىشلەپ قالدى ،چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان بالا ئانىنى ئەكىلىۋېلىپ بۇ راھەتتىن بەھرە ئالدۇراي دىسە ،ئانا بۇنىڭغا قوشۇلماي ،مەن ئۇ يەرگە كۆنەلمەيمەن دىدى--------------ئانىنىڭ يەتتىنچى يالغان سۆزى .
    8-ياشىنىپ قالغان ئانا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇپ ،دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى ،يىراق ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئۇ چېتىدە تۇرۇۋاتقان ئوغلى ئايرۇپىلان بىلەن قايتىپ كەلگەن چاغدا ،ئوپېراتسىيىدىن چىققان ئانىنىڭ تېنىقى ئارانلا قالغان ئىدى ،ئوغلى كېسەل ئازابى تارتقان ئانىغا قاراپ ،قاتتىق ئازاپلاندى ،ئۇنىڭ ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرى ئىختىيارسىز تۆكۈلمەكتە ئىدى ،بۇ چاغدا ئانا ، بالام، يىغلىما ،ھېچيېرىم ئاغرىمىدى دىدى------------------بۇ ئانىنىڭ ئېيىتقان ئاخىرقى يالغان سۆزى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-11-19 11:12:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بىچارە ئۇلۇق ئانىلار،بالا،بالا،بالا.........دەپلا ئۆتكەن.
ۋاقتى: 2013-11-19 14:01:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلىقى بىر ئۆمۈر ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈ ن قۇربان  بېرىشىدە .
ۋاقتى: 2013-11-19 22:41:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىغا كەلگىچە ئاران چىدىدىم ،يىغلىماي دېسەممۇ كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياشلار سىرغىپ چۈشتى ......ئانىلار بالا تۇغقانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغ ئەمەس ،بەلكى قۇربان بېرىش روھى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغدۇر .....
ۋاقتى: 2013-11-21 18:59:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنىڭ فىلىمىنى كۆرگەن، بەك تەسىرلىك...
ۋاقتى: 2013-11-22 00:34:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن رەخمەت سىزگە دىمىسىمۇ ئانىلار دۇنيادا ئەڭ قەدىرلىك ......ھەرقانچە تەرىپلىسەكمۇ ئەرزىيدۇ.
ۋاقتى: 2013-11-22 10:50:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا دۇنيادا ھەممىدىن ئانا ئۇلۇغ. جەننەتنى دەل شۇ ئانا ئايىغى ئاستىدا دەيمىز ئەمەسمۇ
ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن تىنى سالامەت بولسۇن.    ئامىن
ۋاقتى: 2013-12-3 13:28:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن ، يەنە نىمىلەرنى دېيىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم. ئاللاھ ئانىلىرىمىزنىڭ تارتقان جاپالىرىنى يەردە قويمىغاي!
ۋاقتى: 2013-12-8 18:11:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن ئويلايمەن دۇنيادا ھەممىدىن ئانا ئۇلۇغ.
ۋاقتى: 2013-12-13 17:57:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق يالغان گەپلەرنى قىلىش پەقەت ۋە پەقەت ئانىنىڭ قولىدىنلا كىلىدۇ، خالاس.
شۇڭا ئىنسانىيەت ئالىمىدە ئانىدىن ئۇلۇغ ئىنسان يوق.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 16:44, Processed in 0.282570 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش